پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئەگەر ساغلام قوي تاپالمىسا قۇيرۇقى كېسىك ياكى ئېرىك قوينى قۇربانلىق قىلسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

مەن 37039-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىنى ئوقۇدۇم، لېكىن جەنۇبى ئاپرىقىدا قۇربانلىق قىلىدىغان ھايۋاناتلارنى غەيرى مۇسۇلمانلاردىن ئالىمىز، ئۇ يەردە چارۋىچىلارنىڭ تىز سەمىرىشى ئۈچۈن كىچىك ۋاقتىدىلا قۇيرۇقلىرىنى كېسىۋېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قۇربانلىق قىلىدىغان ۋاقىتتا قۇيرۇقى ساق بولغان ھايۋانلارنى تېپىشىمىز قىيىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قۇيرۇقى كېسىك ھايۋانلارنى سېتىۋېلىپ قۇربانلىق قىلساق دۇرۇس بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: قۇربانلىق قىلغاندا قۇيرۇقى كېسىك ۋە تاشىقى كېسىۋېتىلگەن ھايۋانلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىش زۆرۈر بولىدۇ، ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشى بويىچە، قۇيرۇقى كېسىك ھايۋاننىڭ قۇربانلىققا تەسىرى بولمايدۇ، ئەمما تاشىقى كېسىۋېتىلگەن ھايۋاننىڭ قۇربانلىققا تەسىرى بولىدۇ.

ئىبنى قۇدامە مەقدەسى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" قۇيرۇقى كىسىلگەن ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقى تۇغۇلغاندا يوق تۇغۇلغان بولسۇن ياكى كىيىن كېسىۋېتىلگەن بولسۇن ئوخشاش، چۈنكى قۇيرۇقنىڭ كېسىكلىكى ھايۋاننىڭ گۆشىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ شۇنداقلا قۇربانلىق قىلىشتىن ئىبارەت بولغان مەقسەت-غايىگىمۇ تەسىرى بولمايدۇ، بۇنداق ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىشتىن چەكلەش توغرىسىدا دەلىل بايان قىلىنمىغان." تۈگىدى. ["ئەلمۇغنىي" ناملىقئەسەر 13-توم 372-بەتتىن قىسقارتىپ ئىلىندى].

يەنە مۇنداق دەيدۇ: "چارۋىلارنىڭ تاشاققا ئوخشاش ئەزالىرى پۈتۈن كېسىپ تاشلانغانلىرى قۇربانلىق قىلىشقا يارىمايدۇ." تۈگىدى. ["ئەلمۇغنىي" 13-توم 371-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇربانلىقتا قۇيرۇقى تۇغۇلۇشتا بولمىغان ياكى كىيىن كېسىپ تاشلانغان چارۋىلار دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما تاشىقى كېسىپ تاشلانغان چارۋىلار دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى تاشاقنىڭ كېسىلىشى ئەيىب ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن قوي ياكى ئۆچكىنىڭ قۇيرۇقى بولمىسا قۇربانلىققا دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما تاشىقى بولمىسا قۇربانلىققا دۇرۇس بولمايدۇ." تۈگىدى. ["شەرھى مۇمتىئ" ناملىق ئەسەر 7-توم 435-بەت].

يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر پىچىۋېتىلگەن ئۇلاغمۇ ئالىملارنىڭ قارىشىدا قۇربانلىققا دۇرۇس بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ مەقسەت قىلىنىدىغان ئەھمىيەتلىك ئەزادۇر، ئەمما قۇيرۇق بولسا قوي، كالا ۋە تۆگىلەردە مەقسەت قىلىنىدىغان ئەزا ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھايۋانلارنىڭ قۇيرۇقى قۇربانلىق قىلىنغان ۋاقىتتا كېسىپ تاشلىنىدۇ، شۇنىڭدەك ئاۋسترالىيە قويىنىڭ قۇيرۇقىمۇكالىنىڭ قۇيرىقىغا ئوخشاش تاشلىۋىتىلىنىدۇ، ئۇ مەقسەت قىلىنىدىغان ئەزا ھېسابلانمايدۇ، شۇنىڭدەك قۇربانلىقتا قۇيرۇقى كېسىۋېتىلگەن ئاۋسترالىيە قويلىرى دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئۇ قويلارنىڭ قۇيرىقىنىڭ ھېچ قىممىتى يوق". تۈگىدى. ["ھەج سۆھبەتلىرى" 108 -بەت].

37039-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا پەتىۋا كومىتېتىنىڭ، تاشىقى كېسىۋېتىلگەن ھايۋاننى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەتىۋاسىنى بايان قىلدۇق.

ئىككىنچى: قۇربانلىق قىلىدىغان ۋاقىتتا سىز تاشىقى كىسىۋىتىلمىگەن ھايۋاننى ئىزدەڭ. ئەيىب-نۇقساندىن خالى بولغان قوينى تېپىش ئىمكانىيىتى بولىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا تاشىقى كېسىۋېتىلگەن قوينى قۇربانلىق قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ.

ئەگەر قۇربانلىققا يارايدىغان ساغلام قوي تېپىش مۇمكىن بولمىغاندا، ئەيىپلىك قوينى قويۇپ، قۇربانلىققا يارايدىغان باشقا ھايۋانلارنى ئىزدەش كېرەك بولىدۇ. مەسىلەن: ئۆچكە قۇربانلىق قىلىش كېرەك، ئەگەر قۇربانلىققا يارايدىغان ئۆچكە تېپىلمىسا، كالا ياكى جامۇس ياكى تۆگە قۇربانلىق قىلىش كېرەك، تۆگە ياكى كالىغا يەتتە كىشى شېرىك بولسا بولىدۇ ياكى كۆپرەك ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن تۆگە ياكى كالىنى ئۆزى يالغۇز قۇربانلىق قىلسىمۇ بولىدۇ، تۆگە ياكى كالىدا يەتتىدىن ئاز كىشى شېرىك بولسىمۇ بولىدۇ، ئەمما يەتتىدىن ئارتۇق كىشى شېرىك بولسا بولمايدۇ.

ئەگەر شۇ رايۇندىكى قويلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تاشىقى كېسىۋېتىلگەن بولسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئۇنىڭدىن باشقا ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، ئۇنداق ۋاقىتتا تاشىقى كېسىۋېتىلگەن قويلارنى قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ، بولۇپمۇ چارۋىچىلارھايۋانلارنىڭ تىز سەمىرىشىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق قىلغان بولسا بۇ ئىش ئۇ ھايۋانلارغا نىسبەتەن ئەيىب ھېسابلانمايدۇ. ئەگەر بۇنداق ھالەتتىمۇ ئۇ ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلىشتىن چەكلىسەك، بۇ ۋاقىتتا قۇربانلىقتىن ئىبارەت بولغان ئىسلام دىنىنىڭ شوئارى بىكار قىلىنغان بولىدۇ. قۇربانلىقتىن ئىبارەت بولغان ئىسلامنىڭ شوئارىنى ئىزھار قىلىشتىن بولغان مەسلەھەت، ئەيىپلىك قوينى قۇربانلىق قىلىشتىن بولغان خاتالىقتىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملارنىڭ قارىشىدا بېكىتىلگەن قائىدە: "ئاسانلىق قىيىنچىلىق بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ". ئىبادەتنى شەرئى تەقەززا بىلەن تولۇق ئادا قىلىش مۇمكىن بولمىسا، يەنى بەزىسىنى ئادا قىلىش مۇمكىن بولسا، بۇ ئىبادەت پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ بەلكى قىلىش مۇمكىن بولغانلىرى ئادا قىلىنىدۇ.

بۇ قائىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىدىن ئىلىنغان: سىلەرنى بىر ئىشنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇسام، ئۇ ئىشنى كۈچىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئادا قىلىڭلار. [بۇخارى رىۋايىتى7288-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1337-ھەدىس. ئىمام سۇيۇتىينىڭ: "ئەلئەشباھ ۋەننەزائىر" ناملىق ئەسىرى 159-بەتكە قارالسۇن. ئىمام ئەززىبنى ئابدۇسالام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تائەت-ئىبادەتتىن بىر ئىشنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغان كىشى ئۇ ئىبادەتنىڭ بەزىسىنى ئادا قىلىشقا قادىر بولۇپ، بەزىنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلسە، قادىر بولالىغاننى ئادا قىلىدۇ، قادىر بولالمىغانلىرى ئۇنىڭدىن ساقىت بولىدۇ." تۈگىدى. ["قەۋائىدۇل ئەھكام" (2/7)].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى