جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەجىلى يېقىنلاشقانلىقىنى تۇيغان ۋاقتىدا نېمە قىلىشى كېرەك؟

201751

تارقاتقان ۋاقىت : 23-08-2014

كۆرگۈچىلەر : 4213

سۇئال

ئىنسان مۆمىن بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭدا بىرەر ئالامەتلەر بولامدۇ؟ ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئۇنىڭ بەلگىلىك ۋاقىتلىرى بارمۇ؟، ئەگەر ئۇنىڭ ئەجىلىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقى مەلۇم بولسا، قانداق قېلىشى كېرەك؟ ئەگەر شۇنداق ئالامەتلەر بولسا بۇنى قانداق قوبۇل قىلىدۇ؟ سەكراتنى يەڭگىللىتىشنىڭ يولى بارمۇ؟، دائىم قىلىش زۆرۈر بولغان ياخشى ئەمەللەر قايسى؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: ئىنسان كەسكىنلىك بىلەن ئۆزىنىڭ قاچان ۋە قەيەردە ۋاپات بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ اللَّـهَ عِندَهُ عِلْمُ السَّاعَةِ وَيُنَزِّلُ الْغَيْثَ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْأَرْحَامِ ۖ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ مَّاذَا تَكْسِبُ غَدًا ۖ وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ بِأَيِّ أَرْضٍ تَمُوتُ ۚ إِنَّ اللَّـهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ تەرجىمىسى: قىيامەت (نىڭ بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. ئاللاھ يامغۇرنى (ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن جايغا) ياغدۇرىدۇ، بەچچىداندىكىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى (يەنى ئوغۇلمۇ، قىزمۇ، بېجىرىممۇ، كەمتۈكمۇ، بەختلىكمۇ، بەختسىزمۇ) ئاللاھ بىلىدۇ، ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇنىڭغا نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى، ياخشى-يامان ئىشلاردىن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن(پۈتۈن ئىشلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (شەيئىلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپلىرىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر. [سۈرە لوقمان 34-ئايەت].

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن 100451- ۋە 180876-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئىككىنچى: ئىنسان ئۆزىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە ئەجىلىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلىدىغان مەلۇم بىر ئالامەت يوق. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرگە قىلغان رەھمىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەگەر ئىنسان ئۆمرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلىدىغان بولسا، تەۋبىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلارغا كاپارەت بولىدىغانلىقىنى بىلسە، بەلكىم گۇناھ-مەسىيەتكە چۆمۈپ، خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ، ئەجىلى كېلىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى گۇناھ-مەسىيەتتىن چەكلىنىپ، گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ، خاتالىقتىن قول ئۈزسە، بۇ ئىنسان ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلغان بولماستىن بەلكى بۇ ئۆز نەپسى-خاھىشىغا ئەگەشكۈچى مەخلۇقتۇر.

ئەمەلىيەتتە ئىنسان ئۆزىنىڭ قاچان ۋاپات بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەقىللىق كىشى ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى تىزدىن تونۇپ دەرھال تەۋبە قىلىشقا ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئىشلەشكە ئالدىرايدۇ ۋە ئۆمرىنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇ كىشىنى ۋاپات تاپقۇزغانغا قەدەر ئۇ ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئاللاھقا ئېتائەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان، گۇناھ-مەسىيەتتىن يىراق بولىدىغان سالىھ ۋە تەقۋادار كىشىلەردىن بولۇشقا تېرىشىشى كېرەك.

شۇنداقتىمۇ، ئىنساننىڭ ئەجىلىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان بەزى ئالامەتلەر بولىدۇ، خۇددى ئادەتتە كۆپچىلىك كىشىلەر ساقىيالماي ئۆلۈپ كېتىدىغان خەتەرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىدەك. شۇنىڭدەك ھەددىدىن زىيادە ياشىنىپ قىلىش ۋە ھالاكەتلىك ھادىسىلەرگە دۇچار بولۇشتەك تەقدىر قىلىنغان ئىشلاردىن ئىبارەت.

ئۈچىنچى: بىز 184737-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا، ئىنساننىڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرىدا ئۇنىڭ سائادەتمەن ياكى بەختسىز بولىشىغا دالالەت قىلىدىغان بەزى ئالامەتلەرنى بايان قىلدۇق.

تۆتىنچى: ئىنسان ئېغىر كېسەل ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەجىلىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلسا، دەرھال ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىپ خاتالىقلىرى ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ماددى- مەنىۋىي ھەق-ھوقۇقلىرى بولسا، ئىگىسىگە قايتۇرۇپ، پۈتۈنلەي خالاس بولىشى، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراپ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئەجىر-ساۋابقا نائىل بولۇشقا تېرىشىپ، ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتىگە مەشغۇل بولىشى، ئۇنىڭدىن ئەپۇ-مەغپىرەت، خەيرى-ئېھسان تەلەپ قىلىشى، ئاللاھ تائالاغا كەسكىن ئېتىقاد ۋە ياخشى گۇماندا بولىشى، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكى ۋە سېخىيلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنچ قىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالاغا ياخشى ئىشەنچ بىلەن قارىغان بەندىنىڭ ئىشەنچىسى بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ.

مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم دەيدۇ: سىلەرنىڭ بىرىڭلار ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالاغا بولغان گۇمانىنى ياخشىلىسۇن. [مۇسلىم رىۋايىتى 2877-ھەدىس].

شۇنىڭدەك، گۇناھ-مەسىيەتكە كاپارەت بولىدىغان، خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدىغان ئەمەللەرنى ھېرىسمەنلىك بىلەن قىلىش. يەنى ئىستىغپارنى كۆپ ئېيتىش، تاھارەتنى كامىل ئېلىش، نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش، ھەج-ئۆمرە قاتارلىق ياخشى ئەمەللەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

بەشىنچى: سەكرات ئىنسان ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى بولىدىغان ئاخىرىقى ئېغىر ھالەت، شۇنداقلا ئۆلۈم سەكراتى ئاللاھ تائالا بەندىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىدىغان ئاخىرىقى ۋاقىتتۇر. ئاللاھ تائالادىن بىزدىن ئۆلۈم سەكراتىنى يەڭگىللەشتۈرىشىنى ۋە سەكراتتا بىزگە ياردەم بېرىشىنى سورايمىز.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى كېسەللىكىدە، ئىككى قولىنى قاچىدىكى سۇغا چىلاپ ئاندىن ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى سىلاپ تۇرۇپ: "ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوق، ئۆلۈمنىڭ سەكراتى بارلىقىدا شەك يوق" دەيتتى، ئاندىن قولىنى تىكلەپ ئۈستۈنگە ئىشارەت قىلىپ: "ئەررەپىقۇل ئەئلا" دېگەن سۆزنى داۋاملاشتۇرغان ھالەتتە قەبزى روھ قىلىندى، دەپ بايان قىلىنىدۇ.[ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 4449-ھەدىس].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى سەكراتتىكى ۋاقتىدا كۆرگۈنۈمدە، ئۇنىڭ يېنىدا بىر قاچىدا سۇ بار ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولىنى قاچىدىكى سۇغا چىلاپ ئاندىن قولى بىلەن يۈزىنى سىلايتتى. ئاندىن: ئى ئاللاھ! ئۆلۈم سەكراتىدا ماڭا ياردەم بەرگىن، دەيتتى. [تىرمىزىي رىۋايىتى 978-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىمام ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ پەتھۇل بارى ناملىق ئەسىرى 11-توم 362-بەتتە ھەسەن دەپ كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانىي "زەئىپ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: سەكراتنىڭ قاتتىق بولىشى گۇناھنى يەڭگىللىتەمدۇ؟، شۇنىڭدەك ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىكى كېسەللىكمۇ گۇناھنى يەڭگىللىتەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئىنسانغا يەتكەن غەم-قايغۇ، قاتتىقچىلىق، كېسەللىك قاتارلىقلار ھەتتا پۇتىغا كىرىپ كەتكەن تىكەندەك نەرسىگىمۇ ئەگەر ئۇ كىشى سەبىر قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن ئۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاپ ئۈمىت قىلسا، مەزكۇر ئىشقا سەبىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ساۋاب بولغاندىن سىرت، ئۇ مۇسىبەت ئۇنىڭ گۇناھلىرىغا كاپارەت بولىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا ياكى ئۆلۈم ئەسناسىدا بولىشىنىڭ ھېچ پەرقى يوق" تۈگىدى. "نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى" (224).

ئۆلۈم ۋە سەكراتنىڭ شىددەتلىك، قاتتىق بولماقلىقى بىلەن، مۆمىنگە ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئىماندا مۇستەھكەم تۇرۇش ۋە خوش بېشارەتلەر نامايەندە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىش ئىشتىياقىدا سەكراتنىڭ قاتتىقلىقى مەلۇم بولمايدۇ.

ئىمام ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مېيىت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. راھەتلەنگۈچى ۋە ياكى ئۇنىڭدىن راھەتلەنگۈچى. ئىككىسىنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا سەكراتنىڭ ئاچچىقى بولىشى ياكى يەڭگىل بولىشى ھەم مۇمكىن. بىرىنچىسىگە يەنى راھەتلەنگۈچى ئۈچۈن ئۆلۈم سەكراتى بولىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۇ كىشىنىڭ تەقۋادار ياكى پاجىر بولىشى بىلەن ئالاقىسى يوق. بەلكى تەقۋادار كىشىلەردىن بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاب بېرىلىدۇ، تەقۋادار بولمىسا تارتقان سەكرات ئاچچىقى مىقداردا خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇ كىشى دۇنيانىڭ ئازار-كۈلپەتلىرىدىن راھەتلىنىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ خاتىمىسىدۇر.

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئۆلۈم سەكراتىنىڭ ماڭا نىسبەتەن يەڭگىل بولۇپ قىلىشىنى ياقتۇرمايمەن، چۈنكى ئۈ مۆمىننىڭ خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىدىغان ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى ئىشتۇر".

شۇنداقتىمۇ مۆمىن ئۈچۈن خوش-بېشارەتلەر ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان پەرىشتىلەر خۇرسەن بولىدۇ. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ. ئۇ مۆمىننىڭ ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنكى خۇرسەنلىكى، سەكرات ۋاقتىدا ئۇچرىغان ئۆلۈمنىڭ بارلىق دەرد-ئەلەملىرىنى يەڭگىللىتىدۇ. ھەتتا ئۇ كىشى ئۆلۈم سەكراتىدىن ھېچ نەرسىنى ھېس قىلمىغاندەك بىر ھالەتكە ئۆرۈلىدۇ. تۈگىدى. "پەتھۇل بارىي" ناملىق ئەسەر 11-توم 365-بەت].

ئۆلۈم سەكراتىنى يەڭگىللىتىدىغان باشقا بىر يولنى بىلمەيمىز، لېكىن بەندە بۇ ئىشتا پەرۋەردىگارىغا تايىنىدۇ. قىيىنچىلىق-ئاسانچىلىق ۋاقىتلىرىدا ئاللاھ تائالاغا يېلىنىپ دۇئا قىلىدۇ. بىزمۇ ئۆلۈم سەكراتىدا سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىلغاندەك قىلساق بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولىنى قاچىغا چىلاپ ھۆل قىلىپ ئاندىن ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى سىلايتتى. ئاللاھ تائالادىن ئۆلۈم سەكراتىغاياردەم بېرىشنى سورايتتى. بىز بۇنى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتتۇق.

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزىدە بايان قىلىنغاندەك، ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرى سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىنى ئاللاھ تائالادىن بولغان رەھمەت دەپ بىلەتتى.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد "زەۋائىد ئەززۇھدى" ناملىق ئەسەرنىڭ 388-بىتىدە ئىبراھىم ئەلنۇخەئىيدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلار كېسەلنىڭ ۋاپات بولىدىغان ۋاقتىدا سەكرات ئازابى تارتىشىنى ياخشى كۆرەتتى". مەنسۇردىن قىلىنغان رىۋايەتتە: "ئىبراھىم ئەننەخەئىي سەكراتنىڭ قاتتىق بولىشىنى ياخشى كۆرەتتى،" دەيدۇ.

شېھىدتىن باشقا ھېچ كىشىنىڭ سەكرات ئازابىدىن قۇتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «شېھىت ئۆلتۈرۈلگەندە، جان ئاچچىقى تارتمايدۇ، ئەگەر تارتىپ قالسا، سىلەرنىڭ بىرىڭلارنى چۈمۈلە چاققاندا ئاغرىغاندەك ئاغرىق ھېس قىلىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 7953-ھەدىس. تىرمىزىي رىۋايىتى 1668-ھەدىس. نەسائىي رىۋايىتى 3161-ھەدىس. ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2802-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەلبانىي "تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" ۋە باشقا توپلاملاردا كەلتۈرگەن].

ئىمام مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا شېھىتكە ئۆلۈمنى يەڭگىل قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەكرات ۋە جان ئاچچىقىغا كۇپايە قىلىدۇ. بەلكى بەزى شېھىتلەر ئاللاھ يولىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلىش بىلەن كۆڭلى خۇرسەن بولۇپ كۆپ لەززەتلىنىدۇ. ساھابىلاردىن خۇبەيب ئىبنى ئەدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆلتۈرۈلىدىغان ۋاقىتتا مۇنداق دەيدۇ: "مەن مۇسۇلمان ھالىتىمدە ئۆلتۈرۈلسەم، ، قايسى تەرەپتىن ئاللاھ ئۈچۈن جان بەرسەم پەرۋا قىلمايمەن." تۈگىدى. ["پەيزۇل قەدىر" ناملىق ئەسەر 4-توم182-بەت].

ئالتىنچى: ياخشى ئەمەل دېگەن؛ شەرىئەت قېلىشقا بۇيرىغان ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۇرىدىغان ئىشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىدىن بەزىسى پەزىلەتتە ئارتۇق بولىدۇ. مۇسۇلماننىڭ داۋاملاشتۇرىشىغا تەۋسىيە قىلىنغان ۋە ئۇ ئەمەل ئارقىلىق پەرۋەردىگارىغا يېقىنلىشىدىغان، ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى: ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىش، قۇرئان تىلاۋىتىنى كۆپ قىلىش، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى يەتكۈزۈش، ھەج-ئۆمرە قىلىش، كېچىلىرى تەھەججۈت نامىزى ئوقۇش، ھەقىقەت ئۈچۈن ھەق سۆزلەش، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، يوشۇرۇن سەدىقە قېلىش، گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇش، سالامنى ئاشكارا قىلىش، يوقسۇللارغا تائام بېرىش، راست سۆزلەش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن چەكلەش، مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك ئىشلارنى قىلىش، ئۇلارغا ئازار يەتكۈزمەسلىك، ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىققا ياردەم بېرىش ۋە كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق ياخشى ئەمەللەردىن ئىبارەتتۇر. (تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 26242- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن).

سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىزغا قىلىدىغان نەسىھىتىمىز؛ ئۆلۈمنى ياد ئېتىش ۋە سەكرات ئازابىنى يەڭگىللىتىشنى تەقۋادارلىققا تۈرتكە بولىدىغان پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى رىغبەتلىنىشنىڭ ۋاستىسى قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ھەقىقەتەن بەندە ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلسا، ئەمەل-ئىبادەتلەرنى توغرا قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، ھەم-قايغۇلىرىنى يوق قىلىدۇ، (يەنى قەلبىگە راھەت ئاتا قىلىدۇ) ئېغىرچىلىقلارنى يەڭگىللىتىدۇ.

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئۈچۈن 8829-نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى