سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

راپىزىلاردىكى ئۆزگەرتىلگەن قۇرئان

21500

تارقاتقان ۋاقىت : 28-07-2015

كۆرگۈچىلەر : 3717

سۇئال

مېنىڭ شىئە ساۋاقداشلىرىمدىن بىرى: ئۆزلىرىنىڭ قۇرئانىدا بىزنىڭ قۇرئانىمىزدا يوق بولغان بىر سۈرىنىڭ بارلىقىنى ئۇ سۈرىنىڭ ئىسمىنىڭ: سۈرە ۋىلايە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، بۇ توغرىمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شىئەلەرنىڭ قولىدىكى قۇرئاندا ۋىلايەسۈرىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىر قىسىم شىئە ئۆلىمالىرى ۋە ئىماملىرى ئېتىراپ قىلدى، يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالىرى ساقلىنىش تەرىپىدىن ۋىلايەسۈرىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلدى.

شىئە ئۆلىمالىرىدىن:ۋىلايەسۈرىسى مەۋجۇت دەپ ئوچۇق ئاشكارا جار سالغانلاردىن بىرى ھىجىرىيە 1320-يىلى ۋاپات بولغان:"مىرزا ھۈسەيىن مۇھەممەد تەقى ئەننۇرى ئەتتىبرىسىي"بولۇپ، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قۇرئان كەرىم ئۆزگەرتىلگەن دېگەن گۇمانى قارىشى بىلەن بۇ توغرىدا مەخسۇس بىر كىتاپ يازغان ۋە ساھابىلار قۇرئان كەرىمدىن كۆپ نەرسىلەرنى يوشۇرغان، ۋىلايە سۈرىسىمۇ شۇ يوشۇرغان ئاياتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر دېگەن. ئۇ كىشى ۋاپات بولغان دىن كىيىن راپىزىلار ئۇ كىشىنى ئىززەت قىلىپ كەربەلادىكى نەجەپ قەبرىستانلىقىغا دەپنى قىلغان.

تىبرىسىنىڭ بۇ كىتابى ھىجىرىيە 1298-يىلى ئىراندا نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتاب نەشىر قىلىنغاندا شىئەلەر ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا بولغان. چۈنكى ئۇلار قۇرئان كەرىم توغرىسىدىكى شەك-شۈبھىلەرنى ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلىدىغان يۈزلەرچە كىتابقا تارقىتىپ، بۇنى ئۆزلىرىنىڭ خاس كىشىلىرى ئارىسىدا قالدۇرۇشنى، پەقەت بىر كىتابقا توپلىماسلىقنى مەقسەت قىلغان ئىدى. تىبرىسىي كىتابىنىڭ باشلىنىشىدا مۇنداق دەيدۇ:"بۇ ئېسىل، شەرەپلىك مۇھىم كىتاب بولۇپ، كىتابقا: "ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئۆزگەرتىشنى ئىسپاتلاشتىكى قەتئى دەلىل" دەپ ماۋزۇ قويۇلدى. بۇ كىتابتا ساھابىلار ئۆچۈرۋەتكەن ۋە يوشۇرغان دەپ گۇمان قىلىنغان ئايەت-سۈرىلەرنى زىكىر قىلدى، بۇنىڭ جۈملىسىدىن:سۈرە ۋىلايە بۇ ئاتالمىش سۈرىنىڭ تېكىستى كىتابتا مۇنداق بايان قىلىنغان:"ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ۋە ۋەلىيگە ئىشىنىڭلار، پەيغەمبەر ۋە ۋەلىينىڭ بەزىسى بەزىسىدىندۇر، مەن ھەممىنى بىلگۈچى ۋە خەۋەر تاپقۇچىدۇرمەن..." راپىزىلارنىڭ قارىشىدا يەنە بىر سۈرە بولۇپ، ئۇ سۈرە نۇرەين دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ سۈرە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرگە نازىل قىلغان قوش نۇرغا ئىشىنىڭلار، قوش نۇر سىلەرگە مېنىڭ ئايەتلىرىمنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ، سىلەرنى قىيامەتنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئىككى نۇرنىڭ بەزىسى بەزىسىدىندۇر، مەن ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ۋە بىلگۈچىدۇرمەن، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغۇچىلار ئۈچۈن نېمەتلىك جەننەت بار، ئىمان ئېيتقاندىن كىيىن كاپىر بولغانلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلىغا بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزغانلار جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ، ئۇلار ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغانلار ۋە پەيغەمبەرنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاسىيلىق قىلغانلار بولۇپ، ئۇلار جەھەننەمنىڭ قايناق ئازابىدىن سۇغىرىلىدۇ....." ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن توقۇلما سۆزلەر بار.

مىسىر ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدىكى چوڭ تەتقىقاتچى ئۇستاز مۇھەممەد ئەلى سەئۇدى شەرىقشۇناس "بەرايىن"نىڭ يېنىدىكى ئىرانىي قۇرئاننىڭ قول يازما نۇسخىسىدىن بۇ سۈرىلەرنى تىلگىراپ بىلەن نەقل قىلدى. ئەرەبچە قۇرلارنىڭ ئۈستىدە ئىران لۇغىتى بىلەن يېزىلغان تەرجىمىسى بار ئىدى.

شۇنداقلا بۇنى تىبرىسى ئۆزىنىڭ"ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئۆزگەرتىشنى ئىسپاتلاشتىكى قەتئى دەلىل" ناملىق كىتابىدا ئىسپاتلايدۇ. شۇنداقلا بۇ "مۇھسىن پانى كەشمىرىينىڭ" ئىران لۇغىتىدە يېزىلغان: "دەپىستان مەزاھىب" دېگەن ئەسىرىدىمۇ قەيت قىلىنغان.بۇ كىتاب ئىراندا بىر قانچە قېتىم نەشىر قىلىنغان.

شۇنداقلا ئاللاھ تائالاغا يالغاننى نىسبەت بەرگەن بۇ سۈرىنى شەرقشۇناس" نۇلدىكۇ" ئۆزىنىڭ "مۇسھەبلەر تارىخى" ناملىق ئەسىرىنىڭ 2-توم 102-بىتىدەنەقل قىلىپ، مىلادىيە 1842-يىلى "ئاسىيا-پارانسىيە گېزىتى" 341-439- سانلىرىدا نەشىر قىلىپ تارقاتقان.

بۇ ئاتالمىش سۈرىنى مىرزا ھەبىبۇللاھ ھاشىمىي ئەلخۇئىئۆزىنىڭ: "مىنھاجۇل بەلاغە فى شەرھى نەھجۇل بەلاغە" ناملىق ئەسىرى 2-توم 217-بەبتتە زىكىر قىلغان.

مۇھەممەد باقىر مەجلىسىي ئۆزىنىڭ "تەزكىرەتۇل ئەئىممە" ناملىق ئىران-مەۋلانا نەشىرياتى تەرىپىدىن پارىس تىلىدا نەشىر قىلىنغان ئەسىرىدە 19-20-بەتلىرىدەزىكىر قىلغان. بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇھىببىددىن خەتىبنىڭ"ئەلخۇتۇتۇل ئەرىزە لىل ئۇسەسىللەتى قامە ئەلەيھا دىنى ئەششىئە"ناملىق ئەسىرىگە قارالسۇن.

ئۇلارنىڭ بۇ گۇمانى ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە ھىجىرنىڭ 9-ئايىتىدىكى: إنا نحن نزلنا الذكر وإنا له لحافظونتەرجىمىسى: قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز دېگەن سۆزىنى ئىنكار قىلىش ۋە يالغانغا چىقىرىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى قۇرئان كەرىمدە ئۆزگەرتىش بار دەپ قارىغان كىشنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلدى.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى قۇرئان كەرىمدىكى ئايەتلەر تولۇق ئەمەس، يوشۇرۇلغان ياكى بۇ ئايەتلەر ئۈچۈن يوشۇرۇن ئىزاھلاش بار، يوللۇق ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدۇ دېگەندەك گۇمان-قاراشلاردا بولىدىكەن، ئۇلار "قارامىتە، باتىنىييە ۋە تەناسىخىيە" دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كاپىر ئىكەنلىكىدە ھېچ ئىختىلاپ يوق." ["يالىڭاچلانغان قىلىچ" ناملىق ئەسەر 3-توم 1108-1110-بەتلەر].

ئىمام ئىبنى ھەزمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"قۇرئان ئىچىدە ئۆزگەرتىش بار دېگەن ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇنى يالغانغا چىقارغان بولۇپ،ئۇ كاپىر ھېسابلىنىدۇ." "ئەل فەسلۇ فىل ئەھۋائى ۋەلمىلەل ۋەننىھەل" ناملىق ئەسەر 4-توم 139-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى