137931: ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى شۇنداقلا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرىسىدا


سەھىھ مۇسلىم، نەسائى ۋە ئەبۇ داۋۇدتا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: دۇشەنبە كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ سەۋەبىدىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەن دۇشەنبە كۈنىدە تۇغۇلدۇم» دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە روزا تۇتسا توغرا بولامدۇ؟ مۇشۇ ھەدىسكە ئاساسەن بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە روزا تۇتسا توغرا بولامدۇ؟ بۇ توغرىدا ئېنىق چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Published Date: 2017-12-03

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن دۈشەنبە كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ سەۋەبىدىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مەن دۈشەنبە كۈنىدە تۇغۇلدۇم ۋە ئۇ كۈندە ماڭا پەيغەمبەرلىك ۋەھى نازىل قىلىندى» دېگەن. [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان 1162-ھەدىس].

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا توغرىلىنىدۇ، مەن ئەمىلىمنىڭ روزا تۇتقان ھالىتىمدە ئاللاھقا كۆتۈرۈلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.» [تىرمىزى رىۋايىتى 747-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرى توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   ئىلگىرى بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەردىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇ كۈنىدە تۇغۇلغانلىقتىن ئىبارەت نېمەتكە شۈكۈر ئېيتىپ دۈشەنبە كۈنىدە روزا تۇتقانلىقى ئوچۇقلاندى، ئۇ كۈندە ئەمەللەر ئاللاھغا توغرىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئەمىلىنىڭ روزا تۇتقان ھالەتتە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كۆتۈرۈلىشىنى ياقتۇردى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاشۇ كۈنىدە تۇغۇلىشى بولسا، بۇ كۈندە روزا تۇتۇشنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىر سەۋەپ ھېسابلىنىدۇ.

     دۈشەنبە كۈنىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا تۇتقاندەك روزا تۇتۇپ، ئاللاھدىن مەغپىرەت تېلەپ، مۇشۇ كۈندە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ كۈندە تۇغۇلۇپ، پەيغەمبەر قېلىپ ئەۋەتىلىشى ئۇ نېمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ھېسابلىنىدۇ، ئاشۇ كۈندە خاتالىقلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولۇشنى ئۈمىد قىلىپ روزا تۇتقان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بېكىتىلگەن سۈننەت ئەمەلگە مۇۋاپىق كەلگەنلىك دېگەن ئىنتايىن ياخشى ئىش ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بۇنداق شەكىلدە روزا تۇتۇشنى مەلۇم بىر ھەپتىگە ياكى بىر ئايغا خاس قىلىۋالماستىن بەلكى ئىمكانىيىتى يار بەرسە يىلنىڭ ھەممىسىدە شۇنداق قىلىش كېرەك.

    ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يىلدىن مەلۇم بىر كۈنگە خاس قىلىپ روزا تۇتۇش بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە زىت بولغان بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۈشەنبە كۈنىدە روزا تۇتقان، بۇ يىلدا، ئايلاردا ۋە ھەر ھەپتىلەردە بىزگە مەلۇملۇق بولغان دۈشەنبە كۈنىدۇر.

    مەۋلۇد پائالىيتى ئېلىپ بېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدىكى 13810 ۋە 70317- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   ئىككىنچى: ھازىرقى دەۋرىدە كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان تۇغۇلغان كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش بولسا شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان بىدئەت ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن باشقا بايراملىرى بولمايدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى 26804- ۋە 9485-نۇمۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى ھەقىقى نېمەت ۋە ئومۇمى ئىنسانلار ئۈچۈن كاتتا رەھمەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا رَحْمَةً لِلْعَالَمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق.» [سۈرە ئەنبىيا 107-ئايەت].

    ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ ئاچقۇچىدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن باشقا بىر ئىنساننىڭ تۇغۇلىشى ياكى ۋاپات بولىشى بىلەن شۇنداق ئىشلار بولغانمۇ؟!!.

    ئاندىن ساھابىلار ئۇلاردىن كېيىنكى ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەردىمۇ شۇنداق ئىشلار بولغانمۇ؟!.

   ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ ھېچبىرى ھەپتىدىن ياكى ئايدىن ياكى يىلدىن بىر كۈندە روزا تۇتۇش ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن روزا تۇتقان ھەر ھەپتىدىن ئاشۇ كۈننى يەنى دۈشەنبە كۈنىنى بايرام كۈنى قىلىۋېلىشنىڭ توغرا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بىرەر ئەسەر بايان قىلىنمىدى، ئەگەر شۇنداق قىلىش يولغا قويۇلغان بولسا ياخشىلىققا ئېنتىلگۈچى، پەزىلەتلىك ئىلىم ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئۇ ئىشنى ھەممىدىن بۇرۇن روياپقا چېقارغان بولاتتى، ئۇلار ئۇنداق قىلمىغاندىن كېيىن ئۇ ئىشنىڭ يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن، ئەمەل قىلىش دۇرۇس بولمايدىغان بىدئەت ئىش ئىكەنلىكى ئوچۇقلاندى.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر

ئىسلام سوئال جاۋاب تورى
Create Comments