سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

شەئبان ئېيىدىكى بىدئەتلەر

سۇئال

جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار پائالىيەت ئىلىپ بارىدىغان شەئبان ئېيىدىكى كېچە قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بەزى مۇسۇلمانلار شەبان ئېيىنىڭ 15دە پائالىيەت ئىلىپ بارىدۇ. ئۇ كۈندە كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىنى نەپلە ناماز ئوقۇش قاتارلىق بەزى بىر پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەر سەھىھ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئالىملار بۇ كۈننى خاتىرلەپ پائالىيەت ئىلىپ بېرىشنى بىدئەت (يەنى دىندا ئەسلى يوق ئىش) دەپ قارايدۇ.

ئىمام شاتىبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىدئەت دىندا بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلىپ، ئۇنى شەرىئەت پىرىنسىپىدىن دەپ قاراپ، بۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشتا ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. مەلۇم شەكىل ۋە كەيپىياتلار بىلەن ئىبادەت قىلىش يەنى بىر كىشىگە ئەگىشىپ بىردەك يۇقىرى ئاۋازدا زىكىر ئېيتىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇ كۈننى دىنى بايرام دەپ بېكىتىش، مەلۇم ۋاقىتلاردا ئىسلام شەرىئىتى بېكىتمىگەن ئىشلارنى ئىبادەت دەپ قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش بولۇپ، خۇددى شەئبان ئېيىنىڭ 15-كۈنىدە كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىدە نەپلە ناماز ئوقۇپ ئۆتكۈزگەنگە ئوخشاش". [ئىمام شاتىبىينىڭ "ئەلئېئتىسام" ناملىق ئەسىرى 1 - توم37-39-بەت].

مۇھەممەد ئابدۇسسالام ئەششۇقەيرى مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام مۇھەممەد ئەلپەتەنىي (بۇ كىشى ھىجىريە 914-986- يىللار ئارىسىدا ھىندىستاندا ئۆتكەن مەشھۇر ھەدىسشۇناش ئالىم) رەھىمەھۇللاھ توقۇلما ھەدىسلەر تەزكىرەسى ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: ھەر يىلى شەئبان ئېيىنىڭ 15-كېچىسىگە كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ كېچىدە جامائەت بولۇپ ياكى يەككە شەكىلدە يۈز رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇش، ھەر رەكەتتە ئىخلاس سۈرىسى ئون قېتىمدىن ئوقۇش ئارقىلىق ئادا قىلىنىدىغان "ئەلپىيە نامىزى" ئىسلام شەرىئىتىدە ھېچقانداق دەلىلى بولمىغان، پەقەت توقۇلما ھەدىسلەردىلا بايان قىلىنغان بىدئەت ئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر. بۇ شەكىلدە ئىبادەت قىلىش توغرىسىدا ئىمام غەزالىينىڭ "ئىھيائۇل ئۇلۇم" ناملىق ئەسىرىدە، شۇنداقلا بەزى ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدە بايان قىلىنغان ئاجىز رىۋايەتلەر، شۇنداقلا ئىمام سەئلەبىينىڭ تەپسىرىدە بۇ شەكىلدە ئىبادەت قىلىش پەزىلەتتە قەدىر كېچىسى بىلەن باراۋەر بولىدۇ دەپ بايان قىلىشلىرى، كىشىلەرنى بۇنىڭغا قىزىقتۇرمىسۇن". (چۈنكى بۇ شەرىئەتتە ئەسلى يوق بىدئەتتۇر).

ئىمام ئىراقىي مۇنداق دەيدۇ: "شەئبان ئېيىنىڭ 15- كېچىسى كېچىدە ناماز ئوقۇش توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىس باتىل ئەسلى يوق بولۇپ، ئۇ ھەدىسنى ئىمام ئىبنى جەۋزىي رەھىمەھۇللاھ توقۇلما ھەدىسلەر كىتابىدا كەلتۈرگەن.

شەئبان ئېيىنىڭ ئاتالمىش تۈنەك كېچىسىدە ناماز ئوقۇش ۋە دۇئا قىلىش توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىدەك:

شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كېچىدە (ئاتالمىش تۈنەك كېچىسى) قىيامدا تۇرۇڭلار، كۈندۈزدە روزا تۇتۇڭلار. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئىبنى ماجە ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان. بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادىدا ئاجىزلىق بار. چۈنكى راۋىيلاردىن ئىبنى ئەبى بەسرە ھەدىس رىۋايەت قىلىشتا زەئىپتۇر. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ۋە يەھيا ئىبنى مۇئىين قاتارلىق ئالىملار ئىبنى ئەبى بەسرەنى ھەدىس توقۇيدۇ، دېگەن.

شەبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كېچىدە (ئاتالمىش تۈنەك كېچىسى) بالا- مۇسىبەتتىن ساقلىنىش، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ۋە كىشىلەردىن بىھاجەت بولۇش نىيىتى بىلەن ئالتە رەكئەت ناماز ئوقۇش، ناماز ئارىسىدا دۇئا قىلىش ۋە ياسىن سۈرىسىنى ئوقۇشتوغرىسىدا توقۇلمىلارمۇ دىندا ئاساسى بولمىغان، بەلكى كىيىن پەيدا بولغان، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە زىت كېلىدىغان ئىشلاردىندۇر.

غەزالىينىڭ "ئىھيا ئۇلۇمىددىن" ناملىق ئەسىرىنى شەرھىلىگۈچى مۇنداق دەيدۇ: "شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كېچىدە (يەنى ئاتالمىش تۈنەك كېچىسىدە) ناماز ئوقۇش كىيىنكى دەۋىردىكى تەسەۋۋۇپ پېشىۋالىرىنىڭ (سوپىلارنىڭ) كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغان. ئۇلارنىڭ پېشىۋالىرى قىلىپ ئادەتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدە بۇنى قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان ياكى قىلسا بولىدۇ دەيدىغان قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھېچقانداق بىر سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان.

بۇ ھەقتە ھەدىسشۇناس ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: شەئباننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كېچىنى (يەنى ئاتالمىش تۈنەك كېچىسىنى) خاتىرلەش ۋە پائالىيەت ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن مەسچىتلەرگە ۋە باشقا ئورۇنلارغا توپلىشىش توغرا بولمايدۇ.

ئىمام نەجمىددىن غەيتى رەھىمەھۇللاھ شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كېچىنى (يەنى ئاتالمىش تۈنەك كېچىسىنى) جامائەت شەكىلدە خاتىرلەپ پائالىيەت ئىلىپ بېرىش ئىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئىشنى ھىجازدىكى (ئەرەب يىرىم ئارىلىدىكى) كۆپچىلىك ئالىملار ئىنكار قىلغان. ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: ئەتا ئىبنى ئەبى رەباھ، ئىبنى ئەبى مۇلەيكە، مەدىينە مۇنەۋۋەرە شەھرىدىكى مەشھۇر پىقھىشۇناس ئالىملار يەنى سەئىد ئىبنى مۇسەييىب، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير، قاسىم ئىبنى مۇھەممەد ۋە ئىمام مالىكنىڭ شاگىرتلىرى قاتارلىق ئالىملار، "شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بېرىلىدىغان (يەنى ئاتالمىش تۈنەك كېچىسىدە) پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر". بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ساھابە كىراملار ۋە تابىئىنلارنىڭ ھېچ بىرىدىن ئۇلارنىڭ بۇ كېچىنى ئالاھىدە ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدا دەلىل-ئىسپاتلار يوق.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، رەجەب ۋە شەئبان ئېيىدىكى ئاتالمىش ئىبادەت سانالغان ئىشلار ئىنكار قىلىنىدىغان ئەڭ قەبىھ بىدئەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ". [سۈننەتلەر ۋە بىدئەتچىلىك ناملىق ئەسەر 144-بەت).

ئىمام مۇھەممەد ئەلپەتەنىي رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىدا بايان قىلغان سۆزىدىن كېيىن يەنە مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىقى توقۇلما ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان شەئبان ئېيىدا (يەنى ئاتالمىش تۈنەك كېچىسىدە) ناماز ئوقۇش سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر بۈيۈك پىتنىگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇ كېچىدە يۈزبەرگەن بەزى پىسقى-پۇجۇر ئىشلارنى سۈپەتلەپ بولغىلى بولمايدۇ، ھەتتا بەزى ياخشى كىشىلەر پىسقى-پۇجۇر سەۋەبىدىن يەر يۇتۇپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ باياۋان تەرەپلەرگە چېقىپ كەتكەن. بۇ شەكىلدە ناماز ئوقۇش ئىشى ھىجىريىنىڭ 448-يىلى تۈنجى قېتىم قۇددۇس شەرىپتا مەيدانغا كەلگەن. زەيد ئىبنى ئەسلەم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ پىقھى ئالىملىرىمىز ۋە پېشىۋالىرىمىزدىن ھېچ بىرىنىڭ بارات ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كېچىدە (يەنى ئاتالمىش تۈنەك كېچىسىدە) مەخسۇس نامازغا ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە ئېتىبار بەرگەنلىكىنى بىلمەيمىز.

ئىبنى دەھىيە رەھىمەھۇللاھ: بارات كېچىسىدە (يەنى ئاتالمىش تۈنەك كېچىسىدە) مەخسۇس ناماز ئوقۇش توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى توقۇلما، بەزىسىنىڭ ئىسنادى كېسىلگەن، بۇ توقۇلما ھەدىسلەرنى سەھىھ دەپ ئەمەل قىلغان كىشى يالغانچى ۋە شەيتاننىڭ خىزمەتچىسىدۇر،" دەيدۇ. [ئىمام مۇھەممەد ئەلپەتەنىي رەھىمەھۇللاھنىڭ: "توقۇلما ھەدىسلەر تەزكىرىسى" ناملىق ئەسىرى 45-بەت. ئىبنى جەۋزىي رەھىمەھۇللاھنىڭ: "توقۇلما ھەدىسلەر" ناملىق ئەسىرى 2- توم 127-بەت. ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھنىڭ: "ئەلمەنار ئەلمۇنىيپ" ناملىق ئەسىرى 98-بەت. ئىمام شەۋكانىينىڭ: "ئەلپەۋائىد ئەلمەجمۇئە" ناملىق ئەسىرى 51 -بەت.

بەزى كىشىلەر "شەئبانىيە" دېگەن ئاتالغۇدىن، شەبان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنى مەقسەت قىلىپ: بۇ يېمەك-ئېچمەك بىلەن خوشلىشىدىغان كۈنلەردۇر، رامىزان كېرىشتىن ئىلگىرى بۇ كۈنلەرنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن غەنىمەت بىلىڭلار، دەيدۇ. بەزى لۇغەتشۇناس ئالىملار: بۇ ئاتالغۇ ئەسلى خرىستىئانلاردىن ئىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ روزا تۇتىدىغان كۈنلىرى يېقىنلاشقاندا شۇنداق قىلاتتى، دەيدۇ.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: شەبان ئېيى مەلۇم پائالىيەتلەر قىلىنىدىغان ئاي ئەمەس. بۇ ئاينىڭ ئەۋۋىلىدە ياكى ئوتتۇرىسىدا ياكى ئاخىرىدا بولسۇن، مەخسۇس بەلگىلەنگەن بىر ئىبادەت يوق. (يەنى بارات ئېيىنىڭ 15-كېچىسىدە تۈنەش ياكى مەخسۇس ناماز ئوقۇش، بۇ كېچىنى باشقا كىچىلەردىن ئىبادەتتە ئارتۇق دەپ ئېتىقاد قىلىش) بۇنى پەقەت يېڭىدىن بىدئەت پەيدا قىلغۇچىلار خەلق ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرغان.

ھەممىدىن توغرىنىبىلگۈچى ئاللاھدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى