جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

يولدىشىم ئىككىنچى بىر ئايال بىلەن توي قىلسا، نارازى بولمىسام ماڭا ئەجىر بېرىلەمدۇ؟

21421

تارقاتقان ۋاقىت : 09-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 5146

سۇئال

سوئال: يولدىشى ئىككىنچى ئايال بىلەن توي قىلسا، ئەۋۋەلقى ئايالى بۇنىڭغا سەبىر قىلسا قانداق ئەجىر بېرىلىدۇ؟، بۇ ئايالنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئايرىم ئەجىر بولامدۇ ياكى ئېرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئىبادەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلغان ئاياللار ئېرىشىدىغان ئەجىرگە ئېرىىشەمدۇ؟ ئەگەر ئايرىم ئەجىر بولىدىغان ئىش بولسا ئېرىمنىڭ قىلمىشىنى نورمال قوبۇل قىلىشىمغا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. مەن بۇنداق ئىشقا سەبىر قىلغان ئايالنىڭ ئەجرى ئاللاھ يولىدا جىھادقا ئاتلانغان مۆمىننىڭ ئەجرىدىنمۇ كاتتا بولىدۇ، ھەج قىلىش ئاياللارنىڭ جىھادى، يولدىشىنىڭ كۆپ ئاياللىق بولىشىنى قوللىغانلىق جىھادتىنمۇ كاتتا دەپ ئاڭلىغان، بۇ سۆزنىڭ دەلىلى بارمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى


بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
بىرىنچى: يۇقىرىدا سىز سۆزلىگەن ئىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان ياكى ئايرىم ئەجرى بولىدىغان سەھىھ ھەدىس ئۈستىدە توختالمايمىز. لېكىن تىبرانىي ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئاياللارنىڭ تەبىئىتىگە كۈنلەشنى پۈتۈۋەتكەن، قايسى بىر ئايال بۇنىڭغا سەبىر قىلىپ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئېشىنىپ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلسا، ئۇ ئايال ئۈچۈن بىر شەھىدنىڭ ئەجرى بولىدۇ. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي زەئىپ دەپ قارايدۇ. (جامىئۇسسەغىر 1646)
ئىككىنچى: ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشتا سەۋىرچان بولىشى جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ئايال كىشى بەش ۋاقىت نامازنى ئوقۇسا، رامىزان روزىسىنى تۇتسا، ئىپپىتىنى ساقلىسا ۋە ئېرىگە ئىتائەت قىلسا، ئۇ ئايالغا، جەننەتنىڭ قايسى ئىشىكىدىن كىرىشنى خالىسىڭىز كېرىڭ دېيىلىدۇ. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دەپ بايان قىلغان. (جامىئۇسسەغىر 660)
يولدىشىنىڭ ئىككىنچى ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولىشىغا سەبىر قىلغان ئايال ئۈچۈن يۇقىرىدا سۆزلەنگەندىنمۇ كاتتا ئەجىر بولىدىغانلىقى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تەرەپتىن ئىسپاتلىنىدۇ:
1- يولدىشىنىڭ ئىككىنچى ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولىشى ئەۋۋەلقى ئايال ئۈچۈن بىر سىناق، بۇنىڭغا سەبىر قىلسا، ئۇ ئايال ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك: پەقەت سەبىر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ مۇسىبەتكە سەبىر قىلغاننىڭ ئەجرى بولىدۇ.
ھەدىستە: مۇسۇلمانلارغا ئېغىرچىلىق ياكى كېسەل ياكى غەم-قايغۇ ياكى ئەزىيەت ياكى ھەسرەت ھەتتا تىكەن سانجىلىشتەك ئەزىيەت يېتىپلا قالسا، ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ئۆچۈرىدۇ (بۇخارىي-مۇسلىمدىن).
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۆمىن ئەر- ئاياللار دائىم ئۆزى، بالىلىرى ۋە مال-مۈلكىدە ئىمتىھان قىلىنىپ تاكى ئاللاھغا ئۇچراشقىچە ئۇ كىشىدە خاتالىق قالمايدۇ. تىرمىزىي2399-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي سەھىھ دەپ بايان قىلغان. (جامىئۇسسەغىر 5815)
2- يولدىشىنىڭ ئىككىنچى ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولىشىنى قىزغىن قوللاپ ۋە ئىككىنچى ئايالغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلسا ئۇ ئايال ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: كىمىكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەبىر قىلىدىكەن ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. سۈرە يۈسۈپ 90- ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. سۈرە رەھمان 60-ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر. سۈرە ئەنكەبۇت 69- ئايەت.
3 - يولدىشىنىڭ ئىككىنچى ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولغىنىغا نارازى بولسىمۇ بۇنى يوشۇرسا، يامان سۆزدىن تېلىنى يىغسا ئۇ ئايال ئۈچۈن ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلارنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا جەننەت ئەھلىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئاچچىقىنى يۇتىدىغانلار، يامانلىق قىلغان ياكى بوزەك قىلغان كىشىلەرنى كەچۈرىدىغانلاردۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (سۈرە ئال-ئىمران 134- ئايەت).
بۇ ئادەتتىكى ئەھۋالدا يولدىشىغا ئىتائەت قىلغان ئاياللارغا بېرىلىدىغان ئەجرىدىن كاتتىدۇر.
ئەقىللىق ئايال ئاللاھنىڭ قىسمىتىگە رازى بولىشى، يولدىشىنىڭ ئىككىنچى ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولىشىنىڭ شەرىئەتتە يوللۇق ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا ئىتىراز بىلدۈرۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، يولدىشىنىڭ ئىككىنچى ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولۇش بىلەن يەنىمۇ ئىپپەتلىك بولۇپ ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىشقا توساق بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.
ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش، كۆپىنچە ئاياللار يولدىشىنىڭ ئىككىنچى ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولۇپ ھالال ئىش قىلىشىغا ئىنتايىن نارازى بولىدۇ، لېكىن ھارام ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلگەندە ئانچە نارازى بولۇپ كەتمەيدۇ ۋە ئەركىشىكەن نېمىقىلغىلۇق ئەركىشىدىگەن ئۆيدە بىرنىڭ تالادا مىڭنىڭ دەپ ئاسانلا كەچۇرىۋىتىدۇ. بۇ قىز-خانىملارنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە دۇچار بولغاندا ئەقلىنى ئىشقا سالماستىنلا ياكى دىنى ھۆكۈملەرگە مۇراجىئەت قىلماستىنلا ئالدىراقسانلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئاياللار تۇرمۇش ئىشلىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنى ئۈلگە قىلىشى كېرەك، ئەگەر يولدىشى ئىككىنچى ئايال بىلەن تۇرمۇشلۇق بولۇپ قالسا بۇنىڭغا سەبىر قىلىپ، رازى بولۇپ ۋە ياخشى مۇئامىلىدە بولسا ئۇ ئاياللار سەبىر قىلغۇچى ۋە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.
سىڭىلچىقىم! بىلىشىڭىز كېرەككى،پانى ھايات ناھايتى تىز ئاخىرلىشىدىغان سىناق دۇنياسى، بۇنىڭغا سەبىر قىلىپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن ياشاپ، ئۆزىڭىز ۋە ئېرىڭىز، پەرزەنتلىرىڭىزنى ئىسلامىي ئەخلاق بىلەن يىتەكلنىشىڭىزنى ئىمانىي بۇرچ دەپ بىلىشىڭىز جەننەتكە نائىل بولۇشىڭىزنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىدىن بىرىدۇر. دائىملىق جەننەتتە مەڭگۈلۈك نېمەتلىنىش بىلەن بەخت تاپقانلارغا مۇبارەك بولسۇن!.
توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى