جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەج مەزگىلىدە ئادەت كۆرۈپ قالدى، يالغۇز قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ

سۇئال

بىر ئايال ھەج قىلىش ئۈچۈن ھەرەمگە كېلىپ ھەج ئۈچۈن ئېھرامغا كىرىپ بولغاندىن كىيىن ئادەت كۆرۈپ قالدى، ئۇ ئايالنىڭ مەھرىمى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى جىددى سەپەر قىلىشى كېرەك. شۇنداقلا ئۇ ئايالنىڭ مەككىدە باشقا يېقىنلىرى يوق بولسا قانداق قىلىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا ئەگەر ئۇ ئايال مەدىنە ۋە مەككە تەۋەلىكىدە بولسا، ئېھرامدىكى ھالەتتە مەھرىمى بىلەن بىرلىكتە قايتىدۇ، ھەيزدىن پاك بولغاندىن كىيىن قايتىپ كېلىدۇ. ئىككى ھەرەم دىيارىدا تۇرىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن قايتىپ كېلىش قىيىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلار پاسپورت قاتارلىق نەرسىلەرگە ئېھتىياجلىق بولمايدۇ. ئەمما چەتئەلدىن كەلگەنلەر بولسا ئۇلارنىڭ قايتا كېلىشى قېيىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئايال مەسجىد ۋە مۇقەددەس ئورۇنلارنىڭ پاكىزلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن، ئەۋرىتىگە لاتا ياكى قەغەز قاتارلىق قاننى ۋاقىتلىق توسۇپ قالىدىغان نەرسىلەرنى قوللىنىپ تاۋاپ قىلىدۇ، سەئيى قىلىدۇ، چېچىنى قىسقارتىپ شۇ قېتىملىق سەپىرىدە ئۆمرە پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئايالنىڭ قىلغان تاۋاپى زۆرۈرىيەت سەۋەبلىك بولدى. شۈبھىسىزكى، زۆرۈرىيەت چەكلەنگەن ئىشلارنى دۇرۇس قىلىدۇ.

ئەمما ئۇنداق ھالەتتە ۋىدالىشىش تاۋاپى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ھەيزدار ئاياللارغا ۋىدالىشىش تاۋاپى قىلىش لازىم ئەمەس. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: ھەجدە كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىشى كەبىنى تاۋاپ قىلىشتۇر، ئەمما بۇ ھەيىزدار ئايالدىن كەچۈرۈم قىلىندى. [مۇسلىم رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سەپىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەرز تاۋاپنى قىلىپ بولغانلىقى خەۋەر بېرىلگەندە، يولغا چىقىشقا بۇيرىغان. بۇ ھەدىس ھەيىزدار ئاياللاردىن ۋىدالىشىش تاۋاپىنىڭ ساقىت بولىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. ئەمما پەرز تاۋاپنى قىلىش لازىم. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ ھەيز توغرىسىدا 60 سوئال ناملىق ئەسىرى].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى