سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

نامازلارنىڭ ۋاقىتلىرى

2183

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 8340

سۇئال

بىزدە ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى بىلەن فاكۇلتىتتىكى لىكسىيە بىر ۋاقىتتا كىلىپ قالىدۇ . خرىستىئان دوكتۇر بىزگە ناماز ئوقۇشقا پۇرسەت بەرمەيدۇ . ھەمدە بىز ئۇنى چىققىنىمىزدا يەنى شام نامىزىغا بىر سائەت قالغاندا ئوقۇيمىز ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئۇنى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇغىنىڭلار ئەۋزەل ، ھەمدە سىلەر تىلغا ئالغان ۋاقىتتا ئوقۇش بولىدۇ . ھەمدە ئۇ يەنىلا ئۆز ۋاقتىدا بولغان بولىدۇ . ئۇنى كۈن سارغايغۇچە كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ ، چۈنكى ئابدۇللاھ بىن ئەمىر بىن ئەنەستىن نەقىل قىلىنغان سەھىيھ ھەدىيستە پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : سىلەر بامداتنى ئوقۇساڭلار ، ئۇنىڭ ۋاقتى كۈننىڭ بىرىنچى مۆڭگۈزى كۆرۈنگىچە بولىدۇ . پېشىننى ئوقۇساڭلار ، ئۇنىڭ ۋاقتى ئەسىرنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە بولىدۇ . ئەسىرنى ئوقۇساڭلار ، ئۇنىڭ ۋاقتى كۈن سارغايغۇچە بولىدۇ . شامنى ئوقۇساڭلار ، ئۇنىڭ ۋاقتى شەپەق غايىپ بولغۇچە بولىدۇ . خۇپتەننى ئوقۇساڭلار ، ئۇنىڭ ۋاقتى تەڭ كېچىگىچە بولىدۇ . [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 5109 ]
فتاوى اللجنة الدائمة 6/121
ھەمدە ئەلا بىن ئابدۇررەھماندىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ مۇنداق دىگەن : " پېشىندىن كىيىن ئەنەس بىن مالىكنىڭ قېشىغا كىردۇق ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئەسىرنى ئوقۇدى . ئۇ نامىزىدىن بىكار بولغاندا ، بىز نامازنى ئالدىراپ ئوقۇشنى تىلغا ئالدۇق ياكى ئۇ تىلغا ئالدى . ئۇ مۇنداق دىدى : " مەن ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) : ئۇ بولسا مۇناپىقلارنىڭ نامىزى ، ئۇ بولسا مۇناپىقلارنىڭ نامىزى ، ئۇ بولسا مۇناپىقلارنىڭ نامىزى . ئۇلارنىڭ بىرى كۈن سارغايغۇچە ئولتۇرىدۇ ، ھەمدە شەيتاننىڭ ئىككى مۆڭگۈزىنىڭ ئارىسىدا ، ياكى شەيتاننىڭ ئىككى مۆڭگۈزىنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ ، ئاندىن ئۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ ھەمدە تۆتنى( رەكەتنى) چوقۇلايدۇ ، ئۇنىڭدا ئاللاھنى پەقەت ئازغىنا ئەسلەيدۇ . دىگىنىنى ئاڭلىدىم ."
[ ئەبۇ داۋۇد نەقىل قىلغان ، 350 . ] ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد