پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئاياغقا مەسھى قىلغاندا دەسلەپ ئوڭ پۇتىغا كىيىن سول پۇتىغا مەسھى قىلىشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

سىلەرنىڭ تور بەتتە ئاياغقا مەسھى قىلىشقا ئالاقىدار بولغان پەتىۋانى ئوقۇدۇم، ئىككى قۇلاققا مەسھى قىلغاندەك ئىككى پۇتقىمۇ تەڭ مەسھى قىلىش كېرەك دىيىلىپتۇ. مېنىڭ سوئالىم: چوقۇم ئىككى پۇتىغا تەڭ مەسھى قىلىش كېرەكمۇ؟ ياكى شۇنداق قىلىش ئەۋزەلمۇ؟ ياكى ئوڭ پۇتىغا ئوڭ قولى بىلەن، سول پۇتىغا سول قولى بىلەن مەسھى قىلىش كېرەكمۇ؟ مېنىڭ خىزمەت ئورنۇمدا يەر پاكىزە بولمىغانلىقى ئۈچۈن پايپاق بىلەن يەرگە دەسسەپ تۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ، مەن ھەر بىر پۇتۇمغا ئايرىم-ئايرىم مەسھى قىلىمەن، يەنى سول پۇتۇمدا دەسسەپ تۇرۇپ ئوڭ پۇتۇمغا مەسھى قىلىشقا ئوخشىغان. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئاياغقا ياكى پايپاققا مەسھى قىلغاندا ئىككى پۇتىغا تەڭ مەسھى قىلىش پەرز ئەمەس، بەلكى سۈننەتتۇر. بەزى ئالىملار دەسلەپتە ئوڭ پۇتىغا ئاندىن سول پۇتىغا مەسھى قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ، توغرىسى ئىككى پۇتىغا تەڭ مەسھى قىلىشتۇر.

ئىمام مەرداۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلئىنساف" ناملىق ئەسەرنىڭ 1-توم 185-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "سۈننەت بويىچە مەسھى قىلىشنىڭ يولى: ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئىچىپ ئىككى پۇتىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئەتراپىغا قويۇپ ئاندىن ئىككى قولىنى پۇتىنىڭ تەرىپىگە ئۆتكۈزۈشتۇر. "ئەتتەلخىس ۋە ئەلبەلغە" دېگەن كىتاپتا مۇنداق دەيدۇ: "ئوڭ پۇتىغا بۇرۇن مەسھى قىلىش سۈننەتتۇر. ئىمام بەيھەقىي رەھىمەھۇللاھنىڭ رىۋايىتىدە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاياغقا مەسھى قىلغاندا بىرلا مەسھى قىلغان، خۇددى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياغنىڭ ئۈستىدىكى بارماقلىرىغا قاراپ تۇرغاندەكدەپ تەسۋىرلىگەن. ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشىدىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى پۇتىغا تەڭ مەسھى قىلغان. ئەمما پۇتىغا مەسھىنى قايسى شەكىلدە قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان "پۇتىغا مەسھىنى قايسى شەكىلدە قىلسا دۇرۇس بولىدۇ" دېگەن سۆز بويىچە مەسھى قىلغاندا دەسلەپتە ئوڭ پۇتىڭىزغا ئاندىن سول پۇتىڭىزغا مەسھى قىلسىڭىز بولىدۇ، بۇ يەردىكى ئىختىلاپ ئەۋزەللىك مەسىلىسىدە، مۇمكىن بولسا ئەۋزەلنى قىلىشىڭىز كېرەك.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەسھى قىلىنىدىغان جاي، ئاياغنىڭ ئۈستى تەرىپى، مەسھى قىلغۇچى بارماقلىرىنىڭ پۇتىنىڭ بارماقلىرى ئەتراپىدىن پاچاق تەرەپكە ماڭدۇرىدۇ، مەسھى قىلىش ئىككى قول بىلەن ئىككى پۇتقا تەڭ قىلىنىدۇ، يەنى بىرلا ۋاقىتتا ئىككى قۇلاققا مەسھى قىلغاندەك، ئوڭ قولى بىلەن ئوڭ پۇتىغا، سول قولى بىلەن سول پۇتىغا تەڭ مەسھى قىلىدۇ، مانا بۇ مەسھى قىلىشتىكى سۈننەتتۇر. بۇنىڭ دەلىلى: مۇغەيرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى پۇتىغا مەسھى قىلدى دېگەن ھەدىسىدۇر.بۇ ھەدىستە ئوڭ تەرەپ بىلەن باشلىدى دېمەستىن بەلكى ئىككى پۇتىغا مەسھى قىلدى دېيىلگەن، مانا بۇ سۈننەتنىڭ كۆرىنىشى، ئەگەر ئىككى قولىنىڭ بىرى ئىشلىمىسە ئۇ ۋاقىتتا دەسلەپتە ئوڭ پۇتىغا ئاندىن سول پۇتىغا مەسھى قىلىدۇ، كۆپچىلىك كىشىلەر ئىككى قولى بىلەن ئوڭ پۇتىغا ئاندىن يەنە ئىككى قولى بىلەن سول پۇتىغا مەسھى قىلىدۇ، مېنىڭ بىلىشىمچە بۇنىڭ ئەسلى يوق". ["مۇسلىمە ئاياللار توغرىسىدىكى پەتىۋا" 1-توم 250-بەت].

ئەگەر ئوڭ پۇتىغا سول قولى بىلەن مەسھى قىلسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، لىكىن سۈننەت بويىچە ئوڭ پۇتىغا ئوڭ قولى بىلەن سول پۇتىغا سول قولى بىلەن قىلىش كېرەك، ئەمما ئىككى قولىنىڭ بىرى تۇتماس بولۇپ قالغاندا يەنە بىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

"كەشاپۇل قەننائ" ناملىق ئەسەر 1-توم 119-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۇغەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى بويىچە ئوڭ پۇتىغا ئوڭ قولى بىلەن سول پۇتىغا سول قولى بىلەن مەسھى قىلىش سۈننەتتۇر".

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى