پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئىسرا ۋە مىراج ۋەقەلىكىدىكى يالغان خەۋەر توغرىسىدا

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مىراجدىن قايتقاندا ياتىدىغان ئورنى تۇرغان ۋاقىتتىكىدەك ئىسسىق ھالەتتە ئېدى، دۈم قىلىنغان قاچىدىكى سۇ تامچىلاپ تۇرغان، ئېشىكنىڭ زەنجىرىسى ئۆيدىن چىققان ۋاقتىدا لىڭىشىپ تۇرغانچە قايتىپ كەلگۈچە شۇنداق تۇرغان دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنىڭ قۇرئان-ھەدىستىن ئاساسى بارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

يۇقىرىدىكى سوئالدا بايان قىلىنغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مىراجدىن قايتقاندا ياتىدىغان ئورنى تۇرغان ۋاقىتتىكىدەك ئىسسىق ھالەتتە ئېدى، دۈم قىلىنغان قاچىدىكى سۇ تامچىلاپ تۇرغان، ئېشىكنىڭ زەنجىرىسى ئۆيدىن چىققان ۋاقتىدا لىڭىشىپ تۇرغانچە قايتىپ كەلگۈچە شۇنداق تۇرغان دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنىڭ قۇرئان-ھەدىستىن ئاساسى بارلىقىنى بىلمەيمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆرىنىشىدىنلا يالغانلىقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇنداق سۆزلەرنى ھىكايە قىلىپ سۆزلەش توغرا بولمايدۇ.

بىز لۇغەتشۇناش ئالىملارنىڭ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ياتىدىغان ئورنىنى (ئەلمەلائە) دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىغانلىقىنى بىلمەيمىز، چۈنكى بۇ سۆز ئەرەپ تىلىدا: يىپىنىدىغان نەرسە ياكى كىيىم دېگەنگە ئىشلىتىلىنىدۇ. ["لىسانۇل ئەرەب" 1-توم 160-بەت، ۋە "ئەننىھايە 4-توم 352-بەتلەرگە قارالسۇن].

ئۇستاز شۇقەيرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىدە مىراجغا چىقىپ قايتىپ كەلگۈچە ياتىدىغان كۆرپىسى ئىسسىق تۇرغان دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى يوق، بەلكى ئۇ كىشىلەرنىڭ توقۇۋالغان يالغان سۆزلىرىدىن ئىبارەتتۇر". ["ئەسسۇنەن ۋەلمۇپتەدىئات" 143-بەت].

شۇنىڭدەك تارىخ كىتابلىرىدىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىنىڭ ئېشىكىنى ئىتىپ قويىدىغان زەنجىرى بارلىقى بايان قىلىنمىغان. ئۇ ۋاقىتلاردا ئاساسەن ئۆيلەرنىڭ ئېشىكى بولمايتتى. ئابدۇراھمان ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ لَّيْسَ عَلَى الْأَعْمَىٰ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْأَعْرَجِ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْمَرِيضِ حَرَجٌ وَلَا عَلَىٰ أَنفُسِكُمْ أَن تَأْكُلُوا مِن بُيُوتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ آبَائِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أُمَّهَاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ إِخْوَانِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَخَوَاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَعْمَامِكُمْ أَوْ بُيُوتِ عَمَّاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَخْوَالِكُمْ أَوْ بُيُوتِ خَالَاتِكُمْ أَوْ مَا مَلَكْتُم مَّفَاتِحَهُ أَوْ صَدِيقِكُمْتەرجىمىسى: ئى ئىنسانلار! سىلەر ئۆز ئۆيلىرىڭلاردا (يەنى ئەرلىرىڭلارنىڭ، ئاياللىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە) ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ھەمشىرەڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاتاڭلارنىڭ قېرىنداىشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا سىلەر ئاچقۇچلىرىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە (يەنى ئۆي ئىگىسى سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ئۆي بىلەن ئاچقۇچنى سىلەرگە تاپشۇرغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە)، يا دوستلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە (ئىجازەتسىز) بىرەر نېمە يېسەڭلار گۇناھ يوقتۇر. [سۈرە نۇر 61-ئايەت].

تەبەرىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا شۇنداق بولغان، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكى يوق بولۇپ، ئىشىكنىڭ ئورنىغا مىلەڭزە ياكى پەردە تارتىپ قوياتتى."["تەپسىر تەبەرىي"19-توم 221-بەت].

يەنە سوئالدا بايان قىلىنغان ئۇ سۆزنىڭ ئەسلى يوق باتىل ئىكەنلىكىگە ئىمام بۇخارىنىڭ 3342-نومۇرلۇق ۋە ئىمام مۇسلىمنىڭ 163- نومۇرلۇق ھەدىسى دەلىل بولالايدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزلەپ بەرگەن ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن مەككىدە تۇرغان ۋاقتىمدا ئۆيۈمنىڭ تورىسىدىن بىر تۆچۈك ئىچىلىپ جىبرائىل ئەلەيھىسسالام چۈشتى، مېنىڭ مەيدەمنى يېرىپ زەمزەم سۈيى بىلەن يۇدى، ئاندىن ئىمان ۋە ھىكمەت بىلەن تولغان بىر ئالتۇن قاچىنى ئىلىپ كىلىپ ئۇنى مەيدەمگە تۆكتى، ئۇنىڭدىن كىيىن مەيدەمنى ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈردى، ئاندىن مېنىڭ قولۇمنى تۇتۇپ مېنى ئاسمانغا ئۆرلىتىپ چىقىپ كەتتى..... بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مىراجغا چىققاندا ئۆينىڭ ئىشىكىدىن چىقماستىن بەلكى بىۋاستە ئۆينىڭ توسىرىدىكى تۆشۈكتىن ئۆرلىگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى