جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

نامازدا ئىمام قىرائەتتە خاتالاشسا، ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ ئىمامغا تۈزۈتۈش بېرىشى توغرىسىدا

14278

تارقاتقان ۋاقىت : 29-12-2013

كۆرگۈچىلەر : 3545

سۇئال

ئىمام پەرز نامازدا قىرائەتتە ئېزىقىپ كەتسە ياكى ئوقۇۋاتقان سۈرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىرەر ئايەتنى ئۇنتۇپ قالسا، ئىقتىدا قىلغۇچى ئىمامنىڭ خاتاسىنى توغرىلاپ قويىشى دۇرۇسمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بۇ ئىمامغا لوقما سېلىش مەسىلىسى بولۇپ، ئىمامغا لوقما سېلىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

ئىمام بولغۇچى ئايەتنى قەستەن خاتا ئوقۇسا، يەنى ناماز توغرا بولمايدىغان دەرىجىدە خاتا ئوقۇسا، مانا بۇ ۋاقىتتا ئىمامغا لوقما سېلىشى ۋاجىپ بولىدۇ. مەسىلەن: پاتىھە سۈرىسىنى ئايەتنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ كەتكىدەك دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ ئوقۇسا، بۇ ۋاقىتتا ئىمامغا لوقما سېلىش ۋاجىپ بولىدۇ. چۈنكى پاتىھە سۈرىسىنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىش بىلەن ناماز بۇزۇلىدۇ. شۇنىڭدەك، پاتىھە سۈرىسىدىن بىرەر ئايەتنى چالا قويسا، يەنى ئوقۇماي ئۆتۈپ كەتسە ناماز بۇزۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىمامغا لوقما سېلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

ئەمما ناماز بۇزۇلمايدىغان لېكىن كامىل بولىشىغا تەسىر يېتىدىغان ئورۇنلاردا ئىمامغا لوقما سېلىش مۇستەھەپ بولىدۇ. ئەگەر ئىمام پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن سۈرە ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالسا، بۇ ۋاقىتتا ئىمامنى ئاگاھلاندۇرۇش سۈننەتتۇر.

بۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان، سىلەر ئۇنتۇپ قالغاندەك مەنمۇ ئۇنتۇپ قالىمەن. ئەگەر ئۇنتۇپ قالسام، ئىسىمگە سىلىپ قويۇڭلار.[بۇخارى رىۋايىتى401].

يۇقىرىدىكى ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېسىگە سىلپ قويۇشقا بۇيرىغان. بىر قېتىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدا قىرائەتتە ئېزىقىپ كېتىدۇ، نامازدىن كېيىن ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: نامازدا ماڭا لوقما سېلىشىڭدىن نېمە چەكلەپ قالدى، دېدى.

يۇقىرىقى ھەدىستىنمۇ نامازدا جامائەت ئارىسىدىن بىرىنىڭ ئىمامغا لوقما سېلىشنىڭ دۇرۇسلىقى ۋە نامازنىڭ ساغلام ئادا بولىشى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىشلاردىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.

[شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ "شەرھ ئەلمۇمتىئ" ناملىق ئەسىرى 3-توم 346-347-بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد