پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھېيت كۈنىدە قانداق پائالىيەتلەرنى قىلىش كېرەك؟

سۇئال

ېيت كۈنلىرىنى ئائىلىدە قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. (ھېيت كۈنلىرىدە چەكلەنگەن، ھارام ئىشلارنى قىلماڭلار، ۋە ئەر-ئاياللار ئارىلىشىدىغان سورۇنلارغا بارماڭلار، كىنوخانىلارغا بارماڭلار..... قاتارلىق ئىشلارنى زىكىر قىلماسلىقىڭلارنى ھۆرمەت بىلەن سورايمەن. چۈنكى بىز بۇ ئىشلارنى قىلمايمىز.) سىلەردىن سورايدىغىنىم: مۆمىنلەر ھېيت كۈنلىرىدە نېمە ئىشلارنى قىلىشىنىڭ زۆرۈر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەمەلىي مىساللارنى بايان قىلىپ بەرگەن بولساڭلار؟. ھېيت كۈنلىرىدە قانداق پائالىيەتلەرگە قاتناشساق توغرا بولىدۇ؟. ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان جايلارغا بېرىپ غىزالىنىشى توغرىمۇ؟. دىنى ئالىملار ھېيت كۈنلىرىنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھېيت كۈنلىرى بولسا خۇرسەنلىك ۋە خوشاللىق كۈنلىرىدۇر. بۇ كۈنلەر بەزى ئىبادەت، ئەدەپ ۋە ئادەتلەر بىلەن خاسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

1- ھېيت كۈنى يۇيۇنۇش. بۇ توغرىدا بەزى ساھابىلاردىن ئەسەر بايان قىلىنغان. بىر كىشى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن يۇيۇنۇش توغرىسىدا سورىغاندا، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ كىشىگە: "خالىساڭ ھەر كۈنى يۇيۇنغىن دېگەن، ئۇ كىشى: مەن سۈننەت بويىچە يۇيۇنۇشنى سورايمەن دېگەندە، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: جۈمە كۈنى، ئەرەپات كۈنى، قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيت كۈنلىرى يۇيۇنغىن دېدى". [بۇ ئەسەرنى ئىمام شاپىئى مۇسنەد ناملىق ئەسىرىنىڭ 385-بېتىدە بايان قىلىدۇ. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "ئىرۋائۇل غەلىيل" ناملىق ئەسەر 1-توم 176-بەتتە سەھىھ دەپ بايان قىلغان].

2- ھېيت كۈنى ئۈچۈن ياسىنىپ يىڭى كىيىملەرنى كىيىش.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بازاردىن بىر يىپەك توننى سېتىۋېلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئىلىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ توننى سىلىنىڭ ھېيت كۈنلىرى ۋە ئەلچىلەرنى كۈتۈۋالغان ۋاقىتتا چىرايلىق كىيىشلىرى ئۈچۈن سېتىۋالدىم دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا : بۇ ئاخىرەتتىن نەسىبىسى يوق كىشىلەر كىيىدىغان كىيىم، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 906- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2068-ھەدىس].

ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسنى "ھېيت كۈنلىرىدە چىرايلىق كىيىنىش توغرىسىدا" دېگەن بۆلۈمدە بايان قىلدى.

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس ساھابىلارنىڭ ھېيت كۈنلىرىدە چىرايلىق كىيىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئىشنىڭ ئۇلار ئارىسىدا مەشھۇر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ". "ئەلمۇغنى" ناملىق ئەسەر 2-توم 370-بەت].

ئىبنى رەجەپ ھەنبەلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس ھېيت كۈنلىرى چىرايلىق كىيىنىشنىڭ ساھابىلار ئارىسىدا ئادەت بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. [ئىبنى رەجەپنىڭ "پەتھۇل بارى" ناملىق ئەسىرى 6-توم 67-بىتىگە قارالسۇن].

ئىمام شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىس ھېيت كۈنلىرى چىرايلىق كىيىنىشنىڭشەرىئەتتە يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كىيىم سېتىۋالغانلىقى بۇنى تەكىتلەيدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ كىيىمنى كىيىشتىن چەكلىگەنلىكى بولسا ئۇ كىيىمنىڭ يىپەك كىيىم بولغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر". ["نەيلىل ئەۋتار" 3-توم 284-بەت].

كىشىلەرنىڭ ھېيت كۈنلىرىدە چىرايلىق كىيىنىشى ساھابىلارنىڭ دەۋرىدىن بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ دەۋرىگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن.

ئىبنى رەجەپ ھەنبەلىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام بەيھەقىي رەھىمەھۇللاھ توغرا ئىسناد بىلەن ناپىئتىن بايان قىلغان ھەدىستە، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھېيت كۈنلىرىدە چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيەتتى. ھېيت كۈنلىرىدە چىرايلىق كىيىنىش ئۆيدە، نامازغا چىققاندا، ھەتتا ئاياللار ۋە بالىلار ئارىسىدىمۇ ئومۇملاشقان ئىدى". [ئىبنى رەجەپنىڭ "پەتھۇل بارى" ناملىق ئەسىرى 6-توم 68-72-بەتلەر].

بەزى ئالىملار: ئېتىكاپ قىلىۋاتقان كىشىلەر ھېيت نامىزىغا ئۆزىنىڭ ئېتىكاپتا كەيگەن كىيىمى بىلەن چىقىدۇ دېگەن بولسىمۇ ئەمما بۇ سۆز كۈچلۈك ئەمەس.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھېيت كۈنىدە ئېتىكاپ قىلغانلار بولسۇن ياكى ئېتىكاپ قىلمىغانلار بولسۇن ئۇلارنىڭ چىرايلىق كىيىنىشى سۈننەتتۇر". ["ئىككى ھېيت نامىزى توغرىسىدا سوئال-جاۋابلار" ناملىق ئەسەر 10-بەت].

3- خۇش-بۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىش.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ئەسەردە: ئۇ كىشى روزا ھېيت كۈنىدە خۇش-بۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتەتتى. بۇ ئەسەرنى فەريابىي "ھېيت كۈنلىرىدىكى ھۆكۈملەر" ناملىق ئەسەرىنىڭ 83-بېتىدە بايان قىلغان].

ئىبنى رەجەپ ھەنبەلىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ: مەن ئالىملاردىن ھېيت كۈنلىرىدە چىرايلىق كىيىنىش ۋە خۇش-بۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ".

ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھ ھېيت كۈنى چىرايلىق كىيىنىپ، خۇش-بۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنى ياخشى دەپ قارىغان. [ئىبنى رەجەپنىڭ "پەتھۇل بارى" ناملىق ئەسىرى 6-توم 68-بەت].

ئاياللارنىڭ ھېيت كۈنىدە چىرايلىق كىيىنىشى ۋە خۇش-بۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى، شۇنداقلا ئۆز ئۆيىدە، ئەرلىرى ۋە مەھرەملىرى ئالدىدا دۇرۇس بولىدۇ.

"پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى" ناملىق ئەسەرنىڭ 31-تومى 116-بېىتىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ھېيت كۈنلىرى پاكىزلىنىش ۋە چىرايلىق كىيىنىش، سۈننەت قىلىش، بەد-بۇيلارنى يوق قىلىش، نامازغا چىققاندا ياكى ئۆيدە ئولتۇرغاندا بولسۇن ئوخشاش، چۈنكى بۇ كۈنلەر چىرايلىق كىيىنىش كۈنلىرى بولغاندىكىن ھۆكۈم ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش مەسىلىسىدە ئاياللار بۇنىڭ سىرتىدا.

ئاياللار سىرىتقا چىققاندا، باشقىلارنى جەلىپ قىلىدىغان ھالەتتە چىرايلىق كىيىنىپ چىقمايدۇ، خۇش-بۇي نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيدۇ، بەلكى پىتنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئاددى كىيىملىرى بىلەن چىقىدۇ. بۇ ھۆكۈمدە ياش ۋە ياشانغان ئاياللار ئوخشاش، ئۇلار نامازغا چىققاندا ئەرلەرگە ئارىلاشماستىن، ئۇلار ئۈچۈن ناماز قىلىدىغان خاس جايدا تۇرىدۇ. تۈگىدى.

4- تەكبىر ئېيتىش.

روزا ھېيتتا ئاي كۆرۈلگەندىن باشلاپ تەكبىر ئېيتىش سۈننەت بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالامۇنداق دەيدۇ: وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّـهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَتەرجىمىسى: ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ سانىنى تولدۇرشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. [سۈرە بەقەرە 186-ئايەت].

كۈننى تولۇقلاش روزىنى تولۇقلاش بىلەن بولىدۇ. ئىمام خۇتبىگە چىققاندا تەكبىر ئاخىرلىشىدۇ.

قۇربان ھېيتتا تەكبىر ئېيتىش ئەراپات كۈنى ئەتتىگەندىن باشلىنىپ تەشرىقنىڭ ئۈچىنچى كۈنى يەنى قۇربان ھېيتنىڭ تۆتىنچى كۈنى ئەسىرگىچە داۋاملىشىدۇ.

5- ئۇرۇغ-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرنى زىيارەت قىلىش.

ھېيت كۈنلىرىدە ئۇرۇغ-تۇغقان، خولۇم-خوشنا ۋە دوست-بۇرادەرلەرنى زىيارەت قىلسا بولىدۇ. چۈنكى كىشىلەر ھېيت كۈنلىرىدە بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن. بۇمۇ ھېيت نامىزىدىن يانغاندا يولنى ئۆزگەرتىپ قايتىشنىڭ ھۆكمىدىن ھېسابلىنىدۇ.

كۆپچىلىك ئالىملار ھېيت كۈنىدە نامازغا بىر يولدىن بېرىپ، نامازدىن قايتىشتا باشقا يولدىن قايتىشنى ياخشى دەپقارايدۇ. بۇ توغرىدا جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنى يولنى ئالماشتۇراتتى. [بۇخارى رىۋايىتى943-ھەدىس].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىستىن ھۆكۈم بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ھېيت كۈنىدە ئۆزىنىڭ ھايات بولغان ۋە ۋاپات تاپقان ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. سىلە-رەھىم يەتكۈزىدۇ يەنى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى يوقلايدۇ. ["پەتھۇل بارىي" 2-توم 473-بەت].

6- تەبرىكلىشىش.

ھېيت كۈنى بىر-بىرىنى تەبرىكلىگەندە دۇرۇس بولغان سۆزلەردىن قايسىسىنى قوللانسا بولاۋېرىدۇ. تەبرىك سۆزلىرىنىڭ ئەۋزىلى: "ئاللاھ تائالا بىز ۋە سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن" دېگەن سۆزنى دىيىشتۇر. چۈنكى بۇ ساھابىلاردىن ئەسەر بايان قىلىنغان سۆزدۇر.

جۇبەير ئىبنى نۇپەير رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ھېيت كۈنلىرى ئۇچراشقاندا بىر-بىرىگە: "ئاللاھ تائالا بىز ۋە سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن" دەيتتى. [بۇ ئەسەرنىڭ ئىسنادىنى ئىبنى ھەجەر رەھىمىھەۇللاھ "پەتھۇل بارىي" ناملىق ئەسەرنىڭ 2-تومى 517-بېتىدە ھەسەن دەپ كەلتۈرگەن].

ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھدىن: "ھېيت نامىزىدىن يانغاندا، مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغا: ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ۋە سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن، بىزنىڭ ۋە سىلەرنىڭ خاتالىقلىرىڭلارنى ئەپۇ قىلسۇن دېيىشىشى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ: بۇنداق دىسە توغرا بولىدۇ، دېگەن. ["ئەلمۇنتەقا شەرھۇل مۇئەتتا" ناملىق ئەسەر 1-توم 322-بەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھېيت كۈنى بىر-بىرىنى تەبرىكلەش، ھېيت نامىزىدىن كىيىن ئۇچراشقاندا: ئاللاھ تائالا بىز ۋە سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلسۇن دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ساھابىلاردىن ئەسەر بايان قىلىنغان ۋە ئۇلارمۇ شۇنداق قىلغان. مەزھەپ ئىماملىرىدىن بەزىلىرى تەبرىك سۆزلىرىنى ئېيتىشنى رۇخسەت دەپ قارىغان. لېكىن ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر كىشىنى دەسلەپتە تەبرىكلىمەيمەن، ئەمما مىنى تەبرىكلىسە مەن ئۇنىڭغا جاۋابەن ئۇنى تەبرىكلەيمەن، چۈنكى ھۆرمەت ۋە سالامغا جاۋاپ بېرىش ۋاجىپتۇر. ئەمما دەسلەپتە تەبرىكلەش بۇيرۇلغان سۈننەتلەردىن ئەمەس، شۇنداقلا چەكلەنگەن ئىشلاردىنمۇ ئەمەس، قىلغان كىشىمۇ توغرا ئىش قىلغان بولىدۇ، تەرك قىلغان كىشىمۇ توغرا ئىش قىلغان بولىدۇ. ["پەتىۋالار توپلىمى" 24-توم 253-بەت].

7- يېمەك-ئىچمەكنى كەڭ-كەڭرى قىلىش.

ھېيت كۈنلىرىدە يېمەك-ئىچمەكنى كەڭرى قىلسا، مەيلى ئائىلىدە بولسۇن ياكى سىرتتىكى تاماقخانىلاردا بولسۇن بۇنىڭدا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەمما ھاراق-شاراپ ئىچىدىغان، ناخشا-مۇزىكا ياڭرىتىدىغان، يات ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ ئولتۇرىدىغان سورۇنلارغا بېرىش توغرا بولمايدۇ.

ھېيت-بايرام كۈنلىرىدە شەرىئەتكە زىت بولغان ئىشلار ئاشكارا قىلىنىدىغان ۋە ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ يۇرىۋىرىدىغان يۇرتلاردىن باشقا جايغا قۇرۇقلۇق ياكى دېڭىز ساياھىتىگە چىقىپ كەتسىمۇ بولىدۇ.

نۇبەيشەتىل ھۈزەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: قۇربان ھېيت كۈنلىرى يېمەك-ئىچمەك ۋە ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش كۈنلىرىدۇر.[مۇسلىم رىۋايىتى 1141-ھەدىس].

8- دۇرۇس بولغان كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرى.

ھېيت كۈنلىرىدە ئائىلە بويىچە ساياھەتكە چىقىش، چىرايلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىش ياكى دۇرۇس بولغان ئويۇن-تاماشا ئورۇنلىرىغا بېرىش چەكلەنمەيدۇ، شۇنداقلا تۈرلۈك مۇزىكىلاردىن خالى بولغان ئىسلامى ناخشىلارنى ئاڭلىسا بولىدۇ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ يېنىمغا كىرگەندە، مېنىڭ يېنىمدا ئىككى كىچىك قىزچاق بۇئاس كۈنىدىكى ئۇرۇش ۋەقەلىكىنى تەسۋىرلەپ نەغمە قىلىۋاتاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كۆرپىسىدە ئولتۇردى ۋە باشقا تەرەپكە قارىۋالدى. شۇ ۋاقىتتا دادام ئەبۇ بەكرى ئۆيگە كىرىپ قىلىپ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا شەيتاننىڭ نەغمىسىنى قىلىنىۋاتامدۇ؟ دەپ ئاچچىقلىنىپ كەتتى. شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قاراپ: ئۇلارنى مەيلىگە قويىۋەتكىن، دېدى، مەن ئۇ ئىككى قىزچاققا كۆز ئىشارىتى قىلىپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇدۇم، ئۇلار چىقىپ كەتتى. يەنە بىر ھېيت كۈنىدە ئىككى قارا تەنلىك مەسچىتتە نەيزە-قالقان ئويۇنى ئويناۋاتاتتى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورۇدۇممۇ ياكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: ئۇلارنىڭ ئويۇنىنى كۆرەمسىز؟ دېدىمۇ، مەن: ھەئە دېدىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنى ئارقىسىدا تۇرغۇزدى، مېنىڭ مەڭزىم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەڭزىگە تىگىپ تۇراتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئى بەنى ئەرپەدە! ئويۇنۇڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، دېدى، ھەتتا مەن ئويۇننى كۆرۈشتىن زېرىككەن ۋاقتىمدا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: بولدىمۇ؟ دېدى، مەن: ھەئە دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا: ئۆيگە كىرىپ كېتىڭ، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 907-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى829- ھەدىس].

يەنە بىر رىۋايەتتە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ كۈنى مۇنداق دېگەن: يەھۇدىيلار بىزنىڭ دىنىمىزدا دەمئىلىش ۋە كۆڭۈل ئىچىشنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالسۇن. مەن كەڭرى بولغان توغرا دىن بىلەن ئەۋەتىلدىم. [مۇسنەدى ئىمام ئەھمەد (50/366). ھەدىس تەتقىقاتچىلىرى بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 4-توم 443-بەتتە ئىسنادى ياخشى دېگەن].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى: "ھېيت كۈنلىرىدە گۇناھ بولمىغان شارائىتتا ئويۇن-تاماشا قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقى" دېگەن بۆلۈمدە كەلتۈرگەن.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستە بىر قانچە پايدىلار بايان قىلىنغان: ھېيت كۈنلىرىدە ئائىلە، بالا-چاقىلىرىغا ئۇلارنىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغان تۈرلۈك شەكىلدىكى كەڭرىچىلىكلەرنى يارىتىپ بېرىش، ئىبادەتتىن چارچىغان بەدەنلەرنى مۇباھ بولغان كۆڭۈل ئىچىش ۋە سۆھبەتلەر بىلەن راھەتلەندۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. ھېيت كۈنلىرىدە خۇرسەنلىكنى ئاشكارا قىلىش دىنى شۇئارلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ["پەتھۇل بارىي" ناملىق ئەسەر 2-توم 514-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھېيت كۈنلىرىدە كىشىلەر ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە سوۋغا تەقدىم قىلىشىدۇ، تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ بىر-بىرىنى دەۋەت قىلىشىدۇ، توپلىشىپ خۇرسەنلىكنى ئىزھار قىلىشىدۇ، چۈنكى ھېيت كۈنلىرىدە بۇنداق قىلىش خاتا ئەمەس، يۇقىرىقى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە كىچىك قىزچاقلار نەغمە قىلىشقىلى تۇرغان ئىدى.

ئاللاھ تائالاغا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇنكى، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھېيت كۈنلىرىدە خۇرسەنلىك، خوشاللىقنى ئىزھار قىلىدىغان ئىشلارنى يولغا قويۇشى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بەندىلەرگە نەقەدەر ئاسانچىلىق ياراتقانلىقىدىن ئىبارەتتۇر." ["ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى" 16-توم 276-بەت].

"پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى" ناملىق ئەسەر 14-توم 166-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: "ھېيت كۈنلىرىدە ئائىلە، بالا-چاقىلىرىغا ئۇلارنىڭ كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغان تۈرلۈك شەكىلدىكى كەڭرىچىلىكلەرنى يارىتىپ بېرىش، ئىبادەتتىن چارچىغان بەدەنلەرنى راھەتلەندۈرۈش، دىنى شۇئارلاردىن بولغان خۇرسەنلىكنى ئاشكارا قىلىش قاتارلىقلار دىندا يولغا قويۇلغان ۋە تەكىتلەنگەن ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ھېيت كۈنلىرىدە مەسچىت ۋە باشقا جايلاردا دۇرۇس بولغان كۆڭۈل ئىچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش توغرا بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە سۆزلەنگەندەك، نەيزەۋازلىق، قىلىچۋازلىق، ئوقيا ئېتىش، ئات چاپتۇتۇش، سۈ ئۈزۈش، چىلىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بولسا دۇرۇس بولىدۇ." تۈگىدى.

بىز 368569-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ھېيت كۈنلىرىدە يۈز بېرىدىغان بەزى خاتالىقلارنى بايان قىلدۇق. بۇ ھەقتە تەپسىلى پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالادىن بىزنىڭ ۋە سىلەرنىڭ ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى قوبۇل قىلىشىنى، بىزنى ۋە سىلەرنى دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى