جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

خۇلئى بىلەن تالاق ئارىسىدىكى پەرق توغرىسىدا

سۇئال

ئېرىمگە تويلۇق مېھرىنى قايتۇرۇپ خۇلئى تەلەپ قىلدىم، ئۇ مالنى ئېلىپ ماڭا رەھمەت، ئاللاھ سىزگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن، سىز ھازىردىن باشلاپ ئەركىن-ھۆر كەتسىڭىز بولىدۇ دېدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆيدىن ئايرىلىپ قىز ھەمشىرەمنىڭ ئۆيىگە كەتتىم، ئۇ يەردە ئىككى كۈن قالدىم، ئاندىن كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدىم، خوشنىلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن ئۇلار ماڭا ۋە پەرزەنتلىرىمگە ياخشى كۆڭۈل بۆلدى، مەن بۇ جەرياندا ھامىلە ئىدىم تۇغۇت ۋاقتىم يېقىنلاشتى، ئېرىم ماڭا تىلىپۇن قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەندىن ۋە ئوغلۇمدىن خاتىرجەم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ ھازىرمۇ ئەر-ئايال ئىكەنلىكىمىزنى، خۇلئىنىڭ تالاق بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىز مەسچىت ئىمامىنىڭ يېنىغا بېرىپ بۇ توغرىدا سۆزلەشتۇق، ئىمام سىز تالاق بولۇپسىز دېدى، بۇ توغرىمۇ؟ ھازىر بىز تۇغۇلىدىغان بوۋاق ئۈچۈن ئەقىقە قىلماقچى بولساق، يېڭىدىن توي قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ ياكى تالاق قىلىنغان ھالەتتە بولسىمۇ بوۋاقنىڭ ئەقىقىسىنى قىلساق بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: خۇلئى دېگەن تالاق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، لېكىن ئۇ نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتۇر، خۇلئىدىن كېيىن ئايال ئېرىگە يېڭىدىن نىكاھ قىلىش بىلەن قايتىدۇ.

    نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بىلەن تالاقنىڭ ئارىسىدىكى پەرق: نىكاھنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بولسا تالاقنىڭ سانىدىن ھېسابلانمايدۇ، ئەگەر سىز يولدىشىڭىز بىلەن يېنىشىۋالسىڭىز يولدىشىڭىز يەنە ئۈچ تالاققا ئىگە بولالايدۇ.

    ئەمما سىزنى بىر تالاق قىلغان بولسا، ئىددەت تۈگىگەن بولسا، قايتىدىن نىكاھ قىلىپ يېنىشقان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا پەقەت  ئىككى تالاققا ئىگە بولالايدۇ.

    ئايال ئېرىگە مال بېرىش بەدىلىگە ئايرىلىشنى ئىپادىلەيدىغان ھەرقانداق سۆز خۇلئى بولىدۇ، ئەگەر ئەر كىشى خۇلئى قىلىش بىلەن بىرگە تالاق دېگەن بولسا، يەنى :ماڭا تويلۇق مېھرىنى قايتۇرۇپ بېرىش بەدىلىگە سېنى تالاق قىلدىم دېگەن بولسا، بۇ كۈچلۈك قاراشتا خۇلئى بولىدۇ، يەنى گەرچە ئەر مال ئېلىش بىلەن تالاق دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ ئۇ ئەمەلىيەتتە خۇلئى بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 126444 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ئىككىنچى: ئىككىڭلار ئايرىلىپ تۇرۇپمۇ بوۋاقنىڭ ئەقىقىسىنى قىلساڭلار بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن يارىشىش كېرەك بولمايدۇ، لېكىن يولدىشىڭىز سىزگە نىسبەتەن ھەممە ئىشتا يات كىشىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ

    سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز، سىز يولدىشىڭىزنىڭ ئىلگىرىكى ئەھۋالى توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىڭ، پىكىر قىلىڭ، ئىستىخارە قىلىڭ، قايتا ئۆي تۇتۇشتا ياخشىلىق ۋە مەنپەئەت بار دەپ قارىسىڭىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن نىكاھنى يېڭىلاپ يېنىشىۋالسىڭىز بولىدۇ. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر،

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى