14526: جەننەت-دوزاخ باردۇر، ئۇ ئىككىسى ئاللاھنىڭ قالدۇرغىنىغا قەدەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ


جەننەت ۋە دوزاخ ھازىر مەۋجۇتمۇ؟ ياكى ئۇ ئىككىسى تېخى يارىتىلمىغانمۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

Published Date: 2012-09-24

جاۋاب:

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئالىملىرى جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ يارىتىلىپ بولغانلىقى، ھازىر بار ئىكەنلىكىگە بىردەك ئىتتىپاق كەلگەن، بۇ ھەقتە قۇرئان-ھەدىستە بايان قېلىنغان دەلىللەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ھېچ كىشى بۇنىڭدىن شەك قىلمايدۇ.

قۇرئان كەرىمدىن دەلىللەر:

ئاللاھ تائالا جەننەت ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ﴿وَسَارِعُوٓاْ إِلَىٰ مَغۡفِرَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ وَجَنَّةٍ عَرۡضُهَا ٱلسَّمَٰوَٰتُ وَٱلۡأَرۡضُ أُعِدَّتۡ لِلۡمُتَّقِينَ﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىنچە كېلىدىغان جەننەتكە ئالدىراڭلار»[سۈرە ئال-ئىمران 133-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ سَابِقُوٓاْ إِلَىٰ مَغۡفِرَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ وَجَنَّةٍ عَرۡضُهَا كَعَرۡضِ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ أُعِدَّتۡ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦۚ﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مەغپىرىتىنى، كەڭلىكى ئاسمان ـ زېمىندەك كېلىدىغان جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈڭلار، ئۇ جەننەت ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقانلارغا تەييارلانغان» [سۈرە ھەدىد 21- ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَقَدۡ رَءَاهُ نَزۡلَةً أُخۡرَىٰ ١٣ عِندَ سِدۡرَةِ ٱلۡمُنتَهَىٰ ١٤ عِندَهَا جَنَّةُ ٱلۡمَأۡوَىٰٓ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا دەرىخىنىڭ يېنىدا كۆردى. جەننەتۇلمەئۋا بولسا سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدىدۇر» [سۈرە نەجم 13-14-15- ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا جەھەننەم توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَٱتَّقُواْ ٱلنَّارَ ٱلَّتِي وَقُودُهَا ٱلنَّاسُ وَٱلۡحِجَارَةُۖ أُعِدَّتۡ لِلۡكَٰفِرِينَ﴾ تەرجىمىسى: «كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار» سۈرە بەقەرە 24-ئايەت]. يۇقىرىدىكى ئايەتلەر جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ھازىرمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

ھەدىس شېرىپتىن دەلىللەر:

ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سىدرەتۇلمۇنتەھا دەرىخىنى كۆردى. سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدا جەننەتۇلمەئۋانى كۆردى، دېيىلگەن. مەزكۇر ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا: «جەبرائىل مېنى سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىغا ئىلىپ كەلدى، ئۇ دەرەخنى تۈرلۈك رەڭلەر ئوراپ تۇرۇپتۇ. مەن ئۇ رەڭلەرنى بىلەلمىدىم. ئاندىن جەننەتكە كىردىم، جەننەتنىڭ تورۇسلىرى مەرۋايىت، توپىلىرى مىسىك-ئەمبەردىن ئىكەن» دەيدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭغا ئەتتىگەن-ئاخشامدا تۇرىدىغان ئورنى كۆرسىتىلىدۇ، جەننەت ئەھلى بولسا جەننەتتىن، دوزاخ ئەھلى بولسا دوزاختىن ئۆزىنىڭ ئورنىنى كۆرىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە: ئاللاھ قىيامەت كۈنى سېنى قەبرىدىن قوزغىغانغا قەدەر بۇ سېنىڭ ئورنۇڭ، دېيىلىدۇ.» [بۇخارىدا 1290- ھەدىس، مۇسلىمدا 5111-ھەدىس].

بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ئۇزۇن ھەدىستە: «ئاسمان تەەرپتىن بىر چاغىرغۇچى، مېنىڭ بەندەم راست سۆزلىدى، ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ بىساتلىرىدىن سېلىڭلار ۋە جەننەتنىڭ راھەتلىك خۇش-پۇراقلىرى ئۇنىڭغا يېتىپ تۇرىشى ئۈچۈن قەبرىسىدىن جەننەتكە ئىشىك ئىچىڭلار» دەپ نىدا قىلىدۇ.» [بۇ ھەدىسنى ئىبنى قەييىم ۋە شەيخ ئالبانى سەھىھ دەپ قارايدۇ].

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن جەننەتنى كۆردۈم ۋە ئۇ يەردە بىرساپ ئۈزۈم يېدىم، ئەگەر ئۇ ئۈزۈمدىن ئىلىشقا مۇيەسسەر بولغان بولسام سىلەر ئۇنىڭدىن يىگىنىڭلەردە دۇنيانىڭ ھالاۋەتلىرى بىر چەتتە قالغان بولاتتى. دوزاخنى كۆردۈم، مەن بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇنداق قورقۇنۇچلۇق مەنزىرىنى كۆرۈپ باقمىدىم....»[بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى! ئەگەر سىلەر مەن كۆرگەن مەنزىرىلەرنى كۆرگەن بولساڭلار، ئاز كۇلۇپ كۆپ ياش تۆككەن بولاتتىڭلار. دېگەندە، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! نېمىلەرنى كۆردىلە؟ دېيىشتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: جەننەت بىلەن دوزاخنى كۆردۈم، دېدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى 646- ھەدىس].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا جەننەت بىلەن دوزاخنى ياراتقان ۋاقىتتا، جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى جەننەتكە ئەۋەتىپ، سەن جەننەتكە بېرىپ جەننەت ئەھلى ئۈچۈن ئۇيەردە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى. جىبرائىل ئەلەيھىسسالام جەننەتكە كېلىپ، جەننەتتە ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە تەييارلىغان نەرسىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ: سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، جەننەتنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى ئۇ يەرگە كىرىدۇ دېدى. ئاللاھ تائالا جەننەتنى كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان، ئىجرا قىلىش قېيىن تۇيۇلىدىغان ئىشلار بىلەن ئورۇۋىتىشكە بۇيرىدى ۋە جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى سەن قايتىدىن جەننەتكە بېرىپ، جەننەت ئەھلى ئۈچۈن ئۇيەردە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى. جىبرائىل ئەلەيھىسسالام قايتىدىن جەننەتكە كەلگەندە، جەننەتنىڭ كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان، ئىجرا قىلىش قېيىن تۇيۇلىدىغان ئىشلار بىلەن ئورۇۋىتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ: سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ھالەتتە جەننەتكە ھېچ بىر كىشىنىڭ كىرەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن دېدى. ئاللاھ تائالا جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى دوزاخقا ئەۋەتىپ: سەن دوزاخقا ۋە دوزاخ ئەھلى ئۈچۈن ئۇيەردە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى. جىبرائىل ئەلەيھىسسالام بېرىپ قارىسا، دوزاخنىڭ بەزىسى بەزىسىگە گىرەلىشىپ لاۋۇلداپ تۇرۇپتۇ، جىبرائىل ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ: سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭ بىلەن قەسەم قېلىمەنكى، دوزاخنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى ئۇ يەرگە كىرمەيدۇ دېدى. ئاللاھ تائالا دوزاخنى كىشىلەر ياقتۇرىدىغان، كۆڭۈل خائىشى ئىنتىلىدىغان ئىشلار بىلەن ئورۇۋىتىشكە بۇيرىدى ۋە جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنى سەن قايتىدىن دوزاخقا بېرىپ، دوزاخ ئەھلى ئۈچۈن ئۇيەردە تەييارلانغان نەرسىلەرگە قاراپ باققىن دېدى. جىبرائىل ئەلەيھىسسالام قايتىدىن بارغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىغا كېلىپ: سېنىڭ ئۇلۇغلىقىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھېچبىر كىشىنىڭ نىجات تاپالماستىن دوزاخقا كىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن، دېدى.» [تىرمىزى رىۋايىتى].

بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ. ئىمام بۇخارىي ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا ئايرىم بىر بۆلۈم تۈزۈپ: ئۇنى "جەننەتنىڭ سۈپىتى ۋە جەننەت يارىتىلغاندۇر" دېگەن نام بىلەن ئاتىدى ۋە مەزكۇر بۆلۈمدە يۇقىرىدا بايان قېلىنغان ھەدىسلەرنى بايان قىلدى ۋە ۋاپات تاپقۇچى قەبرىسىگە قويۇلغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتتىن ياكى دوزاختىن بولغان ئورنى كۆرسىتىلىدۇ دېگەن ھەدىسنى بايان قىلدى.

دېمەك؛ ئىنسان ئۈچۈن ياراتقۇچىسىغا ئىتائەت قىلىپ، جەننەتكە كېرىشكە نائىل بولۇشى ئۈچۈن تائەت-ئىبادەتكە تىرىشىشى، شۇنداقلا جەھەننەمنىڭ دەھشەتلىك ئازابلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن گۇناھ-مەسىيەتتىن قول ئۈزۈشىلا قالدى.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، "شەرھى ئەقىدەتۇت تەھاۋىيە"نىڭ 1-توم 475-بەتكە، شەيخ ئۆمەر ئەشقەرنىڭ "جەننەت ۋە دوزاخ" ناملىق ئەسىرىنىڭ 13-18-بەتكىچە مۇراجىئەت قىلسۇن.

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
Create Comments