جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئاياللارنىڭ ئاياللار ناماز ئوقۇيدىغان جايدا سەپنىڭ كەينىدە يالغۇز تۇرۇپ ناماز ئوقۇشى توغرىسىدا

189778

تارقاتقان ۋاقىت : 07-02-2017

كۆرگۈچىلەر : 2410

سۇئال

مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇغاندا سەپنى تۈزلەپ، مۈرىنى مۈرىگە باراۋەر قىلىپ، سەپ ئارىسىدىكى بوش ئورۇنلارنى تولۇقلاپ تۇرۇشى زۆرۈر بولىدۇ، ئۆيۈمگە يېقىن جايدا كېچىكىپرەك نامازغا ھازىر بولدۇم، ئاياللارمۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن نامازغا ھازىر بولۇپ تۇرۇپتۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن يىراق ئارىلىق قويۇپ سەپتىن ئايرىلىپ تۇرۇپتۇ، مەن ئۇلارنى سەپنى تۈزلەپ، بىر-بىرىگە يېقىن تۇرۇشقا دەۋەت قىلساممۇ ئۇلار سەپنى تۈزلەپ، تولۇقلاپ تۇرۇشنى رەت قىلدى، تىزلا نامازغا تەكبىر ئېيتىلدى، مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم، مەن سەپنىڭ كەينىدە يالغۇز تۇرۇپ نامازغا تۇردۇم، مەن سەپنىڭ كەينىدە ئىمامغا ئەگىشىپ نامازنى يالغۇز ئوقۇپ، پىتنىدىن يىراق بولۇش ئۈچۈن ئىمام سالام بېرىشى بىلەن ناماز ئوقۇغان ئورۇندىن تۇرۇپ كەتتىم، بۇ قىلغىنىم توغرىمۇ ياكى خاتامۇ؟ بۇنى بىلەلمىدىم، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: نامازدا سەپنى تۈزلەپ تۇرۇش زۆرۈر بولىدۇ، بۇ توغرىدا 36881 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلدۇق.

قۇرئان-ھەدىستە كەلگەن دەلىللەر ئومۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ سەپ تۇزىشىدە ھېچ پەرق يوق.

سەپنى تۈزلەشنىڭ جۈملىسىدىن: سەپنى تولۇق، تۈز قىلىپ ئۇلاش، سەپ ئارىسىدا بوش ئورۇن قويماسلىق، بۇ توغرىدا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سەپنى تۈزلەپ تۇرۇڭلار، دولىنى دولىغا باراۋەر قىلىڭلار، بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭلار، ئۆز-ئارا مۇلايىم بولۇڭلار، شەيتانغا بوش ئورۇن قويماڭلار، سەپنى ئۇلىغان كىشىنىڭ قەلبلىرىنى ئاللاھ تائالا ئۇلايدۇ، سەپنى ئۈزۈۋەتكەن كىشىنىڭ قەلبلىرىنى ئاللاھ تائالا ئۈزۈۋېتىدۇ. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "مۇشكاتىل مەسابىھ" ناملىق ئەسەر 1102-نۇمۇردا كەلتۈرگەن.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان ئومۇمى دەلىللەر جامائەت نامىزىدا پەرىز ناماز بولسۇن ياكى تەراۋىھ نامىزىدەك نەپلە ناماز بولسۇن ياكى جىنازا نامىزى بولسۇن ياكى ئاياللار جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغان بولسۇن سەپنى تۈزلەش زۈرۈر بولىدۇ، ھەر قاچان سەپ تۈزۈلىدىكەن سەپنىڭ تۈز بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان دەلىللەر سەپنى تۈزلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىپادىلىسىمۇ لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر سەپنى تۈز قىلىشقا سەل قارايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە كېيىنكى ئىز باسار خەلىپىلەر نامازدا سەپنى تۈزلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولى بىلەن ساھابىلارنىڭ كۆكرىكى ۋە دولىسىنى تۈزلەپ تۇرۇپ: سەپنى تۈز قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، قەلبىڭلار بىرلەشمەيدۇ دەيتتى، كېيىنكى ئىز باسار خەلىپىلەردىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر بۆلەك كىشىلەرنى سەپنى تۈزلەشكە مەسئۇل قىلغان، ئۇلار سەپ تۈزلەندى دەپ خەۋەر قىلغاندا، نامازنى باشلايتتى." ]"پەتىۋالار توپلىمى 17-توم 106-بەتتىن ئىلىندى[.

شەيخ سالىھ ئەلپەۋزاندىن نامازدا ئاياللارنىڭمۇ سەپنى تۈزلەپ، بوش ئورۇننى تولدۇرۇپ تۇرۇشى شەرتمۇ؟، ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇيدىغان ئورنى مەسچىتتە ئەرلەر ناماز ئوقۇيدىغان جايدىن تولۇق ئايرىلىپ تۇرىدىغان بولسا، ئاۋۋالقى سەپ بىلەن ئاخىرقى سەپ ھۆكۈمدە ئوخشاش بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: "سەپنى تۈزلەش، باراۋەر قىلىش، بىرىنچى سەپنى تولۇقلاش، بوش ئورۇننى تولۇقلاش قاتارلىق ئىشلاردا ئەرلەر قانداق قىلغان بولسا ئاياللارمۇ شۇنداق قىلىدۇ، ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئارىسىدا توساق بولمىسا ئەرلەردىن يىراق بولۇش ئۈچۈن ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، ئاياللارنىڭ سېپىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەپنىڭ ئاخىرى ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پاسىل-توساقبولسا چەكلىمە بولمىغانلىقى ۋە ئىمامغا يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئاياللارنىڭ سېپىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەپنىڭ ئەۋۋىلىدۇر".ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر." ["شەيخ پەۋزان پەتىۋالىرىدىن تاللانما"].

ئىككىنچى: ئۈزرۈسىز سەپنىڭ كەينىدە يالغۇز ناماز ئوقۇش توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەپنىڭ كەينىدە يالغۇز ناماز ئوقۇۋاتقان بىر كىشىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن: نامازنى قايتا ئوقۇڭ، سەپنىڭ كەينىدە يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس ئەمەس. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 15708-نومۇرلۇق ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل" ناملىق ئەسەر 541-نۇمۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن]. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن "سەپنىڭ كەينىدە يالغۇز ناماز ئوقۇش توغرىسىدا" ماۋزۇلۇق 11199-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئومۇمى ھەدىسلەرنىڭ ھۆكمى بويىچە، ئايال كىشى ئۆزرۈسىز سەپنىڭ كەينىدە يالغۇز ناماز ئوقۇغان بولسا ئۇ ئايالنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولمايدۇ.

چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام «سەپنىڭ كەينىدە يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىنى كۆرۈپ، ئۇ كىشىنى نامازنى قايتا ئوقۇشقا بۇيرىغان.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى682-نومۇرلۇق ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 230-نومۇرلۇق ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەر كىشى ئەرلەرنىڭ سېپىنىڭ كەينىدە يالغۇز ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولمىغاندەك، ئايال كىشى ئاياللار سېپىنىڭ كەينىدە يالغۇز ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولمايدۇ. قازى ئەبۇ يەئلا بۇ ھەدىسكە ئىلاۋە قىلىپ ئىمام ئەھمەد مۇسنەدتە رىۋايەت قىلغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «سەپنىڭ كەينىدە يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس ئەمەس»دېگەن ھەدىسنىڭ ھۆكمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ زىكىر قىلغان. بۇ ھۆكۈمدىن: ئەگەر ئايال ئەرلەرنىڭ سېپىنىڭ كەينىدە يالغۇز ناماز ئوقۇغان بولسا، ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنغان." ["ناماز ۋە نامازنى تەرك قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكمى" ناملىق ئەسەرنىڭ 108-بىتىدىن ئىلىندى].

ئىمام مەرداۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىش: ئايال كىشى بىر ئايالغا ياكى بىرقانچە ئايالغا ئىمام بولغان بولسا، ئىمام بولغان ئايالنىڭ كەينىدە بىر ئايال يالغۇز تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان بولسا، يالغۇز تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان ئايالنىڭ نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ". بۇنى قازى ئەبۇ يەئلا ئۇ ھەدىسكە ئىلاۋە قىلغاندا كەسكىن قىلىپ، مەزھەپتىكى توغرا قاراش دېگەن.

ئەمما ئۆزۈر بىلەن سەپنىڭ كەينىدە يالغۇز ناماز ئوقۇغان بولسا، يەنى ئالدىنقى سەپتە بوش ئورۇن يوق ياكى ئالدىن سەپ ئەرلەرنىڭ سىپى بولۇپ، ئۇ سەپكە كىرمەي ئۆزى يالغۇز سەپنىڭ كەينىدە يالغۇز ناماز ئوقۇغان بولسا، ئۇ ئايالنىڭ نامىزى توغرا بولىدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ تەربىيەتچى ئانىسى ياكى ھاممىسىغا ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى، مېنى ئوڭ تەرەپتە تۇرغۇزدى، ئۇ ئايالنى كىيىنكى سەپتە تۇرغۇزدى، دېيىلگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى 660-نومۇرلۇق ھەدىس].

ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ئىسلام ئۆلىمالىرى، جامائەتنىڭ ئارىسىدا پەقەت بىرلا ئايال بولغان بولسا ئۇ ئايال سەپنىڭ كەينىدە يالغۇز تۇرۇپ ناماز ئوقۇسا نامىزى دۇرۇس بولىدۇ دېگەن قاراشتا بىرلىككە كەلگەن." ["پەتىۋالار توپلىمى" 23-توم 395-بەت].

يۇقىرىقى دەلىللەردىن شۇ ئاشكارا بولدىكى، ئۈزرۈسىز سەپنىڭ كەينىدە يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇس بولمايدۇ، مەيلى ئايال بولسۇن ياكى ئەر بولسۇن ئوخشاش، نامازنىڭ ۋاقتى چېقىپ كەتمىگەن بولسا، شۇنداقلا سەپكە كېرىپ ناماز ئوقۇشنىڭ ۋاجىپلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تەرك قىلغان بولسا، نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كەتمىگەن ھالدا مەزكۇر نامازنى قايتا ئوقۇيدۇ.

نامازدا سەپنى تولۇقلاشنىڭ ھۆكمىنى بىلمىگەن بولسا، نامازنىڭ ۋاقتى چېقىپ كەتكەن بولسا، نامازنى قايتا ئوقۇش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئىسلام قانۇنلىرى ئۇنىڭ ھۆكمىنى بىلگەندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدۇ. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھبۇقاراشنى بېكىتكەن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى