سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

پىتىر سەدىقىسى بېرىشنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ۋاقتى قايسى؟

سۇئال

پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشتا، ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى قايسى؟، ئىمامنىڭ نامىزىمۇ ياكى يالغۇز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزىمۇ ياكى مۇتلەق نامازنىڭ ۋاقتىمۇ؟ئاللاھ ياخشى مۇكاپات بەرسۇن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پىتىر سەدىقىسىنى  ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن ئادا قىلىش كېرەك بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىتىر سەدىقىسىنى روزىدارلارنى قۇرۇق گەپ ۋە ناچار سۆزلەردىن پاكلاش، مىسكىنلەرگە يىمەكلىك قىلىپ بېرىش ئۈچۈن پەرىز قىلدى، بۇنى ھېيت نامىزىغا چېقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلسا، ئۇ قوبۇل قىلىنىدىغان پىتىر سەدىقىسى بولىدۇ، نامازدىن كېيىن ئادا قىلغان بولسا ئۇ مۇتلەق سەدىقىنىڭ قاتارىدىن بولىدۇ. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 160-ھەدىس. ئىبنى ماجە 1827-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ۋە باشقا توپلاملاردا ھەسەن دەپ كەلتۈرگەن].

   ھەدىسنىڭ كۆرۈنۈشىدىن پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىشنىڭ ۋاقتى ھېيت نامىزى ئوقۇشتىن بۇرۇن بېرىشكە توختىتىلغان، مەسچىتنىڭ قانۇنلۇق ئىمامى نامازنى ئادا قىلىپ بولسا، پىتىر سەدىقىسى بېرىشنىڭ ۋاقتى ئاخىرلاشقان بولىدۇ، يالغۇز ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ نامىزى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، چۈنكى بۇنى ئېتىبارغا ئالساق ئۇنىڭ ئېنىق ۋاقتى بېكىتىلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمامنىڭ نامىزى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.

    لېكىن ھېيت نامىزى ئوقۇلمايدىغان چۆللۈك-سەھرالاردا شۇ جايغا ئەڭ يېقىن بولغان شەھەرنىڭ ھېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى بويىچە ھېساب قىلىنىدۇ.

    بەھۇتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پىتىر سەدىقىسىنى ئادا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتتۇر، ھېيت نامىزى ئوقۇلمايدىغان ئورۇنلاردىمۇ مۇشۇ ۋاقىت ئۆلچەم قېلىنىدۇ، چۈنكى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ھېيت نامىزىغا چېقىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىشقا بۇيرىغان، كۆپچىلىك ئۆلىمالار: پىتىر سەدىقىسىنى ھېيت نامىزىغا ماڭغاچ ئادا قىلسا ياخشى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ["كەششاپۇل قەننائ" ناملىق ئەسەر 2-توم 252-بەتكە قارالسۇن].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى