Wed 1 Jm1 1437 - 10 February 2016
13930
سەپەر ئېيىدىن، ھۇقۇشتىن، شامالدىن ۋە ئىزىتقۇ جىندىن شۇم پال ئىلىش يوق دېگەن ھەدىسنىڭ مەنىسى توغرىسىدا
مەن: سەپەر ئېيىدىن، ھۇقۇشتىن، ئاي مەنزىلىسىدىن ۋە ئىزىتقۇ جىندىن شۇم پال ئىلىش يوق دېگەن مەزمۇندا بىر ھەدىسنى ئوقۇدۇم، مۇشۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن.


    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئىبنى مۇپلىھ ئەلھەنبەلى رەھىمەھۇللار مۇنداق دەيدۇ: "مۇسنەدتە، بۇخارى، مۇسلىم ۋە باشقا ھەدىس توپلاملىرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «ھۇقۇشتىن، سەپەر ئېيىدىن شۇم پال ئىلىش يوق» دېگەن ھەدىس بايان قىلىنغان، ئىمام مۇسلىم ۋە ھەدىس ئالىملىرى: « ئاي مەنزىلىسىدىن ۋە ئىزىتقۇ جىندىن شۇم پال ئىلىش يوق» دېگەن سۆزنى ئارتۇق كەلتۈرگەن.

    بۇ سۆزلەرنىڭ چۈشەندۈرلىشى: ھۇقۇش، ئەرەپلەر جاھىلىيەت دەۋرىدە، بىر كىشى ۋاپات بولۇپ دەپنى قىلىنغاندىن كىيىن ئۇ كىشىنىڭ قەبرىسىدىن ھۇقۇش چىقىدۇ دەيتتى. ئۇلار خىيالىدا ۋاپات بولغۇچىنىڭ سۆڭەكلىرى ھۇقۇشقا ئايلىنىپ ئۇچىدۇ دەپ ئويلايتتى، ئۇلار يەنە:" باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ باش تەرىپىدىن ھۇقۇش چىقىدۇ، ماڭا سۇ بېرىڭلار، ماڭا سۇ بېرىڭلار دەپ توختىماي سايرايدۇ، ھەتتا قاتىلدىن قىساسىنى ئىلىپ ئۆلتۈرىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلاتتى.

     سەپەر ئېيىدىن شۇم پال ئىلىش يوق دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: ئەرەپلەر جاھىلىيەت دەۋرىدە سەپەر ئېيىنىڭ كىرىشىدىن شۇم پال ئالاتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «سەپەر ئېيىدىن شۇم پال ئىلىش يوق» دېگەن، يەنە بىر قاراشتا: ئەرەپلەر ئىنساننىڭ قورسىغىدا يىلان بولۇپ، ئەر-ئاياللار مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە يىلان ئەر كىشىگە ئازار يەتكۈزىدۇ ۋە دۈشمەنلىك قىلىدۇ دەپ قارايتتى. ئىسلام دىنى بۇ قاراشنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بىكىتتى.

    ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ: جاھىلىيەت ئەھلى بىر يىلى سەپەر ئىيىنى ئۇرۇش چەكلەنگەن ئاي دىسە، يەنە بىر يىلى ئۇرۇش چەكلەنمىگەن ئاي دەپ بىكىتەتتى، دەيدۇ.

    ئاي مەنزىلىسى دېگەن: ئاينىڭ 28 چۈشۈش ئورنى بولۇپ، ھەدىستە بايان قىلىنغىنى ئۇنىڭ بىرى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالْقَمَرَ قَدَّرْنَاهُ مَنَازِلَ﴾ تەرجىمىسى: «ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق» [سۈرە ياسىن 39-ئايەت].

    ئاي ھەر ئون ئۈچ كۈندە تاڭ يورۇش بىلەن غەرىب تەرەپتە بىر ئورۇنغا چۈشىدۇ، يەنە ئون ئۈچ كۈندىن كىيىن شەرق تەرەپتىن كۆتۈرلىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى يىلنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، ئەرەپلەر ئاينىڭ چۈشۈش ئورنى بىلەن كۆتۈرلۈش ئورنى بىر-بىرىگە ئۇدۇل كەلگەندە يامغۇر ياغىدۇ دەپ قاراپ، يامغۇرنى ئاينىڭ كۆتۈرۈلۈش ئورنىغا نىسبەت بېرەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاي پالانى ئورۇنغا چۈشكەندە، پالانى يۇلتۇز چاقنىغاندا يامغۇر ياغىدۇ دەيتتى.

    ئەمما مۇسۇلمانلار يامغۇرنى ئاللاھ تائالا بىزگە ياغدۇرۇپ بەردى، ئادەتتە مۇشۇنداق ۋاقىتتا يامغۇر ياغىدۇ دەپ قارايتتى. ئاينىڭ چۈشۈش ئورنىدىن شۇم پال ئىلىشنىڭ ھاراملىقى ياكى ياخشى كۆرۈلمەيدىغانلىقى توغىرسىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بار.

    ئىزىتقۇ جىن-شەيتانلاردىن شۇم پال ئىلىش يوق دېگەن سۆزنىڭ چۈشەندۈرلىشى: ئەرەپلەرنىڭ "غول" دېگەن سۆزى جىن ياكى شەيتاننىڭ بىر تۈرى بولۇپ، چۆل-باياۋاندا كىشىلەرگە كۆرۈنۈپ تۈرلۈك ئاۋاز چىقىرىپ ئۇلارنى ئازدۇرۇپ ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدۇ دەپ قارايدۇ، ئىسلام دىنى بۇ تۈردىكى باتىل قاراشلارنى رەت قىلىدۇ.

    يەنە بىر قاراشتا ئىسلام دىنى ئىزىتقۇ-جىنلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى رەت قىلمىدى بەلكى ئەرەپلەرنىڭ ئىزىتقۇلار ئىنساننى ئازدۇرۇپ ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدۇ دېگەندەك قاراشلىرىنى رەت قىلدى دېيىلىدۇ، چۈنكى ئىزىتقۇ-شەيتانلار ئەمەلىيەتتە ھېچ كىشىنى ئازدۇرۇشقا قادىر بولالمايدۇ. بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان: «ئىزىتقۇ-شەيتانلار زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ لىكىن خىيال قىلدۇرۇپ ئارىلاشتۇرىۋىتىدۇ» دېگەن ھەدىس ئىسپاتلايدۇ. خەللالنىڭ تاۋۇستىن نەقىل قىلغان رىۋايىتىدە، بىر كىشى سەپەردە تاۋۇس رەھىمەھۇللاھغا ھەمرا بولغان، بىر جايدا قاغا قاقىلدىغاندا، ئۇ كىشى: ياخشىلىق، ياخشىلىق، دېگەندە، تاۋۇس رەھىمەھۇللاھ ئۇ ئادەمگە:" قارغىنىڭ قاقىلدىشىدىن ياخشىلىق ياكى يامانلىق كۈتىلەمدۇ؟!! دەپ ئاچچىقلاپ سەن ماڭا ھەمراھ بولمىغىن دەيدۇ. ["شەرئىيەت ئادابلىرى" ناملىق ئەسەر 3-توم 369-370-بەتلەر].

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بەزى ئالىملار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «كېسەل ئادەم ساق ئادەمنىڭ يىنىغا كىرمىسۇن» دېگەن ھەدىسنى :«قوتا تۈگىدىن ساق تۈگىگە كېسەل يۇقۇش يوق» دېگەن ھەدىس بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان دەپ قارايدۇ، بۇ قاراش توغرا ئەمەس، بىز ھازىرلا سۆزلەپ ئۆتتۇق، چەكلەنگەن ئىش بولسا، رۇخسەت قىلىنغان ئىشتىن ئايرىم بىر ئىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىستە چەكلىگىنى: «كېسەلنىڭ يۇقىشى يوق، سەپەر ئېيىدىن شۇم پال ئىلىش يوق» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ شېرىك ئىتىقادى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىتىقادى ئۆزلىرىنىڭ شېرىك ۋە كۇپىر ئاساسىغا قۇرۇلغان.

    ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «كېسەل ئادەم ساق ئادەمنىڭ يىنىغا كىرمىسۇن» دېگەن ھەدىسى توغىرسىدا ئىككى خىل قاراش بار:

    بىرىنچى: ئاللاھ تائالا يۇقۇشنى تەقدىر قىلغان بىر ئىشقا نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە قىيىنچىلىق ۋە قورقۇشنىڭ پەيدا بولىشى، كېسەل يۇقىدۇ دېگەن ئىتىقاد بىلەن يىنىغا كىرگەن كىشىلەردىن تەشۋىشلىنىش، ئۇلارغا قوپاللىق قىلىش قاتارلىق ئىھتىماللار بولۇپ، مەزكۇر ھەدىس بىلەن بۇنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق زىتلىق يوق.

    ئىككىنچىسى: كېسەل ئادەمنىڭ ساق ئادەمنىڭ يىنىغا كىرىشى ئاللاھ تائالانىڭ ساق ئادەمگە پەيدا قىلىدىغان كېسەللىكىنىڭ سەۋەبى بولۇپ قىلىشى ۋە كېسەل كىرىشى سەۋەبى بىلەن ساق ئادەمگە كېسەل يۇقىشى مۇمكىن، ئاللاھ تائالا ساق ئادەمگە كېسەلنىڭ يۇقىشىنى كېسەللىكنىڭ قارشىسىدىكى سەۋەبلەر بىلەن ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان سەۋەپلەر بىلەن چەكلەپ قويۇشى مۇمكىن، بۇ شېرىك ئەھلىنىڭ قارشىسىدىكى خالىس تەۋھىد ئەقىدىسى بىلەن بولىدۇ.

     بۇ ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەت كۈنىدە شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ شاپائىتىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەتكە ئوخشايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَنفِقُوا مِمَّا رَزَقْنَاكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِيَ يَوْمٌ لَّا بَيْعٌ فِيهِ وَلَا خُلَّةٌ وَلَا شَفَاعَةٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! سودا - سېتىق، دوستلۇق ۋە (اﷲ نىڭ ئىزنىسىز) شاپائەت بولمايدىغان كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) يىتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەرگە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن مال - مۈلۈكلەردىن (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىڭلار.» [سۈرە بەقەرە 254-ئايەت].

     ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدە شاپائەتنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىسپاتلايدىغان مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر بىلەن بۇ ئايەتنىڭ ئارىسىدا ھېچ قانداق زىتلىق يوق. ئايەتتە ئاللاھ تائالا شېرىك ئەھلىنىڭ شېرىك ئىتىقادى بىلەن ئىسپاتلىغان يەنى شاپائەت قىلغۇچىنىڭ شاپات قىلىنغۇچى رۇخسەت قىلمىسىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا شاپائەت تەلەپ قىلىدىغان يولسىز شاپائىتىنى چەكلىدى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئىسپاتلىغان شاپائەت بولسا، ئاللاھ تائالا رۇخسەت قىلغاندىن كىيىن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿مَن ذَا الَّذِي يَشْفَعُ عِندَهُ إِلَّا بِإِذْنِهِ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز كىممۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا شاپائەت قىلالىسۇن.» [سۈرە بەقەرە 255-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا يَشْفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ارْتَضَىٰ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلار ئاللاھ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ.» [سۈرە ئەنبىيا 28-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تَنفَعُ الشَّفَاعَةُ عِندَهُ إِلَّا لِمَنْ أَذِنَ لَهُ﴾ تەرجىمىسى: «ئاللاھ ئىزنى بەرگەن ئادەمدىن باشقىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ.» [سۈرە سەبەئ 23-ئايەت]. ["ھاشىيەتى سۈنەن ئەبى داۋۇد" 10-توم289-291-بەتلەر].

    ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى