پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا ئايالى ۋە قىزىنى تاشلاپ كەتكەن بولسا، ئايال نېمە قىلىشى كېرەك؟

147649

تارقاتقان ۋاقىت : 25-08-2020

كۆرگۈچىلەر : 4290

سۇئال

مەن باشقا مىللەتتىن بولغان بىر كىشى بىلەن توي قىلماقچى بولغىنىمدا، دادام دەسلەپتە بىزنىڭ توي قىلىشىمىزغا قوشۇلمىدى، كېيىن ئۇ كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتىپ، مېنى بەزلەپ، ئەركىلىتىپ تويغا قىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كىيىن ئەھۋال ئۆزگەردى، مەن توي قىلغاندىن كېيىن يولدىشىم بىلەن ئاتا-ئانام بار يۇرتتىن يولدىشىمنىڭ ئاتا-ئانىسى بار دۆلەتكە كەتتىم. ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ توي مۇناسىۋىتى بىلەن خۇرسەن بولۇشتى، كېيىن ئۇلار مېنىڭ بىر قىز پەرزەنتلىك بولغانلىقىمنى ئاڭلىغاندا بەختكە چۆمدى. يولدىشىم بولسا، بىز توي قىلغاندىن كىيىنكى دەسلەپكى ئالتە ئايدا تەسۋىرلىگۈسىز مېھرى-مۇھەببەت، سۆيگۈلىرىنى ئىزھار قىلدى، مەن ھامىلدار بولۇپ تۆتىنچى ئايغا قەدەم قويغاندا، يولدىشىم مېنى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېنىدا قويۇپ، يەنە بىر ئايالىنىڭ يېنىغا كەتتى، ئۇنىڭ ئۇ ئايالىدىنمۇ ئىككى پەرزەنتى بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن مېنى پەقەت يوقلىمىدى لېكىن ھەر ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىم قىزىنى يوقلاپ كېتەتتى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ھەدە-سىڭىللىرى مېنىڭ يالغۇزلىقىمنى بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ماڭا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلىدە بولدى، شۇنداق بولسىمۇ مەن ئايرىلىش يەنە بىرى ئائىلەمدىن ھەقىقەتنى يوشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى ئوتنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتىمەن. ئۇلار ھەر قېتىم ماڭا تىلىفۇن قىلغاندا مەن ئۇلارغا ئەھۋالىمنىڭ ناھايىتى ياخشى، ئېرىم بىلەن بەك بەختلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئېرىمدىن ئاجرىشىپ ئائىلەمگە قايتسام، خۇددى توي قىلىشتىن بۇرۇن ئائىلىدە يۈزبەرگەن جىددىيچىلىك ۋە كەيپىياتسىزلىق ئىچىدە ياشاشقا زورلىنىمەن. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ ئىش پۈتۈن ئائىلەمنىڭ يۈز-ئابرۇيىغا سەت بولىدۇ. بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى ئېرىمدىن مەھرۇم بولدۇم، ئۇ بىر قېتىممۇ مەن بىلەن بىرگە بولمىدى، بۇ ماڭا ئوخشاش ياشلىق غۇنچىسى ئەمدى ئېچىلىۋاتقان قىز ئۈچۈن مۇھىمدۇر. مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ماڭا ۋە قىزىمغا ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلىدە بولىۋاتقانلىقىنى ھەرگىز ئىنكار قىلمايمەن، لېكىن مەن، مەن بىلەن بىرگە ياشايدىغان ئەرنى خالايمەن، يالغۇز-بويتاقلىق ھاياتنى خالىمايمەن، يۇقىرىدىكىدەك ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟. يەنە شۇنى تەكىتلەيمەنكى، مەن ئېرىمدىن ئاجرىشىپ، قىزىمدىن ئايرىلىپ، باشقا بىر كىشى بىلەن توي قىلىشنى مەقسەت قىلمايمەن، مەن ئىلگىرى ئاسىيلىق پاتقاقلىرىغا كۆپ كىرىپ كەتكەن، كېيىن مۇشۇ ئېرىم بىلەن توي قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇم، گەرچە ئېرىم ماڭا ياخشى مۇئامىلىدە بولمىسىمۇ يەنىلا مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتۈشنى خالايمەن، مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن، لېكىن نېمە قىلىشىمنى بىلمەيمەن، تەۋەككۈل قىلىپ ئېرىم بىلەن ئاجرىشىپ، ئەتراپىمدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزەيمۇ؟ ياكى مەن توي قىلىپ ئېرى بولمىغان ۋە تالاقمۇ قىلىنمىغان مۇشۇ ھالىمغا سەۋر قىلىپ ئۆلۈمنى كۈتەيمۇ؟ بۇ ھەقتە مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

تۇرمۇشتا ئەر-ئايال بىر-بىرىنىڭ تەبىئىتىنى چۈشۈنىشى، مەدەنىيەت سەۋىيسى ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى چۈشۈنىشى زۆرۈر بولۇپ، بۇ توي قىلغاندىن كېيىن ئۇتۇق قازىنىش ۋە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ داۋاملىشىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قىز ياكى يىگىت بولسۇن تۇرمۇش ئورتىقىنى تاللاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىلغا باغلىق بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھتىن قورقىدىغان ئەخلاقلىق كىشىنى ياكى قىزنى تاللاش ئاساسى بىلەن روياپقا چىقىدۇ.

تۇرمۇشتا ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق چۈشۈنۈشۋە كۆز قاراش ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن ياردەمچى بولىدىغان ئىشلاردىن: ئەر-ئايالنىڭ بىر مىللەت، بىر-بىرىنىڭ تىلىنى چۈشىنىدىغان، بەلكى مۇمكىن بولسا بىر يۇرت، بىر مەھەللىدىن بولغىنى ياخشىدۇر.

بۇنىڭدىن يەنە بىر مىللەت ياكى ئۆز-ئارا تىلىنى چۈشەنمەيدىغان، بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى بىلىشمەيدىغانلار نىكاھ ئىشلىرىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ دەپ كەسكىن ئېيتقانلىق ئەمەس، بەلكى بۇ تۈردىكى نۇرغۇن ئەر-ئاياللار بەختلىك بولدى. لېكىن بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئاتا-ئانىلارنى پەرزەنتلەرنى ئۆيلەندۇرۇشتە بۇ شەكىلدە نىكاھلاندۇرۇشتىن كەسكىن چەكلەڭ دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى يىراقنى كۆرۈپ ئىش قىلىشى كېرەك دەيمىز، چۈنكى نۇرغۇن ۋەقەلەر ۋە ئەمەلى تەجرىبىلەر بۇنى ئىسپاتلايدۇ.

ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! قانداقلا بولمىسۇن سىز ئېرىڭىز بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇڭ، ئېرىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سىز بىلەن بىرگە بولمىغانلىقى، سىزدىن قانداق خاتالىق سادىر بولغانلىقىنى بىلىشكە تېرىشىڭ، ئەگەر بىرەر ئىش سەۋەبىدىن سىزنى ئەيىبلەپ شۇنداق قىلغان بولسا، كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە تېرىشىپ، ئۆزىڭىزدىن ئۆتۈلگەن خاتالىقلارنى تۈگىتىشكە تېرىشىڭ.

بۇ شەكىلدىكى ئۇرۇنۇشلارنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا، ئىشەنچىلىك، سەمىمى، ئامانەتدار، دىيانەتلىك كىشىلەرنى ۋاسىتە قىلىپ ئاراڭلارنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇڭ، ۋاستىچىلار، ئېرىڭىزنىڭ دوستى بولسۇن ياكى يېقىنلىرى بولسۇن ياكى مەسچىتنىڭ ئىمامى بولسۇن، ياكى ئىسلام مەركەزلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بولسۇن ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان كىشىلەر بولسا ياخشى بولىدۇ. ئەتراپىڭىزدا تۇرۇپ سىزنىڭ قېيىنچىلىقىڭىزغا ئورتاق بولغان كىشىلەرنى يوقۇتۇپ قويماڭ، ئۇلار ئېرىڭىزگە سىزنىڭ ھەققىڭىزنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە تېرىشىدۇ، ئېرىڭىزنىڭمۇ شۇنچە ۋاقىت سىزنى تاشلاپ قويۇشى توغرا بولمايدۇ، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى: ھاياتتا سۆيگۈ- مۇھەببەت بىلەن ئائىلە قۇرۇش ۋە ياخشىلىق بىلەن بىرگە ياشاشتىن ئىبارەتتۇر.

يولدىشىڭىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان ياخشى ئالاقىڭىزنى غەنىمەت بىلىشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۇ ئالاقە ئاللاھنىڭ سىزگە قىلغان ياردىمى، مېھرى-شەپقىتىدىن كېيىن بۇ قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتا ۋە ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ياخشىلاشتۇرىشىدا، ئوغلىنىڭ تۇتقان ئۆيى ۋە ئائىلىسىنى مۇھاپىزەت قىلىشتا شۇنداقلا ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتىكى بەزى توسالغۇلارنى ئىسلاھ قىلىشتا ياكى ئۇنىڭغا بىسىم قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشۇڭىزنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن ياردەمچە بولىدۇ.

يولدىشىڭىز بىلەن ئارىڭىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلار نەتىجە بەرمىگەن تەقدىردە، ئەمەلى ئەھۋالىڭىزنى ئائىلىڭىزدىكىلەرگە بىلدۈرۈڭ. ھەقىقەتەن بۇ ئىش ئۇلارغا ئېغىر كېلىدۇ، سىز ئۈچۈن ئازابلىنىدۇ، سىز دەسلەپتە تۇرمۇش ئەھۋالىڭىزدىن ئۇلارنى خەۋەرلەندۇرمەيلا، ئېرىڭىزدىن ئاجرىشىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا بارسىڭىز، ئۇلار ئەھۋالنى چۈشەنمەستىن، بۇ تۇيۇقسىز ھادىسىدىن بەك ئازابلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.

ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ئاراڭلارنى ئىسلاھ قىلىش يولىنى تېپىشى مۇمكىن بولسا، يولدىشىڭىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلسا بۇ بەك ياخشى. ئاللاھ شۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئەگەر بۇمۇنەتىجىسىز بولسا، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى ياخشى بىلىسىز، ھازىرقى تۇرمۇش ھالىتىگە سەۋر قىلىپ ياشاش قېيىن بولسا، يەنى توغرا شەكىلدىكى ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش ھاياتىدىن ئۆز نېسىۋىسىنى تولۇق ئالالمىغان سىزنىڭ يىشىڭىزدىكى كېچىك قىزلارنىڭبۇنىڭغا سەۋر قىلىشى قېيىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئېرىڭىزدىن ئاجرىشىش ئۈچۈن تالاق قىلىنىشنى تەلەپ قىلىش ياكى ئۇنىڭغا مال بېرىپ خۇلئى قىلىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىڭ، چوقۇم ئاللاھ تائالا سىزگە ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىرىنى نېسىپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا سىز ئۈچۈن ھىدايەت، تەقۋادارلىق، ئىپپەت ۋە بىھاجەتلىك يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگۈسى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولمىغان، بىرگە ياشاش قېيىن بولغان ئەر-ئاياللار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: وَإِن يَتَفَرَّقَا يُغْنِ اللَّـهُ كُلًّا مِّن سَعَتِهِ ۚ وَكَانَ اللَّـهُ وَاسِعًا حَكِيمًا تەرجىمىسى: ئەگەر ئىككىسى ئۈزلۈشۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرسىنى ئىككىنچىسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ، ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [سۈرە نىسا 130-ئايەت].

سىز ئاجرىشىشنى خالىمىسىڭىز ۋە باشقا بىرى بىلەن توي قىلىشقىمۇ قىزىقمىسىڭىز،بۇ سىز ئۈچۈن ياخشى، ئارىڭىزنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن تەكرار-تەكرار ئۇرۇنۇڭ ۋە ئۈمىدسىزلەنمەڭ، سىز چوقۇم ئېرىڭىزنى ئۆيىڭىزگە قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ باشقا بىر يولىنى تاپالايسىز، ئېرىڭىزنى سىزگە يەتكۈزىدىغان، سىزنى ئۇنىڭغا ياخشى كۆرسىتىدىغان، ئايالىغا كۆيۈمچانلىق، قىزىڭىزغا ئاتىلىق مېھرى بېرىش توغرىسىدا خىتاب قىلىدىغان بىركىشىتېپىلىپ قىلىشى مۇمكىن. سەۋر قىلىڭ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگىدۇر.

ئەبى سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىم ئىپپەتلىك بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئىپپەتلىك قىلىدۇ، كىم بىھاجەت بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى بىھاجەت قىلىدۇ، كىم سەۋىرچان بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنى سەۋىرچان قىلىدۇ، ئىنسانغا سەۋىردىنمۇ ياخشى ۋە كاتتا نېمەت بېرىلمىدى. [بۇخارىي رىۋايىتى1376- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1745-ھەدىس].

ئاخىرىدا ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلىشنى، ھەم-قايغۇلىرىڭىزنى كۆتۈرۈۋېتىشىنى ۋە ئېرىڭىز بىلەن سىزنىڭ ئارىڭىزنى ئىسلاھ قىلىشىنى سورايمىز.

ھەممىنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى