پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مۇسۇلمان كىشىنىڭ كاپىرنىڭ ئۆيىدە تۇرىشى ۋە ئۇ ئۆيدە ناماز ئوقۇشى توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

بىز مۇسۇلمانلارنىڭ غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە ناماز ئوقۇشىمىز توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مۇسۇلماننىڭ كاپىرنىڭ ئۆيىنى سىتىۋىلىپ ياكى ئىجارىگە ئىلىپ، ئۇ ئۆيدە تۇرىشى توغرا بولىدۇ. مۇسۇلمان كىشى ئۇ ئۆيدىكى ھاراق، نىجاسەت، چەكلەنگەن سۈرەت قاتارلىق شېرىكنىڭ قالدۇقلىرىنى پاكىزە تازىلىۋىتىشى لازىم. ئەمما مۇسۇلمان بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ ياكى خىزمەتداشلىق ياكى تونۇشۇش ئۈچۈن بارغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ نەرسىلەرنى تازىلاش لازىم ئەمەس. چۈنكى ئۇ كىشى ئۇ ئۆيگە مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى بارغان. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۆمىندىن باشقىغا ھەمراھ بولمىغىن، سېنىڭ يىمەكلىكىڭنى پەقەت تەقۋادار كىشىلا يىسۇن. [تىرمىزى رىۋايىتى 2395-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا ھەسەن دەپ كەلتۈرگەن].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئىنسان ئۆزى ئارىلاشقان كىشىنىڭ دىنىدا بولىدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار كىم بىلەن ئارىلاشقانلىقىغا قاراپ باقسۇن، دېگەن. [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى4833-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

"ئەۋنۇل مەئبۇدتا" ناملىق ئەسەردە مۇنداق دېگەن: "ئارىلىشىدىغان كىشىلەر توغرىسىدا پىكىر قىلىش، ئويلىنىش لازىم، دىنى ۋە ئەخلاقىدىن رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بولسا، ئاللاھ ئۈچۈن ئۇلارنى دوست تۇتۇش كېرەك. ئەگەر دىنى ۋە ئەخلاقىدىن رازى بولمايدىغان ناچار كىشىلەردىن بولسا، ئۇلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. چۈنكى ناچار تەبىئەتلىك ئادەم ئارىلاشقان كىشىنىمۇ بۇزىدۇ".

غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيىدە ناماز ئوقۇش مەسىلىسىگە كەلسەك: ناماز ئوقۇغان جاي پاكىزە بولۇدىكەن، ئەتراپتا ئۇلار ئۇلۇغلايدىغان ۋە چوقۇنىدىغان سۈرەت-ھەيكەللەر بولمايدىكەن ئوقۇغان ناماز دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: زېمىننىڭ ھەممىسى مەن ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان ۋە پاك قىلىندى، مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ھەر قانداق بىر كىشى قەيەردە نامازنىڭ ۋاختى بولسا، شۇ جايدا ناماز ئوقۇسۇن. [بۇخارى رىۋايىتى 323-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 810-ھەدىس].

زېمىننىڭ ھەممىسى ناماز ئوقۇيدىغان جاي بولۇپ، مۇسۇلمان قەيەردە نامازنىڭ ۋاختى كەلسە شۇ يەردە ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ. ئەمما قەبرىستانلىق، ھاممام، ھاجەتخانا ۋە تۆگە قوتۇنى قاتارلىق جايلاردا ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن، يەنى بۇ جايلاردا ناماز ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۈچۈن 13705-140208-نۇمۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ "ئەتتەمھىيد" ناملىق ئەسەرنىڭ 5-توم 227-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەيكەل-سۈرەت بولمىغان چىركاۋدا ناماز ئوقۇغانلىقىنى زىكىر قىلغان. ئەييۇب ۋە ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ۋە بۇ ئىككەيلەندىن باشقا راۋىيلار ناپىئدىن ئۇ كىشى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازاتگەردىسى ئەسلەمدىن رىۋايەت قىلغان ئەسەردە، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شامغا كەلگەن ۋاقىتتا، خىرىستىيانلارنىڭ چوڭلىرى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلغاندا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا: "سىلەرنىڭ چىركاۋدا ھەيكەل-سۈرەت بولغانلىقى ئۈچۈن بىز چىركاۋغا كىرمەيمىز ۋە ئۇ يەردە ناماز ئوقۇمايمىز دېگەن".

ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ بىلەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ سۈرەت بولغانلىقتىن ئۇ يەردە ناماز ئوقۇشنى ياخشى كۆرمىگەن.

ناماز ئوقۇيدىغان جاي ھەيكەل-سۈرەتلەردىن ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەردىن پاكىز بولغاندا ئۇ جايدا ناماز ئوقۇش دۇرۇس بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى