پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مەھرەمسىز ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىش توغرىسىدا

161002

تارقاتقان ۋاقىت : 31-12-2013

كۆرگۈچىلەر : 4443

سۇئال

مەن بىر مۇسۇلمان قىز، ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان كاپىرلارنىڭ دىيارىدا ياشايمەن. ئىككى ھەرەم دىيارىغا ئوخشاش ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ دىيارىغا كېتىشنى ئويلايمەن، ئانام بۇ پىكرىمگە قارشى تۇرىۋاتىدۇ، ئەمما مەن ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان زېمىندىن يىراق بولۇپ، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە ياشاش ئۈچۈن ئىككى ھەرەم زېمىنىغا ھىجرەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭ مەھرەمسىز ھىجرەت قىلىشىم توغرا بولامدۇ؟، كاپىر دىيارىدا ئانامنى يالغۇز تاشلاپ كەتسەم قانداق بولىدۇ؟، ئانام مېنىڭ ئۆزىنى يالغۇز تاشلاپ كېتىشىمنى خالىمايدۇ، مەن بىلەن بىرگە ھىجرەت قىلامدۇ ياكى قىلمامدۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن، ماڭا توغرا يول كۆرسەتكەن بولساڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىلمىڭلارنى زىيادە قىلسۇن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئەسلىدە خانىم-قىزلارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بۇ ھەقتە ئىلگىرى (101520 ۋە 145413) نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى توختالغان ئىدۇق. لېكىن ئالىملار يۇقىرىقى ھۆكۈمىدىن بۇ ھۆكۈمنى ئىستىسنا قىلدى: يەنى خانىم-قىزلار ئۈچۈن ۋاجىپ بولغان سەپەرلەر دەپ ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: كاپىر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا ھىجرەت قىلىش دېگەننى ئايرىدى.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار ھەممىسى بىردەك خانىم-قىزلارنىڭ ھەج-ئۆمۈردىن باشقا سەپەرگە مەھرەمسىز چېقىشى توغرا بولمايدۇ، دېگەن قاراشقا بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن كاپىر دىيارىدىن ھىجرەت قىلىش مەسىلىسىدە، خانىم-قىزلارنىڭ مەھرىمى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ كاپىر دىيارىدىن ئىسلام دىيارىغا مەھرەمسىز ھىجرەت قىلىشىنى توغرا دەپ قارىدى، چۈنكى خانىم-قىزلار كاپىر دىيارىدا ئۆز دىنى ۋە ئەقىدىسىنى ئاشكارا قىلالماستىن ياشىشى، شۇنداقلا ئۆزىۋە دىنىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرىسە، مەزكۇر رايوندا ياشىشى ھارامدۇر". تۈگىدى. ["شەرھى سەھىھ مۇسلىم" (9-توم 104-بەت].

ئەبۇل ئابباس قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار، ئايال كىشى ئۆز نەپسىدىن ۋە دىنىدىن ئەنسىرىگەن ۋاقىتتا مەھرەمسىز يالغۇز سەپەر قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ، دېگەن قاراشتا بىرلىككە كەلگەن." تۈگىدى. ["ئەل مۇپھەم لىما ئەشكەلە مىن تەلخىس كىتاب مۇسلىم" 6-توم 11-بەت].

"دىننى تۇرغۇزۇش مۇھىم بولۇپ، ئۇ مۇھىم ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىلىپ بارىدىغان ئىشمۇ مۇھىمدۇر". [مەتالىب ئەۋلىيەننۇھا 3-توم 433-بەت.

يۇقىرىدىكى دەلىللەرگە ئاساسەن ئەگەر سىز ھازىر ياشاۋاتقان دۆلەتتە ئىسلام شوئارلىرى ۋە دىنى ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىش ئەركىنلىكىڭىز بولمىسا ياكى ئۆزىڭىز ۋە دىنىڭىزنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا ئۆزىڭىز ۋە دىنىڭىزنى تىنچلىققا ئىگە قىلالايدىغان باشقا بىر دىيارغا ھىجرەت قىلىشىڭىز لازىم بولىدۇ. دىننى قوغداش ئاتا-ئانىغا ئىتائەت قىلىشتىن ئىلگىرى تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە مۇنداق دەيدۇ: وَإِن جَاهَدَاكَ عَلَىٰ أَن تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا ۖ وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفًا تەرجىمىسى: ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن). [سۈرە لوقمان 15-ئايەت].

ئەمما سىز ھازىر ياشاۋاتقان دىيارىڭىزدا، ئىسلام شۇئارلىرىنى تۇرغۇزۇپ، دىنى ئىبادەتلىرىڭىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئۆزىڭىزگە ئىگە بولۇپ ياشاش شارائىتىدا بولسىڭىز، بۇنداق ھالەتتە سىزنىڭ باشقا دىيارغا ھىجرەت قىلىشىڭىز ۋاجىپ ئەمەس بەلكى مۇستەھەبدۇر.

بۇ ۋاقتىدا سىزنىڭ يالغۇز سەپەر قىلىشىڭىز ئىككى تەرەپتىن توغرابولمايدۇ: بىرى مەھرەمنىڭ بولماسلىقى، يەنە بىرى ئانىڭىزنىڭ سەپەر قىلىشىڭىزغا رۇخسەت قىلماسلىقىدىن ئىبارەتتۇر.

ئىمام بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇستەھەپ بولغان سەپەرلەرگە ئاتا-ئانىنىڭ رۇخسىتى بىلەن چىقىش كېرەك، چۈنكى ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش پەرز ئەيىن بولغان ئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، پەرز ئەيىن بولغان ئەمەللەر پەرز كۇپايە ۋە باشقا مۇستەھەپ ئەمەللەردىن ئادا قىلىشتا ئىلگىرى تۇرىدۇ". [كەششاپ ئەلقەننائ"ناملىق ئەسەر 6-توم 322-بەت].

شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئانىڭىزغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭ، ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ ۋە ھەرۋاقىت ھەمراھ بولۇشىڭىز ھارپىسىدا بەلكىم ئاللاھ تائالا سىزنىڭ قولىڭىز ئارقىلىق ئانىڭىزنىمۇ توغرا يولغا ھىدايەت قىلسا ئەجەب ئەمەس.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى