پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

ھامىلدار ئايالنىڭ روزا تۇتۇشى توغرىسىدا

سۇئال

  ھامىلدار ئايالنىڭ رامىزان ئېيىدا ۋە ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇشى ۋاجىپ بولامدۇ؟، ئايالىم  ئۆزى ئاجىز، ھامىلدار ۋە بۇ جەرياندا قان يېتىشمەسلىك مەسىلىسى بار ئېدى، ئۇنىڭغا: رامىزان ئېيىدا روزا تۇتماسلىقىنى تەۋسىيە قىلدىم، لېكىن ئۇ ئۇنىمىدى، رامزاننىڭ ئاخىرىدا ئۈچ ئايلىق بولغىلى تۇرغان ھامىلىسى چۈشۈپ كەتتى، ئايالىمنىڭ رامزاندا روزا تۇتمىغان كۈنلىرىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟،  يېڭى رامىزان ئېيى كېلىشتىن بۇرۇن تۇتالمىغان كۈنلىرىنىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى  قىلىشى ۋاجىپ بولامدۇ؟. ھامىلدارمۇ ئادەتتىكىدەك روزا تۇتۇشى كېرەكمۇ؟، ئايالىم ھامىلدارلىق جەريانىدا دائىم روزا تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇنىڭغا دوختۇرنىڭ: ھامىلدارلىق جەريانىدا روزا تۇتسا بۇنىڭ تۆرەلمىگە زېيىنى بولمايدۇ، بەلكى تۆرەلمىگە ياردىمى بولىدۇ دېگەن سۆزىنى ئىسپات قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بۇ سوئال تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ:

   بىرىنچى: ھامىلدار ئايالنىڭ رامزاندا روزا تۇتماسلىقىنىڭ ھۆكمى.

   ئىككىنچى: رامزاندا تۆرەلمە چۈشۈپ كەتسە نېمە ئىشلارغا دىققەت قىلىش.

   ئۈچىنچى: رامزاندىن كېيىن تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىشنىڭ ھۆكمى قاتارلىقلار.

   -ھامىلدار ئايالغا نىسبەتەن: ئۆزىنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا ئەگەر روزا تۇتسا ئۆزىگە ياكى تۆرەلمىگە زەرەر يېتىدۇ دەپ قارىسا روزا تۇتمىسا بولىدۇ. ئەمما روزا تۇتسا ئۆزى ياكى تۆرەلمە خەۋپكە ئۇچرايدىغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا روزا تۇتماسلىقى ۋاجىپ بولىدۇ. تۇتالمىغان كۈنلەردىكى روزىنىڭ قازاسىنى كىيىن قىلىدۇ، پىديە كەتمەيدۇ. بۇ مەسىلىدە پىقھى ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى ئىتتىپاققا كەلگەندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تَقْتُلُوا أَنفُسَكُمْ تەرجىمىسى: «سىلەر ئۆزۈڭلارنى (يەنى بىر - بىرىڭلارنى) ئۆلتۈرمەڭلار». يەنە بىر ئايەتتە: وَلَا تُلْقُوا بِأَيْدِيكُمْ إِلَى التَّهْلُكَةِ تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار». بۇنداق ھالەتتە پىديە ۋاجىپ بولمايدىغانلىقىغا ئىتتىپاققا كەلدى، چۈنكى ھامىلدار ئايال بۇنداق ھالەتتە ئۆزىدىن ئەنسىرەۋاتقان كېسەلنىڭ ئورنىدا بولىدۇ.

   ئەمما ھامىلدار ئايال ئۆزىدىن ئەنسىرىمەي تۆرەلمىدىن ئەنسىرىسە، بەزى ئالىملار بۇنداق ھالەتتە روزا تۇتمىسا بولىدۇ، ئۇ ئايال كېيىن تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە پىديە بېرىدۇ دەيدۇ، (پىديە بولسا، ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنى چۈشەندۈرۈپ: وَعَلَى الَّذِينَ يُطِيقُونَهُ فِدْيَةٌ طَعَامُ مِسْكِينٍ تەرجىمىسى: «روزا تۇتۇشقا تاقەت كەلتۈرەلەيدىغان كىشىلەر روزا تۇتمىسا، ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىدۇ». بۇ ياشانغان بوۋاي-مومايلار ئۈچۈن قىلىنغان رۇخسەت بولۇپ، بۇلار روزا تۇتۇشقا تاقەت قىلالايدىغان تۇرۇپ، روزا تۇتمىسا، ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىدۇ، ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللارمۇ بالىلىرىدىن ئەنسىرەپ روزا تۇتمىسا ئۇلارمۇ ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىدۇ دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى1947-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل" 4-توم 18-بەت 25-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   "پىقھى توپلاملىرى" 16-توم 272-بەتكە قارالسۇن.

   يۇقىرىدىكى سۆزلەردىن شۇ ئېنىق بولدىكى، ئايال روزا تۇتۇش بىلەن ئۆزىگە ياكى تۆرەلمىگە قاتتىق زىيان يېتىدىغانلىقى ئېنىق بولىدىكەن، بۇنداق ھالەتتە ئايالغا نىسبەتەن روزا تۇتماسلىق ۋاجىپ بولىدۇ، زىيان يېتىدىغانلىقىنى سۆزىگە ئىشەنچ قىلغىلى بولىدىغان دوختۇر دېگەن  بولىشى كېرەك.

   -بۇ رامزاندا روزا تۇتمىغانلىققا ئالاقىدار مەسىلە. ئەمما ئاشۇرا كۈنىگە كەلسەك، بۇ كۈندە روزا تۇتۇش ئالىملارنىڭ بىرلىكى بىلەن ۋاجىپ ئەمەس بەلكى مۇستەھەپتۇر. ئېرى يېنىدا بولغان ئايالنىڭ ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز نەپلە روزا تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئېرى نەپلە روزا تۇتۇشتىن چەكلىسە، ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى لازىم، بولۇپمۇ، تۆرەلمىنىڭ پايدىسىغا ئالاقىدار بولغاندا ئىتائەت قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ.

   -ئەمما ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىش مەسىلىسى: ئەگەر ۋەقەلىك سوئالدا بايان قىلىنغاندەك، ھامىلە ئۈچىنچى ئايدا چۈشۈپ كەتكەن بولسا،  ئۇنىڭدىن كېيىن چىققان قان نىپاسنىڭ قېنى ھېسابلانمايدۇ، بەلكى ئۇ ئىستىھازە-ئاياللار كېسىلى- ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايالدىن چۈشكىنى ئىنسان شەكلى ئېنىق بولمىغان بىر چىشلەم گۆشتىن ئىبارەتتۇر، شۇنىڭغا كۆرە، ئۇ ئايال گەرچە قاننى كۆرۈپ تۇرسىمۇ نامازنى ئادا قىلىدۇ، روزىنى تۇتىدۇ، لېكىن ھەر ناماز ئۈچۈن يېڭىدىن تاھارەت ئالىدۇ، رامزاندا روزا تۇتمىغان كۈنلەرنىڭ ۋە ئادا قىلمىغان نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات ۋە دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى  پەتىۋالىرى 10-توم 218-بەتكە قارالسۇن.

   -رامزاندا روزا تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش مەسىلىسىدە: رامزاندا روزا تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى ئەڭ ئاخىرى شەبان ئېيىغىچە كېچىكتۈرۈپ يەنە بىر رامىزان كېلىشتىن بۇرۇن تاماملايدۇ، ئەگەر روزىنىڭ قازاسىنى قىلماي يەنە بىر رامىزان كېرىپ قالسا، ئۈزۈرسىز تۇرۇپ قازاسىنى قىلمىغان بولسا، ئىككىنچى رامىزاندىن كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن بىرگە ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن بىر مىسكىنگە يېمەك بېرىش ئارقىلىق پىديە بېرىدۇ. بىر قىسىم ساھابىلارمۇ مۇشۇنداق پەتىۋا بەرگەن.

    پىديە بېرىدىغان يېمەكلىكنىڭ مىقدارى: ئۆزى ياشاۋاتقان شەھەرنىڭ يېمەكلىرىدىن بىر يېرىم كلو ئەتراپىدا بېرىدۇ، ھەر كۈنلۈك روزىسى ئۈچۈن شۇنداق بېرىدۇ، ھەممە كۈننى ھېسابلاپ ئۇنىڭ پىديىسىنى بىر مىسكىنگە بەرسىمۇ بولىدۇ، ئەمما رامزاننىڭ قازا روزىسىنى كېسەللىك ياكى سەپەر قاتارلىق ئۈزۈر سەۋەبىدىن ئادا قىلالمىغان بولسا، ئۇ كىشىگە پەقەت تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ. پىديە ئۈچۈن يېمەك بەرمەيدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: أفَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ تەرجىمىسى: «كېسەل بولۇپ قالغان ياكى سەپەر بولغان كىشى روزا تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ ئورنىغا كېيىن قازاسىنى قىلىدۇ».  [سۈرە بەقەرە 184-ئايەت]. پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى 15-توم 340-بەت.

    ئاللاھ تائالا توغرىنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد