The search is supported by Google, advertisements may appear in the search results that is not related to our website.

20165: سەپەردە روزا تۇتۇش ئەۋزەلمۇ ياكى تۇتماسلىقمۇ؟


سوئال: رامىزاندا سەپەر قىلغان كىشى روزا تۇتقان بولسا روزىسىنى داۋاملاشتۇرامدۇ ياكى ئېغىز ئىچىپ روزىسىنى بۇزىۋىتەمدۇ؟ ئىككىسىدىن قايسىسى ئەۋزەل؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى سورايمىز.

Published Date: 2016-01-14

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

تۆت مەزھەب ئىماملىرى، كۆپچىلىك ساھابىلار ۋە تابىئىنلار رامىزاندا سەپەردە روزا تۇتۇش دۇرۇس، تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، دېگەن قاراشنى كۈچلاندۇرىدۇ. [پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى 28-توم 73-بەت].

    سەپەردە روزا تۇتۇش ياخشىمۇ ياكى تۇتماسلىق ياخشىمۇ دېگەن مەسىلىدە تۆۋەندە تەپسىلى توختىلىمىز:

    بىرىنچى ھالەت: سەپەردە روزا تۇتۇش بىلەن ئېغىزنى ئىچىۋىتىشى ئوخشاش بولسا (يەنى روزا تۇتسا ھېچ قانداق تەسىرى بولمىسا) بۇنداق ھالەتتە سەپەردە روزا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرغىنى ئەۋزەلدۇر. بۇنىڭ دەلىلى:

    1-ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن قاتتىق ئىسىق بولىۋاتقان رامىزان ئېيىدا سەپەرگە چىققان ئىدۇق، بەك ئىسسىق بولۇپ كەتكەنلىكتىن بەزىلىرىمىز قولىنى بىشىمىزغا قويۇپ سايە چۈشۈرۋالغانتۇق،  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى راۋاھەدىن باشقا ھەممەيلەن روزىدار ئەمەس ئىدۇق.» [بۇخارى رىۋايىتى1945-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى1122-ھەدىس].

   2-سەپەردە روزا تۇتۇش بولسا مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا يېقىن، چۈنكى قازاسىنى قىلىش كىچىكىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن رامىزان روزىسىنى سەپەردە بولىسىمۇ ئادا قىلىش ئىلگىرى قىلىنىدۇ.

   3-سەپەردە بولسىمۇ روزا تۇتۇش ئاسان بولىدۇ، چۈنكى كىشىلەر روزا تۇتقاندا روزا تۇتۇش ۋە ئېغىز ئاچقاندا ئېغىز ئېچىش رامىزاندىن كىيىن يېڭىدىن قازا روزا تۇتقاندىن ئاسان بولىدۇ.

   4- سەپەردە بولسىمۇ روزا تۇتقۇچى رامىزان ئېيىدىن ئىبارەت پەزىلەتلىك ۋاقىتنى تاپىدۇ، چۈنكى رامىزان باشقا ئايلاردىن پەزىلەتلىك بولىدۇ. شۇنداقلا رامىزان ئېيى بولسا روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ۋاقىتتۇر، يۇقىرىقى دەلىللەرگە ئاساسەن ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ سەپەردە روزا تۇتسىمۇ تۇتمىسىمۇ ھېچ پەرقى يوق كىشى ئۈچۈن، روزا تۇتۈش ئەۋزەل دېگەن قاراشنى كۈچلاندۇرىدۇ.

    ئىككىنچى ھالەت: سەپەردە روزا تۇتماسلىق مۇۋاپىق بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا روزا تۇتماسلىق ياخشى دەيمىز، سەپەردە روزا تۇتۇپ بەزى ئىشلار قىيىن بولۇپ قالسا، بۇنداق ھالەتتە روزا تۇتۇش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ، چۈنكى شەرىئەت رۇخسەت قىلغان تۇرۇغلۇق، روزا تۇتۇپ جاپا-مۇشەققەت ھېس قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ رۇخسىتىدىن چەتنەپ كەتكەنلىك بولىدۇ.

    ئۈچىنچى ھالەت: سەپەردە رازا تۇتۇش مۇشەققەت بولۇپ قالسا، بۇنداق ئەھۋالدا روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ يەنى ھارام بولىدۇ.

    بۇنىڭ دەلىلى: جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىدا مەككىنى پەتىھ قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا روزا تۇتقان بولۇپ، ساھابىلارمۇ روزا تۇتقان ئىدى. رەسۇلۇللاھ كۇرائىل غەمىيم دېگەن جايغا كەلگەندە، بىر قاچا سۇ ئەكىلىشنى بۇيرىدى، سۇنى ئىلىپ ھەممە كىشىلەرگە كۆرسۈتۈپ ئىچتى، شۇنىڭ بىلەن ساھابىلارمۇ سۇ ئىچتى، ئاندىن يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ روزا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلار ئاسىيلاردۇر، ئۇلار ئاسىيلاردۇر، دېگەن». يەنە بىر رىۋايەتتە: «كىشىلەر روزا تۇتۇپ سەپەردە قىيلىنىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ساھابىلاردىن بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كىلىپ: ئۇلار روزا تۇتۇپ قىيلىنىپ قالدى، سىلىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقلىرىنى كۈتىۋاتىدۇ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۇ تەلەپ قىلدى بىر قاچا سۇ كەلتۈرۈلگەندە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەممەيلەنگە كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ ئۇ سۇنى ئىچىۋەتتى، بۇ ئەسىردىن كىيىنكى ۋاقىت ئىدى.» [مۇسلىم رىۋايىتى 1114-ھەدىس].

    قاتتىق جاپا تارتىپ تۇرۇپ روزا تۇتقانلارنى ئاسىيلار دەپ سۈپەتلىدى. شەيخ  مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىننىڭ شەرھى مۇمتىئ ناملىق ئەسىرى 6-توم 355-بەتكە قارالسۇن].

    ئىمام نەۋەۋىي ۋە كامال ئىبنى ھۇمام قاتارلىق ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: "سەپەردە روزا تۇتماسلىقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۈچەيتىدىغان ھەدىسلەردىن، سەپەردە روزا تۇتسا ھالسىزلىنىپ قالىدىغان كىشىلەر كۆزدە تۇتىلىدۇ. بەزىلەر بۇنى ئوچۇق بايان قىلغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈشلەر زۆرۈر بولىدۇ، بۇنداق قىلىش بولسا، كەسكىن دەلىلگە تايانماستىن، ھەدىسلەرنىڭ بەزىسىگە سەل قاراپ، بەزىسىنىڭ ھۆكمىنى ئەمەلدىن قالدى دەپ تەۋىل قىلغاندىن ياخشىدۇر.

    رامىزاندا سەپەردە روزا تۇتسىمۇ ياكى تۇتمىسىمۇ ئوخشاش بولىدۇ دەپ قارىغانلارنىڭ دەلىلى: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىدۇ: ھەمزە ئىبنى ئەمرى ئەلئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ (ئۇ كىشى كۆپ نەپلە روزا تۇتىدىغان كىشى بولۇپ)، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: سەپەردە روزا تۇتامدىم ياكى تۇتمىساممۇ بولامدۇ؟ دەپ سورىۋېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: خالىساڭ روزا تۇتقىن خالىمىساڭ تۇتمىغىن، دېدى.» [بىرلىككى كەلگەن ھەدىس].

 

پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى 28-توم 73-بەت
Create Comments