شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئورۇقلاش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش توغرىسىدا

سۇئال

    مېنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىم يۈز كىلو گىرامدىن ئارتۇق بولغانلىقى ئۈچۈن سالامەتلىك تەرەپتىن كۆپ قىينىلىمەن، دوختۇرلار بەدەن ئېغىرلىقىمنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى، ئەگەر شۇنداق قىلسام سالامەتلىكىم ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن. بۇ تۈردىكى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىز ئىلگىرى تور بەتتە، ئەيىب-نۇقسان، كۆرۈمسىزلىكنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا بولىدۇ، بۇ داۋالىنىش جەھەتتىن بولغانلىقى ئۈچۈن توغرا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەكسىچە گۈزەل بولىمەن ۋە چىرايلىق بولىمەن دەپ ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چىرايلىق بولىمەن دەپ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، چىشلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىغان، قاشلىرىنى يۇلغان، مەڭ چەككەن ۋە چەكتۈرگەن كىشىلەرگە ئاللاھ لەنەت قىلغان». [بۇخارى رىۋايىتى 5931-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2125-ھەدىس].

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئايەتتىن ئېلىنغان چۈشەنچىگە كۆرە، پەقەت چىرايلىق بولۇش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بولسا توغرا بولمايدۇ ئەمما داۋالىنىش ۋە ئەيىبنى يوق قىلىش ئۈچۈن بولسا توغرا بولىدۇ".

    "سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا ھەيئىتىدىكى ئالىملاردىن: بىر كىشى مېيىپلىك سەۋەبىدىن بولغان كېسەللىكتىن داۋالىنىش ئۈچۈن گۈزەللىك ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرسا، دوختۇرلار كېسەلنىڭ بەدەن شەكلىنىڭ بەزى يەرلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولسا، بۇ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىك بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش توغرا بولىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش ھېسابلانمايدۇ". ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"25-توم 55-بەت].

   دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈشى بويىچە، ئەگەر ھەددىدىن زىيادە سېمىز بولۇپ، بۇ سېمىزلىك ئىنساننىڭ كېسەل بولىشىغا سەۋەپ بولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا توغرا بولىدۇ، بىزگە، سىزگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئاللاھ تائالادىن سالامەتلىك تىلەيمىز.  

      ئەگەر سېمىزلىك كېسىلىنى ئادەتتە، تاماقنى ئاز يېيىش، سىستېمىلىق ئوزۇقلىنىش، پايدىلىق دورىلارنى ئىستىمال قىلىش، كۆپ يۈرۈش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىق ئامىللار بىلەن داۋالاش مۇمكىن بولمىغاندا، ئاخىرىقى چارە ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇش بولىدۇ، ئەگەر ئىشەنچىلىك،تەجرىبىلىك مۇسۇلمان دوختۇر ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىدۇ دېگەن بولسا، ھاجەت بولغانلىق ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئوپېراتسىيە قىلدۇرسا بولىدۇ".

    بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 97651   نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى