شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئەر-ئايال مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئىسپېرما چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن روزا بۇزۇلىدۇ

190113

تارقاتقان ۋاقىت : 10-06-2016

كۆرگۈچىلەر : 3170

سۇئال

مەن يېڭىدىن توي قىلغان قىز، ئىسلام سوئال-جاۋاپ تور بېكىتىدىن: رامىزاندا كۈندۈزدە ئەر-ئايال مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ ئىسپېرما چىقمىسا روزا بۇزۇلمايدۇ دېگەن مەزمۇندىكى ماقالىنى تاپتىم، يەنە مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەستىن مەنى-ئىسپېرما چىقسا بۇ توغرىدىكى ئۆلىمالارنىڭ ئىختىلاپلىرىنى كۆردۈم. رامزاننىڭ كۈندۈزدە، يولدىشىم بىلەن ئوينىشىپ يېقىنچىلىق قىلدۇق، يولدىشىم مەنى چىقارماسلىققا رىئايە قىلىپ مۇناسىۋەت ئۆتكۈزدى، مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كىيىن يولدىشىم: ئۆزىدىن ئازراق ئاق نەرسە چىققانلىقىنى ئۇنىڭ مەنى ياكى مەزى ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى، مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق بىر نەرسە چىقىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى ھېسياتىغا بېرىلمەسلىكنى تەلەپ قىلدىم، ئۇ شۇنداق قىلدى. بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، بۇنىڭغا قازاسىنى قىلىش بىلەن بىللە كاپارەت بېرىش كېرەكمۇ؟ بىلىشىمچە يولدىشىم بۇنداق ئىشقا كاپارەت كېلىدىغانلىقىنى ھەرگىز بىلمەيدۇ، مەن ئۇنىڭغا بىۋاستە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كىيىن ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالدى، ئۇنىڭدىن بەك ئاز بىرنەرسە چىقىپتۇ، ئاز بولغانلىقتىن ئۇنىڭ مەنى ياكى مەزى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەپتۇ؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

1- سوئال سورىغۇچى قىزچاقنىڭ تور بەتتىن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ مەنى چىقمىسا روزا بۇزۇلمايدۇ دېگەن سۆزنى تاپتىم دېگىنى توغرا ئەمەس، بىزنىڭ تور بەتتە بۇنداق سۆز يوق، بەلكى بۇ سۆزنىڭ ئەكسى-قارشىسى بار: مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش جىما بولۇپ روزىنى بۇزىدۇ، ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بىلەن بۇنداق قىلغان كىشىگە كاپارەت كېلىدۇ.

بىزنىڭ تور بىتىمىزدە 148163-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا مۇنداق كەلگەن: سەپەر قىلمىغان، ئۆز يۇرتىدا مۇقىم تۇرغان كىشى روزا تۇتۇپ رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە ئايالى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا، ئۇ كىشىگە قاتتىق كاپارەت كېلىدۇ، ئۇ كاپارەت: قۇل ئازاد قىلىش، ئەگەر قۇل تاپالمىسا ئىككى ئاي ئۈزۈلدۇرمەي روزا تۇتۇش، بۇنى قىلالمىسا، بىر كۈن ئۈچۈن ئاتمىش مىسكىنگە يېمەك بېرىش بىلەن بىرگە ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم سوراپ، تەۋبە قىلىپ شۇ بىر كۈنلۈك روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ.

ئەگەر ئايالمۇ رازى بولۇپ ماسلاشقان بولسا، مەنى چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن ئوخشاشلا جىما قىلغان بولىدۇ، ئىككى خەتنىگاھنىڭ ئۇچرىشىشى بىلەن ئۇلارغا كاپارەت كېلىدۇ".

"پىقھى توپلاملىرى 35-توم 55-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: ھەرقانداق ئادەم رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالى بىلەن بىلىپ تۇرۇپ ئۆزۈرسىز قەستەن رەسمى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە مەنى چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن بۇ ئادەمگە كاپارەت كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا پىقھى ئالىملىرى ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق.

بەلكىم سوئال سورىغۇچى قىزچاق ئەر-ئايال رامزاندا قۇچاقلىشىپ ياكى ئوينىشىپ مەنى چىقمىسا روزا بۇزۇلمايدۇ دېگەن سۆزنى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ مەنى چىقمىسا روزا بۇزۇلمايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان بولىشى مۇمكىن، بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك بۇ خاتا قاراشتۇر، قۇچاقلىشىش ۋە ئوينىشىشتىن ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەستىن مەنپەئەتلىنىش مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن 95383- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

2- توغرا قاراشتا جىنسى مۇناسىۋەت قىلماستىن مەنى چىقسىمۇ روزا بۇزۇلىدۇ، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشى. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئايالىنى جىنسى مۇناسىۋەت قىلماستىن سۆيۈپ قويسا ياكى قۇچاقلىسا ياكى ئايالىنىڭ بەدىنىنى قولى بىلەن ياكى باشقا ئەزاسى بىلەن سىلىسا، مەنى چىقسا روزا بۇزۇلىدۇ، مەنى چىقمىسا روزا بۇزۇلمايدۇ، ھاۋىي ناملىق ئەسەرنىڭ ساھىبى ۋە باشقا ئالىملار رامزاندا ئايالىنى جىنسى مۇناسىۋەت قىلماستىن سۆيسە ياكى قۇچاقلىسا مەنى چىقسا روزا بۇزىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ بىرلىكىنى بايان قىلدى. ["ئەلمەجمۇ شەرھى مۇھەززەب" 6-توم 322-بەت].

ئىبنى رۇشد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بارلىق ئالىملار: رامزاندا ئايالىنى سۆيۈپ مەنى چىقىپ كەتسە روزا بۇزۇلىدۇ دەيدۇ". [بىدايەتۇل مۇجتەھىد 2-توم 52-بەت].

ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "رامزاندا ئايالىنى سۆيۈپ مەنى چىقسا روزا بۇزۇلىدۇ بۇ مەسىلىدە ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمىز يەنى ھېچ ئىختىلاپ يوق." [ئەلمۇغنى 3-توم 127-بەت].

3-رامزاننىڭ كۈندۈزىدە ئايالى بىلەن ئويناشقاندا بەك ئېھتىيات قىلىش كېرەك، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشىلەر بولسا ئۆزىنىڭ دىنى ۋە ئابرۇيىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن كۈندۈزىدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىپ ئوينىشىشتىن دەرھال توختىۋىلىشى كېرەك.

ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھېچ قانداق بىر ئالىمنىڭ ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشىنىڭ رامزاندا ئايالىنى سۆيۈشكە رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئۆزىنى تۇتالماي روزىسىنى بۇزۇۋېتىدىغان كىشى رامزاننىڭ كۈندۈزدە بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك. ["ئەل ئىستىزكار" 3-توم 296-بەت].

4- رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ چەكلەنگەن-ھارام ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەي جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن كىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئىسلام ئالىملىرى ئىختىلاپ قىلىشتى، ھەنبەلى مەزھەب قارىشى بويىچە بۇ سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىنىڭ تاللىغان قارىشىمۇ شۇ: ئۇنداق قىلغان ئادەم شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇش بىلەن بىرگە كاپارەت بېرىدۇ دەپ قارايدۇ.

كۈچلۈك قاراشتا: رامزاننىڭ كۈندۈزدە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ چەكلەنگەن-ھارام ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن كىشى ئۆزۈرلۈك بولۇپ، ئۇنىڭغا جازا كەلمەيدۇ يەنى قازاسىنى قىلىشمۇ ياكى كاپارەت بېرىشمۇ كېرەك بولمايدۇ.

"ھاشىيەتى ئەررەۋز" ناملىق ئەسەرنىڭ 3-توم 411-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:.. ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: يېمەكلىك ۋە جىنسى مۇناسىۋەت ئىنسانغا غالىب كەلسە يەنى ئېسىدە يوق بولۇپ قالسا ئۇ ئىش روزىنى بۇزمايدۇ، يەنە بىر قىسىم ئالىملارمۇ: يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك جىنسى مۇناسىۋەت يېمەكلىككە ئوخشاش بولۇپ شەك بىلەن، مەجبۇرلىنىش بىلەن بىلمەسلىك-جاھىللىق بىلەنبولسا روزىغا تەسىرى بولمايدۇ دېگەن.

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىر ئىش: بىز يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك ھۆكۈمنى بىلگەن ئادەم بىلەن بىلمىگەن ئادەمنىڭ ئارىسىنى ئايرىش كېرەك، ھۆكۈمنى بىلمىگەن ئادەم ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ، ھۆكۈمنى بىلگەن ئەمما ئۇنىڭ جازاسىنى بىلمىگەن ئادەم بولسا، يەنى رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ چەكلەنگەن-ھارام ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئەمما ئۇنىڭغا ئېغىر كاپارەت كېتىدىغانلىقىنى بىلمىگەن كىشى بولسا بۇ ئۈزۈرلۈك ھېسابلانمايدۇ، ئۇ ئادەمگە كاپارەت كېلىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: بىر ئادەم رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ مەنى چىقمىغان بولسا، ئۇ ئادەم جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپ مەنى چىقسا چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن ئەمما بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جازانى بىلمىسە بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "كۈچلۈك قاراشتا بىر ئادەم بىلمەسلىكتىن رامزاندا روزىنى بۇزىدىغان ، ئىھرامدا ئېھرامنى بۇزىدىغان، نامازدا نامازنى بۇزىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلغان بولسا بۇ ئادەمگە ھېچ قانداق جازا كەلمەيدۇ، شۇنىڭدەك رامزاننىڭ كۈندۈزدە ئايالى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ مەنى چىقسا چەكلىنىدىغانلىقىنى-ھارام بولىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن مەنى چىقمىسا ھارام بولمايدۇ دەپ چۈشەنگەن بولسا بۇ ئادەمگە ھېچ جازا كەلمەيدۇ.

ئەمما جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ھارام بولىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن لېكىن بۇنىڭغا كاپارەت كېلىدىغانلىقىنى بىلمىسە، ئۇ ئادەمگە كاپارەت كېلىدۇ، چۈنكى بۇ مەسىلىدە ھۆكۈمنى بىلمىگەن ئادەم بىلەن بۇنىڭغا كىلىدىغان جازانى بىلمىگەن ئادەمنىڭ ئارىسىدا پەرق بار، ھۆكۈمنى بىلىپ جازانى بىلمىگەن ئادەم ئۈزۈرلۈك ھېسابلانمايدۇ، ھۆكۈمنى بىلمىگەن ئادەم ئۈزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ. ["ئايلىق ئۇچرىشىش ژۇرنىلى"(1/7)].

يەنە 1073352023722938 -نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى