پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

نامازنى مەسچىتتە ئوقۇش ۋاجىپ دېگەن قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ دەلىللىرى توغرىسىدا

183186

تارقاتقان ۋاقىت : 22-02-2017

كۆرگۈچىلەر : 2139

سۇئال

نامازنى مەسچىتتە ئوقۇش ۋاجىپ ئەمەس دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىلى نېمە؟، شۇنىڭدەك مەسچىتتە ئوقۇش ۋاجىپ دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ دەلىلىچۇ؟. بۇ ھەقتەچۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئىككى تۈرلۈك قاراشتا بولدى. ئۇ قاراشلارنى ئىمام ئەھمەدنىڭ مەزھىبىدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

بىرىنچى قاراش: نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇش ۋاجىپ.

ئىككىنچى قاراش: نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇش ۋاجىپ ئەمەس، ئۆيىدە جامائەت بولۇپ ئوقۇسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ.

ئىمام مەرداۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىككى رىۋايەتنىڭ بىرىدە نامازنى ئۆيدە جامائەت بولۇپ ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ، يەنە بىر رىۋايەتتە نامازنى جامائەت بولۇپ ئۆيدە ئوقۇسا دۇرۇس بولمايدۇ". ["ئەلئىنساپ" ناملىق ئەسەر 2-توم 214-بەت].

بىرىنچى قاراش بىزنىڭ تور بىتىمىزدە تاللانغان قاراش بولۇپ، بۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ، شەيخ سەئدىي، شەيخ ئىبنى باز ۋە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ قاتارلىقلارنىڭ قارىشىدۇر. بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 120- ۋە 38881-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئىككىنچى: نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇش ۋاجىپ دېگەن قاراشتىكى ئۆلىمالارنىڭ كەلتۈرگەن دەلىلى:

بىرىنچى دەلىل: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى! ئوتۇن يېغىشقا بۇيرۇسام، ئوتۇن يىغىلسا، بىر كىشىنى نامازغا ئەزان ئوقۇشقا بۇيرۇسام ئەزان ئوقۇلسا، بىر كىشىنى نامازغا ئىمام بولۇشقا بۇيرۇسام ئۇ كىشى نامازغا ئىمام بولسا، ئاندىن نامازغا كەلمىگەن ئەرلەرنىڭ ئۆيلىرى بىلەن قېتىپ كۆيدۇرىۋەتسەم. مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى! نامازغا كەلمىگەنلەرنىڭ بىرىگە خۇپتەن نامىزى ئۈچۈن مەسجىدكە چىققانلارغا، سۆڭەكلىك گۆش ياكى سېمىز ئىككى پۇت تەقسىم قىلىنىدۇ، دېيىلسە، ئۇ جامائەتكە چىققان بولاتتى.[بۇخارى رىۋايىتى 644-نومۇرلۇق ھەدىس].

بۇ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازغا كەلمىگەنلەرنىڭ ئۆيىنى كۆيدۇرىۋىتىشنى مەقسەت قىلغان، ئەمما ئۇلار ئۆيىدە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇدىمۇ ياكى ئوقۇمىدىمۇ؟ بۇنى تەپسىلى بايان قىلمىغان.

ئىككىنچى دەلىل: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر قارىغۇ كىشى كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنى مەسچىتكە يېتىلەپ ئېلىپ كىلىدىغان كىشى يوق، نامازنى ئۆيدە ئوقۇشقا رۇخسەت بەرگەن بولسىلا؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە رۇخسەت قىلغان، ئۇ كىشى كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭغان ۋاقىتتا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى چاقىرىپ: نامازغا ئەزان ئوقۇسا ئاڭلامسىز دەپ سورىغانتى، ئۇ كىشى: ھە-ئە، ئاڭلايمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداق بولسا نامازغا مەسچىتكە كېلىڭ، دېدى.[مۇسلىم رىۋايىتى 653-نومۇرلۇق ھەدىس].

بۇ ھەدىستە، ئەگەر نامازنى ھەرقانداق جايدا جامائەت بولۇپ ئوقۇش دۇرۇس بولغان بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ قارىغۇ كىشىگە ئۆز ئۆيىدە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغان بولاتتى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلسە، گۇناھ بولمىغان ئەھۋالدا، ئىككى ئىشنىڭ ئاسانراقىنى تاللايتتى.

ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قارىغۇ كىشى ئۈچۈن نامازنى ئۆيدە ئوقۇش رۇخسەت بولمىغان يەردە، كۆزى كۆرىدىغان كىشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە رۇخسەت بولمايدۇ." ["ئەلئەۋسەت" ناملىق ئەسەر 4-توم 134-بەت].

ئۈچىنچى دەلىل: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قىيامەت كۈنىدە مۇسۇلمان ھالىتىدە ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشى كۈندە بەش ۋاقىت ئەزان ئوقۇلىدىغان نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلسۇن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىڭلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ھىدايەتنىڭ يوللىرىنى بايان قىلدى، بەش ۋاقىت نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش بولسا ھىدايەتنىڭ يولىدۇر، ئەگەر سىلەر نامازغا كەلمەي ئۆيىدە ئوقۇغان كىشىلەرگە ئوخشاش نامازنى ئۆيۇڭلاردا ئوقۇساڭلار چوقۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى تەرك قىلغان بولىسىلەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى تەرك قىلساڭلار، ئەلۋەتتە ئېزىپ كېتىسىلەر، بىز نامازغا كەلمىگەن كىشىلەرنى ئېنىق مۇناپىق دەپ قارايتتۇق، بەزى كىشىلەرنى نامازغا ئىككى كىشى يۆلەپ ئەكىلىپ، سەپتە تۇرغۇزاتتى.» [مۇسلىم رىۋايىتى 654-نومۇرلۇق ھەدىس].

يەنە بىر ئۈسلۈبتا بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ھىدايەتنىڭ يوللىرىنى ئۈگەتتى، ئەزان ئوقۇلغان مەسچىتتە نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ھىدايەتنىڭ يوللىرىدىندۇر.[مۇسلىم رىۋايىتى 654-نومۇرلۇق ھەدىس].

يۇقىرىقى ھەدىستە، نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇشقا قاتناشماسلىق مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.

تۆتىنچى دەلىل: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەزاننى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئۈزرۈسىز مەسچىتكە كەلمىگەن ئادەمنىڭ ئۆيدە ئوقۇغان نامىزى ناماز بولمايدۇ. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 793-نومۇرلۇق ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ماجەنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دېگەن].

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 1208918-ۋە 40113-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئىككىنچى قاراشتىكى كىشىلەر يەنى نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇش ۋاجىپ ئەمەس دېگەن قاراشتىكى كىشىلەرنىڭ كەلتۈرگەن دەلىلى:

بىرىنچى دەلىل: جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: زېمىننىڭ ھەممە يىرى مەن ئۈچۈن پاك ۋە ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىندى. [بۇخارى رىۋايىتى 335-نومۇرلۇق ھەدىس].

ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىس نامازنى قايسى جايدا ئوقۇسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مەسچىتتە ئوقۇسۇن ياكى باشقا جايدا ئوقۇسۇن نامىزى دۇرۇس بولىدۇ.

ئىككىنچى دەلىل: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاندا ئۆيدە ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇدى، جامائەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئىشارەت قىلىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇشقا بۇيرىدى. [بۇخارى رىۋايىتى 688-نومۇرلۇق ھەدىس].

بۇ ھەدىستە، نامازنى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئوقۇش ۋاجىپ بولغان بولسا، ئەلۋەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئۆزى ئۆيىدە تۇرۇپ ئوقۇغان نامىزىغا ئەگىشىشكە رۇخسەت قىلمايتتى ياكى نامازنى مەسچىتتە جامائەت بولۇپ قايتىدىن ئوقۇشقا بۇيرۇتتى.

ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستىن: سالامەتلىكى ياخشى بولمىغان كىشى جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى يوقلاپ كىرگەن كىشىلەر بىلەن جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

بۇ ھەدىس يەنە: جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتتە ھازىر بولۇشنىڭ ۋاجىپ ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ توغرىدا ئىمام ئەھمەدتىنمۇ بىر رىۋايەت بار. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئۇلارنى نامازنى مەسچىتتە جامائەت بولۇپ قايتا ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان بەلكى ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئوقۇغان نامىزى ئۇلارغا كۇپايە قىلغان." [ئىبنى رەجەبنىڭ "پەتھۇل بارى" ناملىق ئەسىرى 2-توم 241-بەتتىن ئىلىندى].

ئۈچىنچى دەلىل: ئۇتبان ئىبنى مالىك ئەلئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بەنى سالىمدىن بولغان جامائەتلىرىمگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بىرىۋاتاتتىم، بىر كۈنى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدىم: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ كۆزۈم ئاجىزلىشىپ قالدى، ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى جىلغا مەن بىلەن جامائەتلىرىمنىڭ مەسچىتىنىڭ ئارىسىغا توسانجا بولىدۇ، سىلى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ بىر جاينى تاللاپ ناماز ئوقۇپ بەرگەن بولسىلا، مەن شۇ جاينى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىۋالغان بولسام؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ خالىسا شۇنداق قىلىمەن، دېدى. بۇخارى رىۋايىتى 840-نومۇرلۇق ھەدىس.

تۆتىنچى دەلىل: يەزد ئىبنى ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ۋىدالىشىش ھەجىگە ھازىر بولغانتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە خەيپ مەسچىتىدە بامدات نامىزىنى ئوقۇدۇم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدىن سالام بېرىپ بولغاندىن كېيىن جامائەتنىڭ ئاخىرىدا ناماز ئوقۇماي تۇرغان ئىككى كىشىنى كۆرۈپ: ئۇ ئىككى كىشىنى ئىلىپ كېلىڭلار دېدى، ئۇ ئىككى كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئىلىپ كېلىنگەندەئۇلار تىترەۋاتاتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىلەر نېمە ئۈچۈن بىز بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇمايسىلەر؟ دېدى، ئۇلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز چۈشكەن چىدىرىمىزدا ناماز ئوقۇپ بولغان ئىدۇق دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداق قىلماڭلار، چۈشكەن ئورنۇڭلاردا ناماز ئوقۇپ بولۇپ، مەسچىتكە كەلگەن بولساڭلار، جامائەت نامازغا تۇرغان بولسا ئۇلار بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇڭلار، ئۇ ناماز سىلەرگە نەپلە بولىدۇ، دېدى. [تىرمىزى رىۋايىتى 219-نومۇرلۇق ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ سۈنەنۇل تىرمىزىدا كەلتۈرگەن].

بۇ ھەدىستە، ئۇ ئىككى كىشى نامازنى چۈشكەن ئورنىدا جامائەت بىلەن ئوقۇپ، مەسچىتنىڭ جامائىتىنى تەرك قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئىنكار قىلمىغان. بۇ ھەقتە 178385-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى