پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش كىملەرگە ۋاجىپ بولىدۇ؟

سۇئال

ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىگە ۋاجىپ بولامدۇ ياكى دىنى ئۆلىمالار ۋە ئوقۇغۇچىلارغىلا ۋاجىپ بولامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئىنسان ئۆزىنىڭنېمىگە دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنىبىلىدىكەن، ئۇنىڭ چوڭ ئالىم بولىشى ياكى ئىلىم تەلەپ قىلىۋاتقان تالىب بولىشى ياكى ئادەتتىكى بىر ئىنسان بولىشىنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، لېكىن ئۇ كىشى باشقىلارنى بۇيرىۋاتقان ياكى چەكلەۋاتقان ئىشنىڭ ھۆكمى ۋە ماھىيىتىنىئىلمى ئاساستا تولۇق بىلىشى لازىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:مەندىن بىرەر ئايەت بولسىمۇ باشقىلارغا يەتكۈزۈڭلار. [بۇخارى رىۋايىتى]. دەۋەت قىلغۇچىنىڭ ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن چوڭ ئالىم بولىشى شەرت ئەمەس. لېكىن ئۇباشقىلارنى نېمىگە دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنىبىلىشى شەرت قىلىنىدۇ.

ئىنسانئۆزىنىڭ ھېس- تۇيغۇلىرى ۋە قىزغىنلىقىغا تايىنىپ بىلمىگەن نەرسىگە كىشىلەرنى دەۋەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دىنغا دەۋەت قىلىۋاتقان بەزى قېرىنداشلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق ئۇلاردا يېتەرلىك دىنى بىلىم بولمىسىمۇ ئەمما ئۆزلىرىنىڭ تۇيغۇلىرى ۋە قىزغىنلىقى بىلەن دەۋەت مەيدانىغا كىرىپ، كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا ھارام قىلمىغان ۋە چەكلىمىگەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى چەكلەپ قويىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە رۇخسەت قىلغان بەزى ئەمەللەرنى ۋاجىپلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ قويىدۇ. مانا بۇ دىنى تەشۋىقات ساھەسىدە يۈز بېرىدىغانناھايىتى خەتەرلىك بىر ئىش. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھالال قىلغان نەرسىنى چەكلەش خۇددى ئاللاھ تائالا ھارام قىلمىغان نەرسىنى ھارام قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ.

مەسىلەن: ئۇلار باشقىلارنىڭ بىر نەرسىنى ھالال-دۇرۇس دېگەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ، باشقىلارمۇ ئۇلارنىڭ شۇ نەرسىنى ھارام دېگەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئىككىلا ھۆكۈمنىڭ خەتىرى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە باراۋەردۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَقُولُوا لِمَا تَصِفُ أَلْسِنَتُكُمُ الْكَذِبَ هَـٰذَا حَلَالٌ وَهَـٰذَا حَرَامٌ لِّتَفْتَرُوا عَلَى اللَّـهِ الْكَذِبَ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّـهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ ، مَتَاعٌ قَلِيلٌ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ تەرجىمىسى: «ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (ھېچقانداق دەلىلسىز) بۇ ھالال، بۇ ھارام دېمەڭلار، چۈنكى (مۇنداقتا) ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدۇرغان بولىسىلەر، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئويدورغۇچىلار ھەقىقەتەن (دۇنيا ئاخىرەتتە) مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ.(ئۇلار دۇنيادىن پەقەت) ئازغىنا بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.» [سۈرە نەھل 116-117-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئىبنى ئۇسەيمىين