جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

مەسچىتتە ئىككى نامازنى جەملەپ ئوقۇش ناماز باشلاش تەكبىرىنى تېپىشنىڭ پەزىلىتىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.

سۇئال

مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: قىرىق نامازنى ناماز باشلاش تەكبىرىگە ئۈلگۈرۈپ ئوقۇغان كىشىنى، ئاللاھ تائالا دەۋزەختىن ۋە مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت ئىككى ئىشتىن ساقلاپ قالىدۇ، دېگەن ھەدىسىنى ئوقۇغان ئىدىم، ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن بۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا كۆپ قېتىم ئۇرۇندۇم، بىر كۈنى قاتتىق يامغۇر يىغىپ كەتتى، بىز شام ۋاقتىدا شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى بىرگە جەملەپ ئوقۇدۇق، بۇ، قىرق كۈنلۈك ناماز باشلاش تەكبىرىنىڭ پەزىلىتىنى ھاسىل قىلىشنى بىكار قىلىۋىتەمدۇ ياكى بىكار قىلىۋەتمەمدۇ؟، ئەگەر بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشقا تېرىشپ، كۈنلەردىن بىر كۈنى ئىمامنىڭ نامىزىدا سەھۋەنلىك يۈز بەرسە، بۇ سەھۋەنلىك قىرىق كۈنلۈك ناماز باشلاش تەكبىرىنى تېپىشنىڭ پەزىلىتىنى بىكار قىلىۋىتەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان 241-نومۇرلۇق ھەدىستە، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىرىق كۈن ناماز باشلاش تەكبىرىگە ئۈلگۈرۈپ، جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغان كىشىگە ئاللاھ تائالا ئىككى ئازادلىقنى يېزىۋاتىدۇ، بىرى دوزاختىن ئازاد بولۇش يەنە بىرى مۇناپىقلىقتىن ئازاد بولۇش.[بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى زەئىپ دېگەن، ئىلگىرىكى ئالىملاردىن بىر بۆلەك كىشىلەرمۇ زەئىپ دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ زەئىپ بولىشىنىڭ سەۋەبى تابىئىننىڭ بىۋاستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىشىدۇر، (مۇرسەل). شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھغا ئوخشاش كىيىنكى ئالىملارنىڭ بەزىسى بۇ ھەدىسنى ھەسەن دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن. "تەلخىسۇل ئەلھۇبەير" ناملىق ئەسەر 2-توم 27-بەت].

مەسچىتنىڭ جامائەتلىرى ئىككى نامازنى جەم قىلىپ ئوقۇغان بولسا، بۇ ناماز ئوقۇغۇچىنى ناماز باشلاش تەكبىرىنىڭ پەزىلىتىنىڭ تېپىشتىن چەكلەپ قويمايدۇ، شۇنىڭدەك ناماز ئوقۇغۇچى ئىمام بولسۇن ياكى جامائەت بولسۇن ياكى نامىزىدا سەھۋەنلىك سادىر بولسۇن بۇنىڭدا ھېچ پەرق يوقتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-رەھمىتى كەڭرىدۇر. ئاللاھنىڭ شەپقىتى چەكسىزدۇر.

ئاللاھ تائالادىن بىزنى ۋە سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى، مەنپەئەتلىك ۋە ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى