سەيشەنبە 14 شەۋۋال 1445 - 23 ئاپرىل 2024
Uygur

ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قىلىپ ئۆزىنىڭ تۇتقان روزىسىدىمۇ شەك قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مەن يىگىرمە تۆت ياشلىق بىر قىز، مەن ئون يەتتە ياشقا كىرگەندە كۈچلۈك ۋەسۋەسە كېسىلىگە گېرىپتار بولۇپ قالدىم، شۇ ۋاقىتتىن بېرى داۋالىنىۋاتىمەن، لېكىن ۋەسۋەسە مەندىن كەتمىدى، ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ، مۇشۇ كۈنلەردە ماڭا مۇنداق بىر پىكىر كېلىپ قالدى: مەن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، قەستەن روزامنى بۇزۇۋەتكەن ئىدىم، ھازىرمۇ قەستەن روزامنى بۇزىۋەتتىم، مەن مۇشۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ كەتتىم، ئېسىمگە ئالالمايمەن، يەنە قانچە قېتىم روزامنى بۇزىۋەتكەنلىكىمنى ئىسىمگە ئالالمايمەن. مەن بەزى ۋاقىتتا روزىنى بۇزۇپ ئىپتار قىلىۋەتكەن بولسام قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    سىز ئۆزىڭىزنىڭ رامىزاندا روزىنى بۇزىۋەتكەنلىكىڭىزنى ئېسىڭىزگە ئالالمىسىڭىز بۇ شەك سىزگە ئۆزىڭىزدىكى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى ئارقىلىق ھاسىل بولغان بولسا، بۇ ھالەتتە سىزگە ھېچ نەرسە بولمايدۇ. ئۆلىمالار مۇنداق بىر قائىدىنى بايان قىلدى: مۇسۇلمان كىشى بىر ئىبادەتنى باشلاپ، ئۇنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇنى توغرا شەكىلدە قىلدىمۇ ياكى خاتا قىلدىمۇ؟بۇنىڭدا شەكلىنىپ قالغان بولسا، ئۇ كىشى شەككە قارىمايدۇ، بەلقكى قىلغان ئىبادىتى توغرا بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ قائىدە بەك مۇھىمدۇر، ئىبادەتنى ئادا قىلىپ بولغاندىن پەيدا بولغان شەكنىڭ ئىبادەتكە تەسىرى بولمايدۇ، بەزى كىشىلەر نامازنى ئوقۇپ سالام بېرىپ بولغاندا، شەيتان كېلىپ ۋەسۋەسە قىلىپ: پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمىدىڭ، پەقەت بىر قېتىملا سەجدە قىلدىڭ دېگەندەك شەكلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ئىبادەتنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان شەكنىڭ ئىبادەتكە تەسىرى بولمايدۇ.

    نۇرغۇن كىشىلەر شەك قىلىدۇ، ئىبادەتنى شەك قىلماي ئادا قىلالمىغىلى تاس قالىدۇ، بۇنداق شەكىلدە شەك قىلىش بولسا شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بولۇپ بۇنىڭغا پەرۋا قىلىنمايدۇ. ["مەدىنە ھەرەم پەتىۋاسى"153-بەت].

    شۇنىڭغا ئاساسەن، شەيتان ۋەسۋەسە قىلىپ، سەن روزىنى بۇزىۋەتتىڭ دېگەندەك شەكلەرنى پەيدا قىلسا، سىز بۇنىڭغا قارىماي، كۆڭلىڭىزنى راھەت تۇتۇپ بۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولماڭ.

     بۇ توغرىدا ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ زىكىر قىلغان قىزىقارلىق بىر سۆزنى كەلتۈرىمىز، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: "بىزگە يەتكەن خەۋەردە، بىر كىشى ئەبۇ ھازىمنىڭ يېنىغا كېلىپ: شەيتان مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ سەن ئايالىڭنى تالاق قىلىۋەتتىڭ دەپ مېنى شەككە چۈشۈرۈپ قويدى دەيدۇ، ئەبۇ ھازىم ئۇ كىشىگە: سەن راستىنلا ئايالىڭنى تالاق قىلغانمىدىڭ؟دەيدۇ، ئۇ كىشى: ياق دەيدۇ، ئەبۇ ھازىم: سەن تۈنۈگۈن كېلىپ مېنىڭ يېنىمدا ئايالىڭنى تالاق قىلغان ئىدىڭغۇ؟ دەيدۇ، ئۇ كىشى: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىزنىڭ يېنىڭىزغا پەقەت بۈگۈنلا كەلدىم، مەن ھېچ قانداق تەرەپتىن ئايالىمنى تالاق قىلمىغانتىم؟دەيدۇ، ئەبۇ ھازىم: سەن ھازىر ماڭا قەسەم قىلغاندەك شەيتان كېلىپ ۋەسۋەسە قىلسا شەيتانغىمۇ شۇنداق قەسەم قىلغىن دەيدۇ، سالامەت بولغىن دەيدۇ". ["ئەل ئەزكىيا"31-بەت].

بۇ ۋەسۋەسىنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى، ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىش، دۇئا قىلىش ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەش ئاندىن كېيىن بۇ ۋەسۋەسىدىن يۈز ئۆرۈش ۋە بۇنىڭغا قارىماسلىق، بۇنداق پىكىرلەردىن قول ئۈزۈش ۋە كۆڭۈل بۆلمەسلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق قىلىش گەرچە قېيىن بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ چارىسى بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە كۆپراق مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 62839- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى