جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئايالنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان تۇخۇمنى سۈنئى چاڭلاشتۇرۇپ، توڭلىتىپ ئاندىن كېرەك بولغاندا ئۇنىڭدىن پايدىلانسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

ئاللاھ تائالا ماڭا توڭلىتىلغان تۇخۇم يولى ئارقىلىق ياكى سۈنئى چاڭلاشتۇرۇلغان تۇخۇم ئارقىلىق، بىر پەرزەنت ئاتا قىلدى، بالام ھازىر ئىككى ياشقا كىردى، ئەمما مەن بۇنداق قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى كېيىن بىلدىم، مېنىڭ ھازىرقى سوئالىم: بىز مۇشۇ يول بىلەن يەنە بىر پەرزەنتلىك بولساق توغرا بولامدۇ؟ بىز ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق قىلىشنى باشلىدۇق، بۇ ئىش تامام بولغىلى تۇردى، بىز بۇنىڭدىن قۇتۇلىشىمىز كېرەكمۇ؟ يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن؟ ئاللاھ ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    چاڭلاشتۇرۇش ياكى نەيچە ئارقىلىق ئۇرۇق ماڭغۇزۇش تۈرلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ بەزى شەكىللىرى توغرا بولىدۇ، بەزى شەكىللىرى چەكلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن توغرا بولىدىغان شەكىللىرى:

   -ئەردىن ئىسپېرما ۋە ئايالدىن تۇخۇم ئېلىپ بۇ ئىككىسىنى سىرتتا چاڭلاشتۇرۇپ ئاندىن ئۇ ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا كۆچۈرۈش بولۇپ، بۇنداق ھالەتتە، خاتا بولۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىش، ئىشەنچىلىك دوختۇرلارنى تاللاش كېرەك بولىدۇ، چۈنكى بەزى دوختۇرلار  ئەرنىڭ ئىسپىرمىسىنىڭ چاڭلاشتۇرۇشقا يارىمايدىغانلىقىنى بىلسە، ئايالنىڭ تۇخۇمىغا باشقا ئەرنىڭ ئىسپىرمىسىنى سىلىپ قويىدۇ، بۇنىڭدىن باشقىمۇ خەتەرلىك، توغرا بولمىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ. 

   شۇنىڭدەك تۇخۇمنى چاڭلاشتۇرغاندا بەك ئارتۇق قىلىۋەتمەستىن بەلكى تەلەپ قىلىنغان ساندا توختاش كېرەك، ئەگەر چاڭلاشتۇرۇلغان تۇخۇملار كۆپ بولۇپ قالسا، بۇلار كۆڭۈل بۆلۈنمەستىن ھاياتلىقى يوقايدۇ، ئۇنى ساقلاشمۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى تۆرەلمە ياكى تۇخۇملارنى ساقلاپ قالغاندا، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن قەستەن ياكى خاتا ھالەتتە باشقا تۆرەلمىلەرگە ئارىلىشىپ كېتىشكە ئېلىپ بارىدۇ، بۇ نەسەپنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.

    ھىجىرىيە 1410-يىلى مىلادىيە 1999-يىلى ئىسلام قۇرۇلتاي تەشكىلاتىغا تەۋە بولغان ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى تەرىپىدىن بۇ توغرىدا مۇنداق قارار ماقۇللانغان:

    1-ئىلمى تەتقىقات نەتىجىسىگە كۆرە، ئايالدىن ئېلىنىدىغان چاڭلاشتۇرۇلمىغان تۇخۇملارنى ساقلاپ قىلىش مۇمكىن بولىدىكەن، چاڭلاشتۇرۇلغان تۇخۇملارنىڭ ئارتۇق بولۇپ قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۇخۇملارنى ھەر قېتىمدا تېرىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان سان بويىچە چاڭلاشتۇرۇش زۆرۈر بولىدۇ.

   2-قايسى جەھەتتىن بولسۇن چاڭلاشتۇرۇلغان تۇخۇملار ئارتۇق بولۇپ قالسا، ئارتۇقلىرى تەبى يول بىلەن ھاياتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر تىببى جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈنمەستىن تاشلاپ قويۇلىدۇ.

   3- بىر ئايالنىڭ چاڭلاشتۇرۇلغان تۇخۇمچىسىنى يەنە بىر ئايالغا ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چاڭلاشتۇرۇلغان تۇخۇمنى توغرا بولمىغان يول بىلەن ھامىلىگە ئىشلەتمەسلىك ئۈچۈن ئامال چارىلار بىلەن ئېھتىيات تەدبىرلىرىنى قىلىش كېرەك. ["ئىسلام پىقھى مەجمۇئەسى ژورنىلى" 7-سان 3-توم 563-بەت].

    سوئال سورىغۇچى ئەر-ئايال ئىككەيلەن تىز سۈرئەتتە توڭلىتىلغان چاڭلاشتۇرۇلغان تۇخۇملاردىن قۇتۇلشىڭلار كېرەك، گەرچە قىممەت ياكى جاپالىق بولسىمۇ يېڭىدىن سۈنئى چاڭلاشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرساڭلار بولىدۇ، چۈنكى بۇ زىياننى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تۆرەلمىلەر ئارىلىشىپ كېتىشىگە ئېھتىماللىقى بولغان زىيانغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. 

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى