21049: تەشرىق كۈنلىرىدە پەرز روزىنى تولۇقلاپ تۇتۇشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا


نادانلىقىمدىن تەشرىق كۈنلىرىدە رامىزاننىڭ كەم قالغان روزىسىنى تۇتۇشنى مەقسەت قىلدىم، مەن تەشرىقنىڭ ئۈچ كۈنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە روزا تۇتۇشنى باشلىغانتىم، بۇ كۈنلەردە تۇتقان روزامنى قايتىدىن تۇتامدىم؟ ياكى (ئادەت ياكى كىسەل سەۋەپلىك قىلىپ قالغان) ئون كۈن روزىنى تەشرىق كۈنلىرىدىن كېيىن ئارقىمۇ-ئارقا تۇتىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Published Date: 2017-09-03

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

تەشرىق كۈنلىرى قۇربان ھېيت كۈنىدىن كېيىنكى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 11-12-13-كۈنلىرى بولۇپ، بۇ ئۈچ كۈندە روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ.

بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تەشرىق كۈنلىرى يىمەك-ئىچمەك ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىش كۈنلىرىدۇر». [مۇسلىم ئۇنى نۇبەيشەتىل ھۇزەلىدىن رىۋايەت قىلغان 1141-ھەدىس].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئەرەپات كۈنى، قۇربان ھېيت كۈنى ۋە تەشرىق كۈنلىرى بىز ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھېيت كۈنلىرى ۋە يېيىش، ئىچىش كۈنلىرى» دېگەن. [نەسائى رىۋايىتى 3004-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 773-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2419-ھەدىس. ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا بۇ ھەدىسكە سەھىھ دەپ باھا بەرگەن].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇربانلىق تاپالمىغان تەمەتتۇ ۋە قىران ھەج قىلغۇچىلاردىن باشقىلارنىڭ بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ئائىشە ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار ھەدىس رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «تەشرىق كۈنلىرىدە قۇربانلىق تاپالمىغان ھاجىلاردىن باشقىلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىنمىدى». [بۇخارى رىۋايىتى 1998-ھەدىس].

شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇ كۈنلەردە نەپلە ياكى كەم قالغان روزا ياكى نەزىر روزىنى تۇتۇشتىن چەكلەپ، بۇ كۈنلەردە تۇتۇلغان روزا توغرا ئەمەس دەپ قارايدۇ.

كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى كۈچلۈك قاراش بولۇپ، تەشرىق كۈنلىرىدە قۇربانلىق تاپالمىغان ھاجىلارنىڭلا روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "قۇربان ھېيت كۈنى ۋە تەشرىق كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە روزا تۇتۇلمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى چەكلىگەن، لېكىن قىران ھەج قىلغۇچى بىلەن تەمەتتۇ ھەج قىلغۇچى قۇربانلىق ھەدىيە تاپالمىسا، پەقەت ئۇلارنىڭ بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇشىغا رۇخسەت قىلىنغان، ئەمما نەپلە ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇش ھېيت كۈنىگە ئوخشاشلا توغرا بولمايدۇ". [ئەشرەپ ئابدۇلمەقسۇد توپلىغان "رامىزان پەتىۋالىرى" ناملىق ئەسەر 716-بەتتىن نەقل قىلىندى].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "قىران ھەج قىلغۇچى بىلەن تەمەتتۇ ھەج قىلغۇچى قۇربانلىق ھەدىيە تاپالمىسا، روزا تۇتۇشتىن ئىلگىرى ھەج مەۋسۇمى كىتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتسا توغرا بولىدۇ، ئۇلاردىن باشقىلار ئۈچۈن تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش توغرا بولمايدۇ، ھەتتا ئارقىمۇ-ئارقا ئىككى ئاي روزا تۇتىۋاتقان كىشىمۇ ھېيت كۈنىدە ۋە تەشرىق كۈنلىرىدە روزا تۇتماي، ئۇنىڭدىن كېيىن روزىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ". [رامىزان پەتىۋالىرى: 727-بەت].

بۇنىڭغا ئاساسەن، سىز بۇ كۈنلەردە رامىزاننىڭ كەم روزىسىنى تۇتقان بولسىڭىز توغرا بولمايدۇ، ئۇنى قايتىدىن تۇتىشىڭىز كېرەك.

رامىزاننىڭ كەم قالغان روزىسىنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۇلاپ تۇتۇش شەرت ئەمەس، كەم قالغان روزىڭىزنى ئۇلاپ تۇتسىڭىزمۇ ياكى ئايرىم تۇتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

 بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 21697- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاب تورى
Create Comments