پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەيزدار ھالەتتە كەبىنى تاۋاپ قىلىشنىڭ ھۆكمى

151301

تارقاتقان ۋاقىت : 13-10-2013

كۆرگۈچىلەر : 3641

سۇئال

ھەجگە بارغان ئىدىم. ئەرەپات كۈنىدىن كېيىن ئايلىق ئادەت كۆرۈپ قالدىم، خىجىللىقتىن ھېچ كىشىگە بىر نەرسە دېيەلمىدىم، باشقا ھەج پائالىيەتلىرى ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا خوشلىشىش تاۋاپىنى قىلىش ئۈچۈن بەيتۇللاھقا كەلدۇق، مەن ھەيزدار ھالەتتە تاھارەتسىز ھەرەمگە كىردىم ۋە كۆپچىلىك بىلەن بىرگە تاۋاپ قىلدىم. بۇ قىلغىنىم توغرىمۇ؟ ھەججىم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئادەت كۆرۈپ قىلىشنىڭ ئېھرامغا ھېچ قانداق تەسىرى بولمايدۇ. شۇنداقلا كەبىنى تاۋاپ قىلىشتىن باشقا ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىشتىن چەكلىمەيدۇ. ئەمما ئادەت كۆرۈپ قالغان ياكى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ھەيز-نىپاستىن پاك بولمىغۇچە كەبىنى تاۋاب قىلىشى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەج قىلغان يىلى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مەككىگە كېرىشتىن ئىلگىرى ئادەت كۆرۈپ قالىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: سىز ھەيزدىن پاك بولغانغا قەدەر كەبىنى تاۋاب قىلماستىن ھاجىلار قىلىدىغان باشقا ئەمەللەرنى قىلسىڭىز بولىدۇ، دېگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 305-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1211-ھەدىس].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايانقىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى سەپىيە بىنتى ھۇيەي رەسۇلۇللاھ ھەج قىلغان يىلى ھەجدە ئەرەپاتتىن كېيىن ھەيز كۆرۈپ قالىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بىز ئۇنىڭغا ساقلايمىزمۇ؟ دېۋىدى، مەن: يا رەسۇلۇللاھ! ئۇ پەرز تاۋاپنى قىلىپ بولغان دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداق بولسا يولغا چىقايلى دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 4401-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1211-ھەدىس].

ئىككىنچى: پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىش ھەجنىڭ ئاساسلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقتى قۇربان ھېيت كۈنى يىرىم كېچىدىن ئۆتكەندە باشلىنىدۇ، ھەج پائالىيەتلىرى ئاخىرلاشقاندا خوشلىشىش تاۋاپى بىلەن بىرگە نىيەت قىلىپ قىلسىمۇ بولىدۇ.

ئايلىق ئادەت كۆرگەن ئايالنىڭ ھەيزدارلىق ھالەتتە پەرز تاۋاپنى قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ئەمما يىراق جايدىن كەلگەن، ھەيزدىن پاكلانغىچە مەككىدە قىلىشى مۇمكىن بولمايدىغان، شۇنىڭدەك مەككىدىن كەتسە ھەيزدىن پاك بولغاندىن كېيىن يەنە مەككىگە قايتىپ كېلەلمەيدىغان ئاياللار بولسا، ھەيزدار ھالەتتىمۇ ھەج پائالىيىتىنى تولۇقلايدۇ.

سىز ئەرەپاتتا تۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇربان ھېيت كېچىسىدە پەرز تاۋاپنى ئادا قىلغان بولسىڭىز سىزنىڭ ھەججىڭىز توغرا بولىدۇ. ھەيزدار ئاياللار خوشلىشىش تاۋاپىنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما سىز ئەرەپاتتىن قايتىپ، پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىشتىن بۇرۇن ئادەت كۆرۈپ، ھەيزدارلىق ھالەتتە پەرز تاۋاپنى ئادا قىلغان بولسىڭىز ياكى پەرز تاۋاپنى كېچىكتۈرۈپ خوشلىشىش تاۋاپى بىلەن بىرلىكتە ھەيزدارلىق ھالەتتە قىلغان بولسىڭىز، سىزنىڭ قىلغان تاۋاپىڭىز توغرا بولمايدۇ. شۇنداقلا ئېھرامدىن تولۇق چىققان بولمايسىز، مەككىگە قايتىدىن كېلىپ، پەرز تاۋاپنى ئادا قىلمىغۇچە، يولدىشىڭىز بىلەن بىرگە بولىشىڭىزمۇ توغرا بولمايدۇ.

ئۈچىنچى: ھەيزدار ئايالغا خوشلىشىش تاۋاپى قىلىش كېرەك ئەمەس. پەرز تاۋاپنى ئادا قىلغاندىن كېيىن ئادەت كۆرگەن ئايال خوشلىشىش تاۋاپى قىلماي مەككىدىن ئايرىلغان بولسا قىلغان ھەججى توغرا بولىدۇ. بۇ ئايالغا بىر نەرسە لازىم كەلمەيدۇ.

تۆتىنچى: ئەگەر بۇ ھۆكۈمنى بىلىشتىن ئىلگىرى ئەر-ئايال ئارىسىدا جىنسى مۇناسىۋەت بولغان بولسا بۇنىڭغا بىر نەرسە بولمايدۇ. ئەمما بۇ ھۆكۈمنى بىلگەندىن كېيىن كېلەچەكتە ھەججىڭىزنى تولۇق ئادا قىلمىغۇچە يۇقىرىدىكى ئىشلارنىڭ سادىر بولۇشىدىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.

ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى