جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇھەررەم ئېيىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

سۇئال

مۇھەررەم ئېيىنىڭ قانداق پەزىلەتلىرى بار؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۇھەررەم ئېيى ئۇلۇغ، مۇبارەك ئاي بولۇپ، ئۇ ھىجىرىيە يىلنىڭ ئاۋۋالقى ئېيى، شۇنداقلا ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ بىرىدۇر، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: إِنَّ عِدَّةَ الشُّهُورِ عِنْدَ اللَّهِ اثْنَا عَشَرَ شَهْرًا فِي كِتَابِ اللَّهِ يَوْمَ خَلَقَ السَّمَوَاتِ وَالْأَرْضَ مِنْهَا أَرْبَعَةٌ حُرُمٌ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ فَلَا تَظْلِمُوا فِيهِنَّ أَنْفُسَكُمْ تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ (قەمەرى) ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) 12 دۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ) ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر (يەنى مەزكۇر تۆت ئايدا ئۇرۇشنىڭ ھارام قىلىنىشى ئاللاھنىڭ توغرا دىنىدۇر)، بۇ ئايلاردا (ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار. [سۈرە تەۋبە 36-ئايەت].

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇنداق رىۋايەت قىلدى: بىر يىل ئون ئىككى ئاي، ئۇنىڭدىن تۆتى ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ ئايلارنىڭ ئۈچى ئارقىمۇ-ئارقا كېلىدىغان زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم ئايلىرى ۋە جۇمادەسسانى بىلەن شەبان ئارىسىدا كېلىدىغان مۇزەرنىڭ رەجەپ ئېيىدىن ئىبارەت. [بۇخارى رىۋايىتى2958-ھەدىس].

مۇھەررەم ئېيىنىڭ بۇنداق ئاتىلىشى، ئۇنىڭ ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاي ئىكەنلىكى ۋە كۈچلۈك ھارام قىلىنغانلىقى ئۈچۈندۇر.

ئاللاھ تائالا ئايەتتە: بۇ ئايلاردا (ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار دېدى. چۈنكىبۇ ئايلاردا باشقا ئايلاردىكىدىن بەكرەك گۇناھكار بولىدۇ.

ئىبنى ئابباس ئاللاھ تائالانىڭ: بۇ ئايلاردا (ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار دېگەن سۆزىنى مۇنداق تەپسىر قىلدى: ئاشۇ تۆت ئاينى خاس قىلىپ، ئۇرۇش چەكلەنگەن ئايلاردىن قىلدى، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى كاتتىلىدى، ئۇ ئايلاردىكى گۇناھنى چوڭ گۇناھ قىلدى ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنىمۇ كاتتا قىلدى. قەتادە ئاللاھ تائالانىڭ: بۇ ئايلاردا (ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار دېگەن سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ ئايلاردا قىلىنغان زۇلۇم خاتالىق ۋە گۇناھ جەھەتتە باشقا ئايلاردىكىدىن چوڭ بولىدۇ، گەرچە زۇلۇم قىلىش ھەر قانداق ۋاقىتتا چوڭ گۇناھ بولسىمۇ لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىشىدىن خالىغان بىر ئىشنى ئۇلۇغ-كاتتا قىلىدۇ، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئارىسىدىن ساپ بولغانلارنى تاللىدى، پەرىشتىلەردىن ۋە ئىنسانلاردىن ئەلچىلەرنى تاللىدى، سۆزلەردىن ئۆزىنىڭ زىكرىنى تاللىدى، زېمىندىن مەسجىتلەرنى تاللىدى، ئايلاردىن رامىزان بىلەن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى تاللىدى، كۈنلەردىن جۈمە كۈنىنى تاللىدى، كېچىلەردىن قەدىر كېچىسىنى تاللىدى، ئاللاھ تائالا كاتتىلىغان نەرسىلەرنى سىلەرمۇ كاتتىلاڭلار. ئەقىللىق، توغرا چۈشەنچىلىك كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىشلار ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىغانلىقى سەۋەپلىك ئۇلۇغلىنىدۇ. [تەپسىر ئىبنى كەسىردىن، تەۋبە سۈرىسىنىڭ 36-ئايەتنىڭ تەپسىرىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى].

مۇھەررەم ئېيىدا نەپلە روزىنى كۆپ تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى كاتتا بولۇپ، بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: رامىزاندىن كېيىن تۇتۇلغان روزىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ئاللاھنىڭ مۇھەررەم ئېيىدا تۇتۇلغان روزىدۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى1982-ھەدىس].

ئاللاھنىڭ ئېيى دەپ ئاينى ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بەرگەنلىك بولسا، ئۇ ئاينى ئۇلۇغلىغانلىقتۇر.

موللا ئەلى قارى: "ھەدىسنىڭ ئاشكارا مەنىسىدىن مۇھەررەم ئېيىنىڭ ھەممىسى مەقسەت قىلىنغان،- دېدى.

لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزاندىن باشقا ئايلاردا تولۇق بىر ئاي روزا تۇتمىغانلىقى ئىسپاتلانغاچقا، بۇ ھەدىس مۇھەررەم ئېيىدا كۆپ روزا تۇتۇشقا قىزىقتۇرۇش، ھەممىسىدە روزا تۇتۇشقا ئەمەس دەپ قارىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شەئبان ئېيىدا كۆپ روزا تۇتقانلىقى ئىسپاتلاندى، بۇنىڭدىن قارىغاندا مۇھەررەم ئېيىنىڭ پەزىلىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا، ئۇنىڭدا روزا تۇتۇش ئىمكانىيىتى بولۇشتىن ئىلگىرى ۋەھيى قىلىنغان بولىشى مۇمكىن. بۇ قاراشنى نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھسەھىھ مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە بايان قىلغان.

ئاللاھ تائالا زاماندىن ۋە ماكاندىن خالىغان نەرسىنى تاللايدۇ.

ئىززۇ ئىبنى ئابدۇسسالام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئورۇن ۋە ۋاقىتلارنى پەزىلەتلىك قىلىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچىسى: دۇنيالىق تەرەپتىن بولىدۇ.

ئىككىنچىسى: دىنى جەھەتتىكى پەزىلەتلىك قىلىش بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىدىن ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى ئارتۇق بېرىش بىلەن سېخىلىق قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، بۇ خۇددى رامىزان ئېيىدا ۋە ئاشۇرا كۈنىدە تۇتقان روزىلارنى باشقا ئايلار ۋە كۈنلەردە تۇتقان روزىلاردىن ئارتۇق قىلغاندەك بولىدۇ، ئۇنىڭ پەزىلىتى ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىلىرىگە سېخىلىق ۋە ياخشىلىق قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىكدۇر. ["قەۋائىدۇل ئەھكام"1-توم 38-بەت].

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى