جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

قۇرئان كەرىمنىڭ مەخلۇق ئەمەس بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ئىكەنلىكىگە ئەقلى ۋە نەقلى ئون دەلىل

219613

تارقاتقان ۋاقىت : 17-02-2016

كۆرگۈچىلەر : 3752

سۇئال

مەن سىلەردىن بىدئەتچىلەرنىڭ شۈبھىلىرىگە بولۇپمۇ قۇرئاننى مەخلۇق دېگەن قارىشىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇلارغا قانداق رەددىيە بېرىش توغرىسىدا، شۇنداقلا بۇ ھەقتە بىدئەتچىلەرگە كەڭ دائىرىدە رەت قايتۇرغان ئىشەنچىلىك كىتابلارنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە روشەن چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىدئەتچىلەرگە رەت قايتۇرۇش، سۈننەتنى ئاساس ۋە ئەقىدىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، قۇرئان-ھەدىستىن ئېلىنغان توغرا پىرىنسىپكەقۇرۇلغان ئىلمى يول بىلەن بولىدۇ.

بۇ قۇرۇلما تۈرلۈك پەتىۋالار ياكى چېچىلاڭغۇ قىرائەتلەردىن تولۇقلانمايدۇ، بەلكى بۇنى تەلەپ قىلغۇچى بىر قانچە يىل سىستېمىلىق ھالەتتە ئوقۇش، چۈشنىش، ياد قىلىش ۋە ئىلمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشى، ئىلىم تەھسىل قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندا، شەك-شۈبھىلەرنى بىلىش، ئىلىم ئەھلىنىڭ سۆزلىرىنى چۈشنىش، ئەقىدە ئىشلىرىدا زور قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان مۇشۇ مەسىلىگە ئىلىپ بارىدىغان تەۋرىنىشلەرنى مۇلاھىزە قىلىش مۇمكىن بولىدۇ.

بىز بۇ يەردە قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ئىكەنلىكىنى ئىلمى ئۇسۇل بىلەن ئىسپاتلاش، ئۇنىڭدىن مەخلۇق دېگەن شۈبھىنى رەت قىلىش مۇمكىن بولىدىغان ئىخچام بىر ئۆلگىنى كەلتۈرىمىز. بۇنى مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىلىپ بېرىلغان مەخسۇس تەتقىقاتنىڭ بىرىدىن نەقىل قىلىمىز. بۇ ئارقىلىق ئەقىدە مەسىلىلىرىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولغان بۇ مەسىلىنىڭ كەڭلىكى، ئىنچىكىلىكى ۋە سەزگۈرلىكى ھەققىدە مەلۇم مەلۇماتقا ئىگە بولىمىز.

بىز قۇرئان كەرىمنىڭ مەخلۇق ئەمەس بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ئىكەنلىكىگە دەلىل كەلتۈرۈش مۇمكىن بولغان تۆۋەندىكى ئون تۈرلۈك دەلىلنى بايان قىلىمىز:

بىرىنچى دەلىل: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: إِنَّ رَبَّكُمُ اللَّـهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ يُغْشِي اللَّيْلَ النَّهَارَ يَطْلُبُهُ حَثِيثًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ وَالنُّجُومَ مُسَخَّرَاتٍ بِأَمْرِهِ ۗ أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ ۗ تَبَارَكَ اللَّـهُ رَبُّ الْعَالَمِينَتەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە (يەنى ئالتە دەۋردە) ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى، ئاللاھ كېچە بىلەن (كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن) كۈندۈزنى ياپىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈز بىر - بىرىنى قوغلىشىدۇ (يەنى داۋاملىق ئورۇن ئالمىشىپ تۇرىدۇ): ئاللاھ قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئاللاھ نىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغۇچى قىلىپ ياراتتى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ نىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر. [سۈرە ئەئراپ 54-ئايەت].

بۇ ئايەتنى دەلىل قىلىش ئىككى يول بىلەن بولىدۇ:

بىرىنچىسى: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە يارىتىش بىلەن ئەمىر قىلىشنىڭ ئارىسىنى ئايرىدى، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىن ئىككى سۈپەتتۇر، ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى سۈپەتنى ئۆز زاتى ئىلاھىغا لايىق كۆردى. يارىتىش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ پىئلى سۈپىتىدۇر، ئەمىر قىلىش بولسا قەۋلى (ئاغزاكى) سۈپىتىدۇر. گرامماتىكا قائىدىسىدە ئىككى باغلانغۇچى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، پەقەت بۇنى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان دەلىل بولغاندا ئوخشايدۇ. بۇ يەردە ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى كۈچلاندۇرىدىغان دەلىل بار بولۇپ، بۇنى تۆۋەندىكى يول بىلەن بايان قىلىمىز.

ئىككىنچى: يارىتىش ئەمىر (بۇيرۇق) بىلەن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا أَمْرُهُ إِذَا أَرَادَ شَيْئًا أَنْ يَقُولَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ تەرجىمىسى: «ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ۋۇجۇتقا كەل دەيدۇ - دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.» [سۈرە ياسىن 82-ئايەت].

ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتتىكى ۋۇجۇتقا كەل دېگەن سۆزى بۇيرۇقتۇر. ئەگەر ئاللاھنىڭ سۆزى مەخلۇق بولغان بولسا ئىدى يارىتىش بۇيرۇققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئۇ بۇيرۇق يەنە بىر بۇيرۇققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇنىڭ ئاخىرىقى چېكى بولمايدۇ، بۇنداق بولۇشى باتىلدۇر.

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ بۇ ئايەت بىلەن مۇئتەزىلە، جەھمىيە پىرقىسىگە رەددىيە بېرىپ: "مەن، ئاللاھ تائالا: أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ تەرجىمىسى: يارىتىش ۋە ئەمرى قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر دەپ، يارىتىش بىلەن بۇيرۇقنىڭ ئارىسىنى ئايرىدى، دېدىم." [ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل "ئەلمىھنە" ناملىق ئەسەرنىڭ 53-بېتىدە بايان قىلغان].

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دىگەن: "ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَتَىٰ أَمْرُ اللَّـهِ فَلَا تَسْتَعْجِلُوهُتەرجىمىسى: ئاللاھنىڭ پەرمانى (يەنى قىيامەت) چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئالدىراپ كەتمەڭلار. [سۈرە نەھل 1-ئايەت].

ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقى ئۇنىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ مەخلۇق ئەمەس، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىكى ئايەتلەرنى بىر بىرى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋەتمەڭلار." [ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل "ئەلمىھنە" ناملىق ئەسەرنىڭ 54-بېتىدە بايان قىلغان].

ئابباسىيلار خەلىپىسى مۇتەۋەككىل قۇرئان مەسىلىسى توغرىسىدا سوئال سورىغاندا، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ئۇنىڭغا مەكتۇپ يېزىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَإِنْ أَحَدٌ مِنَ الْمُشْرِكِينَ اسْتَجَارَكَ فَأَجِرْهُ حَتَّى يَسْمَعَ كَلَامَ اللَّهِ ثُمَّ أَبْلِغْهُ مَأْمَنَهُ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْلَمُونَ تەرجىمىسى: ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغانغا (يەنى پىكىر قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن، ئاندىن (ئۇ ئىمان ئېيتمىسا)، ئۇنى (جېنى، مېلى) ئامان تاپىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى) ئۇقمايدىغان قەۋمدۇر. [سۈرە تەۋبە 6-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ تەرجىمىسى: يارىتىش ۋە ئەمرى قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئايەتتە ئاللاھ تائالا يارىتىش بىلەن خەۋەر بەردى، ئاندىن ئەمرى(بۇيرۇق)نى دېدى، بۇيرۇقنى مەخلۇق ئەمەس دەپ خەۋەر بەردى." [ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى سالىھ "ئەل مىھنە" ناملىق ئەسەرنىڭ 120-121-بەتلىرىدە بايان قىلغان].

بۇ ئايەتنى ئىمام ئەھمەدتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۇستازى ئىشەنچىلىك ئالىم سۇپيان ئىبنى ئۇيەينە ئەل ھىلالىيبۇ مەسىلىگە دەلىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ تەرجىمىسى: يارىتىش ۋە ئەمرى قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. يارىتىش بولسا ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىشىدۇر، بۇيرۇق بولسا قۇرئان كەرىمدۇر." [ئاجۇرىي رەھىمەھۇللاھ "ئەششەرىيئە" ناملىق ئەسەرنىڭ 80-بېتىدە ياخشى ئىسناد بىلەن كەلتۈرگەن].

ئىككىنچى دەلىل: ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: الرَّحْمَنُ . عَلَّمَ الْقُرْآنَ . خَلَقَ الْإِنْسَانَ تەرجىمىسى: مېھرىبان ئاللاھ قۇرئاننى تەلىم بەردى (ئۇنى يادلاش ۋە چۈشىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى)، ئىنساننى ياراتتى. [سۈرە رەھمان 1-3-ئايەت].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئىلمى بىلەن يارىتىشىنىڭ ئارىسىنى ئايرىدى، قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمى، ئىنسان بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان مەخلۇقاتى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمى مەخلۇق ئەمەس.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: قُلْ إِنَّ هُدَى اللَّهِ هُوَ الْهُدَى وَلَئِنِ اتَّبَعْتَ أَهْوَاءَهُمْ بَعْدَ الَّذِي جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ مَا لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ تەرجىمىسى: ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، توغرا يول پەقەت ئاللاھنىڭ يولىدۇر. ساڭا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى پاكىتلىق ھەقىقەت ساڭا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن)، ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىدىغان بولساڭ، (سېنى ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق دوستمۇ بولمايدۇ، مەدەتكارمۇ بولمايدۇ. [سۈرە بەقەرە 120-ئايەت].

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئىلىم دەپ ئاتىدى، چۈنكى قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىدىن كەلدى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەلىم بەردى، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمى مەخلۇق ئەمەس، ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمى مەخلۇق بولغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالا ئىلمىنى يارىتىشتىن ئىلگىرى ئىلىمنىڭ زېتى بىلەن سۈپەتلەنگەن بولاتتى، ئاللاھ تائالا بۇنداق بولۇشتىن پاكتۇر ۋە مۇقەددەستۇر.

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھمۇ مۇئتەسىمنىڭ سورۇنىدا جەھمىيەلەر بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئابدۇرەھمان ئەلقەززاز ماڭا مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ تائالا بولغان قۇرئان بولمىغان دېدى، مەن ئۇنىڭغا: ئاللاھ تائالا بولغان ئىلمى بولمىغانمۇ! دېدىم، ئۇ سۆز قىلىشتىن توختىدى، ئەگەر ئۇ: ئاللاھ تائالا بولغان ئىلمى بولمىغان دەپ قارىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالانى ئىنكار قىلغان بولاتتى". [ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل "ئەلمىھنە" ناملىق ئەسەرنىڭ 45-بېتىدە بايان قىلغان].

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھغا: "بەزى كىشىلەر مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشىئاللاھ تائالانىڭ كالامى مەخلۇق ئەمەس دېسە، باشقىلار: بۇ مەسىلىدە سېنىڭ يېتەكچىڭ كىم؟ قۇرئان كەرىمنى مەخلۇق ئەمەس دەيدىغانغا دەلىلىڭ بارمۇ؟ دېسە، قانداق جاۋاپ بېرىدۇ؟ دېدى، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ: "بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىدۇر: فَمَنْ حَاجَّكَ فِيهِ مِن بَعْدِ مَا جَاءَكَ مِنَ الْعِلْمِ تەرجىمىسى: سەن ئىسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن. [سۈرە ئال- ئىمران 61-ئايەت]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمدىن باشقا نەرسە كەلمىگەن دېدى".

ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:ب"قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىدىن بىر ئىلىمدۇر، ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىنى مەخلۇق دەپ قارىغان كىشى كاپىر بولىدۇ.". بۇ سۆزنى ئىبنى ھانىي "ئەل مەسائىل" ناملىق ئەسەرنىڭ 2-تومى 103-104-بېتىدە بايان قىلغان].

ئۈچىنچى دەلىل: ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: قُلْ لَوْ كَانَ الْبَحْرُ مِدَادًا لِكَلِمَاتِ رَبِّي لَنَفِدَ الْبَحْرُ قَبْلَ أَنْ تَنْفَدَ كَلِمَاتُ رَبِّي وَلَوْ جِئْنَا بِمِثْلِهِ مَدَدًاتەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن، ئەگەر دېڭىز (سۈيى) سىيا بولۇپ كەتسە، پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ، دېڭىز (سۈيى) چوقۇم تۈگەپ كەتكەن بولاتتى، مۇبادا يەنە شۇنچىلىك دېڭىز (سۈيىنى) كەلتۈرسەكمۇ. [سۈرە كەھف 109-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَلَوْ أَنَّمَا فِي الْأَرْضِ مِنْ شَجَرَةٍ أَقْلَامٌ وَالْبَحْرُ يَمُدُّهُ مِنْ بَعْدِهِ سَبْعَةُ أَبْحُرٍ مَا نَفِدَتْ كَلِمَاتُ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌتەرجىمىسى: ئەگەر يەر يۈزىدىكى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولغان، دېڭىز (سىيا) بولغان، ئۇنىڭغا يەنە يەتتە دېڭىز (نىڭ سىياسى) قوشۇلغان تەقدىردىمۇ ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى (يېزىپ) تۈگەتكىلى بولمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [سۈرە لوقمان 27-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ سۆزىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى، سۆزىنىڭ تۈگۈمەيدىغان چەكسىز ئىكەنلىكىنى خەۋەر بەردى، ئەگەر ئاللاھ تائالا ياراتقان دېڭىزلارنىڭ ھەممىسى خەت يازىدىغان سىيا بولسا، ئاللاھ تائالا ياراتقان دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى قەلەم بولۇپ خەت يازسا، سىيا بىلەن قەلەم تۈگەپ كېتىپ، ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى تۈگىمەيتتى.

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنىڭ كاتتىلىقى ئاشكارا بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتى ۋە ئىلمىدۇر، بۇنى مەخلۇقلارنىڭ يوقىلىدىغان سۆزىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى مەخلۇق بولغان بولسا ئېدى، دېڭىزلاردىن بىر دېڭىز يوق بولۇپ بولغۇچە يوق بولاتتى، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ سۈپىتىگە يوقىلىشىنى پۈتمىگەن، بەلكى مەخلۇقلارغا يوقىلىشىنى پۈتىۋەتكەن.

تۆتىنچى دەلىل: قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالانىڭ: الله ، الرحمن ، الرحيم ، السميع ، العليم، الغفور ، الكريم ... قاتارلىق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا گۈزەل ئىسىم ۋە ئالى سۈپەتلىرى بايان قىلىنغان، بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىدۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇ ئىسىم-سۈپەتلەرنىڭ لەپزى ۋە مەنىسى بىلەنبىلەن ئۆزىنى ئاتىدى.

ئاللاھ تائالا ئۆزىنى ئۇلۇغلاشبىلەن ئىسىملىرىنى ئۇلۇغلاشنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلدى، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: سَبِّحِ اسْمَ رَبِّكَ الْأَعْلَىتەرجىمىسى: ھەممىدىن ئۈستۈن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى پاك ئېتىقاد قىلغىن. سۈرە ئەئلا 1-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئۆزىنى ئاتاش بىلەن ئىسمىنى ئاتاشنى باراۋەر قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَلِلَّهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَى فَادْعُوهُ بِهَاتەرجىمىسى: ئاللاھ نىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار. سۈرە ئەئراپ 180-ئايەت].

شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا ئۆزىنى ياد قىلىش بىلەن ئىسىملىرىنى ياد قىلىشنىڭ ئارىسىنى باراۋەر قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاذْكُرِ اسْمَ رَبِّكَ بُكْرَةً وَأَصِيلًاتەرجىمىسى: ئەتىگەن- ئاخشامدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭغا كۆپ تائەت - ئىبادەت قىلغىن). [سۈرە ئىنسان 25-ئايەت].

بۇ پاك دەپ ئۇلۇغلاش، دۇئا قلىش ۋە ياد قىلىش قاتارلىقلار مەخلۇق ئۈچۈن تەسەررۇپ قىلىنسا، بۇ ئاللاھ تائالاغا قىلىنغان كۇپرىلىق بولىدۇ.

ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ كالامى مەخلۇق دېيىلسە، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ سۆزىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك بۇنداق قاراشتا بولغان كىشى كاپىر بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك، ئاللاھ تائالا كالامىنى يارىتىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى بولمىغان، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى بىلەن قەسەم قىلغۇچى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى مەخلۇق بىلەن قەسەم قىلدى. مەخلۇق باشقا ياراتقۇچى باشقىدۇر.

مۇشۇ دەلىل-ھۆججەتلەر بىلەن سەلەپ ئالىملىرى ۋە باشقا ئۆلىمالار قۇرئان كەرىمنىڭ مەخلۇق ئەمەس ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ئىكەنلىكىگە دەلىل كەلتۈردى، ئۇلاردىن:

دىندا ھۆججەت دەپ ئاتالغان سۇپيان ئىبنى سەئىد ئەسسەۋرىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى قُلْ هُوَ اللَّهُ أَحَدٌ . اللَّهُ الصَّمَدُتەرجىمىسى: ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، ئۇ - ئاللاھ بىردۇر ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر. [سۈرە ئىخلاس 1-2-ئايەت]. كىمىكى بۇ سۆزنى مەخلۇق دەيدىكەن، ئۇ كاپىر بولىدۇ." [ئابدۇللاھ "ئەسسۈننە" ناملىق ئەسەردە (13) ياخشى ئىسناد بىلەن كەلتۈرگەن].

ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرى بىلەن قەسەم قىلىپ قەسىمىنى بۇزىۋەتكەن كىشىگە كاپارەت كېلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى مەخلۇق ئەمەس، ئەمما كەبە بىلەن ياكى ساپا-مەرۋە بىلەن قەسەم قىلغان كىشى قەسىمىنى بۇزۇۋەتسە ئۇنىڭغا كاپارەت كەلمەيدۇ، چۈنكى كەبە ۋە ساپا-مەرۋە دېگەن مەخلۇق، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرى مەخلۇق ئەمەس." [ئىبنى ئەبى ھاتەم "شافىئىينىڭ ئەدەبلىرى" ناملىق ئەسەرنىڭ 193-بېتىدە ياخشى ئىسناد دەپ كەلتۈرگەن].

ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرى قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان، قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىدۇر، قۇرئان كەرىمنى مەخلۇق دەپ قارىغان كىشى كاپىر بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىملىرىنى مەخلۇق دەپ قارىغان كىشىمۇ كاپىر بولىدۇ" [ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى سالىھ "ئەل مىھنە" ناملىق ئەسەرنىڭ 52-66-67-بەتلىرىدە بايان قىلغان].

بەشىنچى دەلىل: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقى ۋە ئۆزىگە سۆزى ئىكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: تَنْزِيلُ الْكِتَابِ لَا رَيْبَ فِيهِ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ تەرجىمىسى: (بۇ) كىتاب (يەنى قۇرئان) نىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىدا ھېچ شەك يوقتۇر. [سۈرە سەجدە 2-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَعْلَمُونَ أَنَّهُ مُنَزَّلٌ مِنْ رَبِّكَ بِالْحَقِّ تەرجىمىسى: بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرى) ئۇنىڭ (يەنى قۇرئاننىڭ) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. [سۈرە ئەنئام 114-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: قُلْ نَزَّلَهُ رُوحُ الْقُدُسِ مِنْ رَبِّكَ بِالْحَقِّتەرجىمىسى: ئېيتقىنكى، قۇرئاننى جىبرىئىل مۆمىنلەرنىڭ (ئىمانىنى) مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارغا ھىدايەت ۋە خۇش خەۋەر قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭ ھۇزۇرىدىن راستچىللىق بىلەن نازىل قىلدى. [سۈرە نەھل 102-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئۆزى نازىل قىلغان نەرسىلەردىن ئۆزىنىڭ كالامىدىن باشقا نەرسىنى ئۆزىگە قاتمىدى، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئاللاھنىڭ كالامى ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان باشقا نەرسىلەرگە ئوخشىمايدۇ،ئاللاھ تائالا يامغۇر، تۆمۈر قاتارلىق نەرسىلەرنى نازىل قىلغانلىقىدىن خەۋەر بەردى، ئەمما ئۇ نەرسىلەرنى ئۆز زاتى ئىلاھىغا نىسبەت بەرمىدى،ئەمما كالامىنى ئۆز زاتى ئىلاھىغا نىسبەت بەردى، كالام دېگەن سۈپەت بولۇپ، سۈپەت سۈپەتلەنگۈچىنىڭ ئۆزىگىلا نىسبەت بېرىلىدۇ. ئەگەر مەخلۇق بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ياراتقۇچىدىن ئايرىلاتتى، ياراتقۇچىغا سۈپەت بولۇشقا يارىمايتتى، چۈنكى ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر. ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىدىن بولغان نەرسىلەر بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ.

ئالتىنچى دەلىل: خوۋلەتە بىنتى ھەكىيم ئەسسۇلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم دەيدۇ: ھەرقانداق بىر ئورۇنغا چۈشكەن كىشى: "ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل كەلىمىلىرى بىلەن ئاللاھ تائالا ياراتقان نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن" دېگەن دۇئانى ئوقۇسا، ئۇ كىشى چۈشكەن يىرىدىن يۆتكىلىپ ماڭغۇچە ھېچ نەرسە ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 2708-ھەدىس].

ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل كەلىمىلىرى مەخلۇق بولغان بولسا ئۇنىڭ بىلەن پاناھلىق تىلەش شېرىك ھېسابلىناتتى، چۈنكى مەخلۇقتىن پاناھلىق تىلەش شېرىكتۇر. ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىنىڭ غەيرى بىلەن پاناھلىق تىلەش شېرىك بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساغلام-خالىس تەۋھىد ئىلىپ كەلگەن تۇرسا قانداقمۇ ئۇممىتىگە ئوچۇق-ئاشكارا شېرىكتىن تەلىم بېرىدۇ؟ .

بۇ ھەدىسمۇ ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنىڭ مەخلۇق ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

نۇئەيىم ئىبنى ھەمماد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەخلۇق بىلەن پاناھ تىلەش توغرا بولمايدۇ، ئابىدلار، جىنلار، ئىنسانلار ۋە مالائىكىلەرنىڭ سۆزلىرى بىلەن پاناھلىق تىلەشمۇ توغرا بولمايدۇ".

بۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئەسەرمۇ ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنىڭ مەخلۇق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ كالامىدىن باشقا سۆزلەرنىڭ ھەممىسى مەخلۇقتۇر." ["بەندىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى مەخلۇق" ناملىق ئەسەرنىڭ 143-بېتىگە قارالسۇن].

يەتتىنچى دەلىل: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنىڭ باشقا سۆزلەرگە بولغان ئارتۇقچىلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىدىن ئۈستۈن بولغىنىغا ئوخشاشتۇر. [ھەسەن ھەدىس، بۇ ھەدىسنى ئوسمان ئەددارىمي"جەھمىيىلەرگە رەت قايتۇرۇش" دېگەن ئەسەردە 187-340- نومۇرلۇق ھەدىسلەردە، ئەللالكائىي 557-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

بۇ ھەدىس سەلەپ ئالىملىرىنىڭ (قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامى، ئۇ مەخلۇق ئەمەس) دېگەن ئەقىدىسىنى ئىسپاتلاشنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى تەرەپتىن ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

بىرىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بىلەن باشقا مەخلۇقلارنىڭ سۆزىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش. كالام ئاللاھنىڭ كالامى بولىدىكەن ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتىدۇر. باشقا مەخلۇقلارنىڭ سۆزى بولىدىكەن ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىدىندۇر، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتى بولغان سۆزلەر ئاللاھ تائالانىڭ زاتى ئىلاھىغا نىسبەت بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالاغا نىسبەت بېرىلمىگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى مەخلۇقتۇر. ئەگەر سۆزلەرنىڭ ھەممىسى مەخلۇق بولغان بولسا، ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئايرىشنىڭ ھېچ ھاجىتى بولمايتتى.

ئىككىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ زاتى بىلەن باشقا نەرسىلەرنىڭ زاتىنى ئايرىغاندەك، ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بىلەن باشقا مەخلۇقلارنىڭ كالامىنىڭ ئارىسىنى پەرقلەندۈردى. ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنى ئاللاھنىڭ سۈپىتى قىلدى، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتى ئۆز زاتى ئىلاھىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئەمما مەخلۇقلارنىڭ سۆزى ۋە ئۇلارنىڭ سۈپىتى بولسا، مەخلۇقلارنىڭ يارىتىلغۇچى زاتى سۈپىتىگە مۇناسىپتۇر.

ئىمام ئوسمان ئىبنى سەئىد ئەددارىمىي رەھىمەھۇللاھ: "جەھمىيىلەرگە رەت قايتۇرۇش" ناملىق ئەسىرىنىڭ 162-163-بەتلىرىدە، مۇشۇ مەنادىكى ھەدىسنى زىكىر قىلىپ بولغاندىن كىيىن بۇ دەلىلنى كەلتۈردى: بۇ ھەدىستە قۇرئان كەرىمنىڭ مەخلۇق ئەمەسلىكى ئوچۇق بايان قىلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا بىلەن ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرى ئارىسىدا پەرق بولغاندەك مەخلۇقاتلارنىڭ ئارىسىدا بىر-بىرىدىن ئارتۇق، پەرقلىق نەرسە يوق، چۈنكى مەخلۇقلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق-ئارتۇقچىلىق بىلىنىدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ ئۇز خەلقىگە قىلغان پەزلى-ئارتۇقچىلىقى بىلىنمەيدۇ، بۇنى ھېچكىم ھېسابلاپ بولالمايدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنىڭ باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ سۆزىگە بولغان ئارتۇقچىلىقىنى بىلگىلى ۋە ساناپ بولغىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ كالامى مەخلۇق بولغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن باشقا سۆزلەرنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق بولمىغان بولاتتى،ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرىغا بولغان ئارتۇقچىلىقى چەكسىز بولۇپ، ئۇنى ھېچكىم ھېسابلىمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ھېچ ئوخشىشى يوق، ھېچ نەرسە ئاللاھ تائالاغا ئوخشىمايدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ كالامى باشقا سۆزلەرگە ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئوخشىشى ھېچ نەرسىگە بېرىلمىگەن".

سەككىزىنچى دەلىل: ئوچۇق ئەقلى پاكىتلاردىن: ئەگەر ئاللاھ تائائالانىڭ كالامى مەخلۇق بولۇپ قالسا مۇنداق ئىككى خىل ھالەتتىن خالى بولالمايدۇ:

بىرىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ زاتى بىلەن تۇرغان مەخلۇق بولىدۇ.

ئىككىنچى: ئاللاھ تائالانىڭ زاتىدىن ئايرىلغان، يىراق بولغان بولىدۇ. ئىككىلا ھالەت باتىل ۋە ئوچۇق ئاشكارا كۇپىرلىقتۇر.

بىرىنچىسىدە، يارىتىلغۇچىنىڭ ياراتقۇچى بىلەن بىرگە تۇرۇشى لازىم كېلىدۇ، بۇنداق بولۇشى ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ قارىشى ھەتتا بىدئەتچىلەرنىڭ قارىشىدىمۇ باتىلدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھەممە تەرەپتىن ئۆز خەلقىدىن بىھاجەتتۇر.

ئىككىنچىسىگە، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنى بىكار قىلىۋېتىش لازىم كېلىدۇ، چۈنكى سۈپەت دېگەن سۈپەتلەنگۈچى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ تۇرمايدۇ، ئەگەر سۈپەت سۈپەتلەنگۈچى بىلەن بىرگە تۇرماي باشقا نەرسە بىلەن بىرگە تۇرىدىغان بولسا ئەلۋەتتە ئۇ سۈپەت ئۆزى بىرگە تۇرغان نەرسىنىڭ سۈپىتى بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ مەنىسى، ئاللاھ تائالا سۆزلىگۈچى ئەمەس دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئوچۇق-ئاشكارا كۇپۇرلۇق بولۇپ، بۇنىڭ دەلىللىرىنى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتتۇق.

توققۇزىنچى دەلىل: يۇقىرىقى دەلىللەردىن مەلۇم بولدىكى، سۈپەت دېگەن مۇستەقىل نەرسە ئەمەس، ئەگەر ئۇ ياراتقۇچىنىڭ سۈپىتى بولىدىكەن، ئۇ سۈپەت ياراتقۇچى بىلەن تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇ سۈپەت مەخلۇقنىڭ سۈپىتى بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم مەخلۇق بىلەن تۇرىدۇ، ھەرىكەت قىلىش، سۈكۈت قىلىش، ئۆرە تۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، ئىرادە قىلىش، ئىلىم، ھايات ۋە ئۇنىڭدىن باشقا سۈپەتلەر قايسى نەرسىگە قېتىلسا شۇ نەرسىنىڭ سۈپىتى بولىدۇ، ئۆزى بىرگە تۇرغان نەرسىگە ئەگىشىدۇ، بۇ سۈپەتلەر مەخلۇققا بېرىلىدىكەن، يەنى قايسى مەخلۇققا نىسبەت بېرىلىدىكەن شۇنىڭ سۈپىتى بولىدۇ، ئۇ سۈپەتلەردىن قۇدرەت، ئىرادە، ئىلىم، ھايات قاتارلىق ياراتقۇچىغا قېتىلىدىغان سۈپەتلەر بار، بۇ سۈپەتلەر قېتىلغان زاتنىڭ سۈپىتى بولىدۇ، مەخلۇقاتلارغا قېتىلسا مەخلۇقنىڭ سۈپىتى بولىدۇ، ياراتقۇچىغا قېتىلسا ئۇ ۋاقىتتا مەخلۇق بولمايدۇ.

ئاللاھنىڭ كالامى ئاللاھ تائالانىڭ باشقا سۈپەتلىرىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇ سۈپەت قايسى ئورۇندا بولسا ئۇ شۇ جاينىڭ سۈپىتى بولىدۇ، باشقىسىنىڭ سۈپىتى بولمايدۇ، ئەگەر ئۇ سۈپەت ياراتقۇچىغا قېتىلىدىكەن ئۇ ياراتقۇچىنىڭ سۈپىتى بولىدۇ، ئەگەر ياراتقۇچىنىڭ غەيرىگە قېتىلىدىكەن، ئۇ، قېتىلغان شۇ مەخلۇقنىڭ سۈپىتى بولىدۇ، ياراتقۇچىنىڭ سۈپىتى ئۆزىگە ئوخشاش مەخلۇق ئەمەس، مەخلۇقنىڭ سۈپىتى بولسا ئۆزىگە ئوخشاش مەخلۇقتۇر.

ئاللاھ تائالا كالامنى ئۆز زاتى ئىلاھىغا نىسبەت بەردى، ئۆز نەپسىنى كالام بىلەن سۈپەتلىدى، مانا بۇ تەرەپلەرنى ئىتىبارغا ئالغاندا ئاللاھ تائالانىڭ كالامى مەخلۇق ئەمەس، بەلكى ئۇ سۈپەت ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ئەگىشىدۇ، ئاللاھ تائالا مەخلۇق ئەمەس،سۈپەتتىكى كالام ئاللاھنىڭ زاتىدىكى كالامنىڭ پارچىسىدۇر.

ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ كالامى مەخلۇق دېيىلسە، ئاللاھ تائالا مەخلۇق بىلەن سۈپەتلىنىشتىن پاكتۇر، سىلەرمۇ ئۆز قارىشىڭلار بويىچە ئاللاھ تائالانى ھادىسىلەردىن پاك دەپ قارايسىلەر، ئاللاھ تائالانى ھادىسىلەر بىلەن تۇرۇشتىن پاك دېدىڭلار، سىلەر ئاللاھ تائالاغا كالام دېگەن سۈپەتنى قاتماسلىقنى لازىم تۇتتىڭلار، بۇنىڭ بىلەن ئاڭلاش ۋە ئەقىلدىن ئىبارەت ئىككى گۇۋاھچى گۇۋاھ بولغان ئاللاھ تائالانىڭ كالام سۈپىتىنى ئىنكار قىلدىڭلار، يالغانغا چىقاردىڭلار دەيمىز.

لېكىن ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنى مەخلۇق ئەمەس دەپ ئىقرار قىلىشتىن باش تارتقىنى ئىلگىرىكى باتىل قاراشلىرىدىنمۇ بەك قورقۇنۇچلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار: بىز ئاللاھ تائالانىڭ سۆزلىگۈچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ كالامى سۆزى ئۆزى بىلەن ئەمەس باشقا نەرسە بىلەن تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا دەرەخ بىلەن تۇرغان يارىتىلغۇچى سۆز بىلەن سۆزلىدى، ئۇ سۆز ئاللاھ تائالا بىلەن ئەمەس ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاللاھ تائالانى ھادىسىلەر بىلەن تۇرۇشتىن پاك دەپ قارايمىز دەيدۇ.

بىزنىڭ جاۋابىمىز: سىلەر سۆزنى تۇرغان ئورۇننىڭ سۈپىتى قىلدىڭلار، سىلەرنىڭ بۇ سۆزۈڭلار بويىچە، سۆز دەرەخنىڭ سۆزى بولدى، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بۇ سۆزنى دېگەن: يَا مُوسَى إِنِّي أَنَا اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ تەرجىمىسى: ئى مۇسا، (ساڭا سۆز قىلىۋاتقان) مەن، ھەقىقەتەن، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ دۇرمەن. [سۈرە قەسەس 30-ئايەت] دەرەخ بولدى. بۇ ۋاقىتتا لەنىتى پىرئەۋننىڭ أنا ربكم الأعلىتەرجىمىسى: مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن دېگەن سۆزى بىلەن دەرەخنىڭ سۆزىنىڭ ئارىسىدىكى پەرىق قېنى؟!، چۈنكى دەرەخنىڭ سۆزى ئۇنىڭ سۈپىتى، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپىتى ئەمەس، پىرئەۋننىڭ سۆزى ئۇنىڭ سۈپىتى، ھەر بىرى پەرۋەردىگارلىقنى دەۋا قىلىدۇ، ئۇنداق بولغان ئىكەن، مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋننىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلىپ، دەرەخنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىشى توغرا بولمايتتى!!.

ئاللاھ تائالا سىزگە رەھمەت قىلسۇن، ئۆز ئەھلىنى نۇمۇسسىزلارچە بىدئەتلەرگە چۈشۈرۈپ قويىدىغان، قۇرئان كەرىم ھەقىقەتلىرىگە بويسۇنمايدىغان، ھەقكە رازى بولمايدىغان، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ۋەھىينى ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەگىشىپ ئۆزى خالىغانچە ئەخلەت پىكىرلىرىگە ئالماشتۇرىدىغان ئوچۇق-ئاشكارا كۇپرىنىڭ ماھىيىتى ئويلاپ بېقىڭ!.

بۇ دەلىل-پاكىتلار ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ خەلىپە مۇئتەسىمنىڭ ھوزۇرىدا مۇئتەزىلەنىڭ جەھمىيە پىرقىسى بىلەن مۇنازىرلەشكەندە ئۇلارغا كەلتۈرگەن ئەقلى دەلىللىرى بولۇپ، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكىنى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزى ھىكايە قىلىپ مۇنداق دېگەن: وَكَلَّمَ اللَّـهُ مُوسَىٰ تَكْلِيمًا تەرجىمىسى: ئاللاھ مۇساغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلدى، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئىززەت-ھۆرمەت قىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن سۆزنى ئىسپاتلىدى، ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا سۆز قىلىپ بولغاندىن كىيىن سۆزنى تەكىتلەپ (تەكلىيما) دېگەنتەكىت سۆزىنى كەلتۈردى. ئاللاھ تائالا: إِنَّنِي أَنَا اللَّـهُ لَا إِلَـٰهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدْنِيتەرجىمىسى: مەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ئاللاھدۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، (يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن دېدى، سىلەر مۇشۇنىمۇ ئىنكار قىلامسىلەر، ئۇ ۋاقىتتا (مەن) دېگەن سۆزدىكى بىرىنچى شەخسنى ئىپادىلەيدىغان (يا) ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىگە قايتۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەخلۇق پەرۋەردىگارلىقنى دەۋا قىلغان بولمامدۇ؟. دىققەت قىلىڭلار، سۆزلىگۈچى ئاللاھ تائالادۇر." [ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل "ئەلمىھنە" ناملىق ئەسەرنىڭ 52-بېتىدە بايان قىلغان].

ئونىنچى دەلىل: سەلەپ ئالىملىرىنىڭ مۇشۇ ئەقىدىنى ئىسپاتلاش توغرىسىدىكى سۆزلىرى:

تابىئىنلار ئىچىدىكى مەشھۇر ئىماملاردىن بىرى بولغان ئەمرۇ ئىبنى دىينار رەھىمەھۇللاھ: "مەن يەتمىش يىلدىن بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ۋە ئۇلاردىن كىيىنكى تابىئىنلاردىن ئۇچراشقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى "ئاللاھ تائالا ياراتقۇچى"، ئاللاھ تائالادىن باشقا نەرسىلەر يارىتىلغۇچى، قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ كالامى، قۇرئان ئاللاھ تائالادىن چىققان ۋە ئاللاھ تائالاغا قايتىدۇ" دەپ ئېتىقات قىلاتتى، دەيدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ناپىئ مۇنداق دېگەن، ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ كالامىدۇر، قۇرئان كەرىمنى مەخلۇق دېگەن كىشىنىڭ سۆزى ئەڭ قەبىھ سۆزدۇر." [ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئوغلى سالىھ "ئەلمىھنە" ناملىق ئەسەرنىڭ 66-بېتىدە بايان قىلغان].

ئىمام شاپىئىي رەھىمەھۇللاھنىڭ ھەمراھى ۋە شاگىرتى رەبىئ ئىبنى سۇلايمان رەھىمەھۇللاھ ئىمام شاپىئى رەھىمەھۇللاھ بىلەن ھەپسە ئەلپەردنىڭ ئارىسىدا قۇرئان كەرىم توغرىسىدا ئىلىپ بېرىلغان مۇنازىرىنى ھىكايە قىلىپمۇنداق دەيدۇ: "ئۇ ئىمام شاپىئىدىن سوئال سورىدى، ئىمام شاپىئى ئۇنىڭغا دەلىل كەلتۈردى، مۇنازىرە ئۇزۇن داۋاملاشتى، ئىمام شاپىئى ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنىڭ مەخلۇق ئەمەس بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ئىكەنلىكى توغرىسىدا دەلىللەرنى بايان قىلدى، نىھايەتتە ھەپسە ئەلپەردنى كۇپىرغا چىقاردى. رەبىئ مۇنداق دەيدۇ: مەن شۇنىڭدىن كىيىن بىر سورۇنداھەپسە ئەلپەرد بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ ماڭا: ئىمام شاپىئى مېنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلدى دېدى." [ئابدۇرەھمان ئىبنى ئەبى ھاتەم "شافىئىينىڭ ئەدەپلىرى"ناملىق ئەسەرنىڭ 194-195-بەتلىرىدە توغرا ئىسناد بىلەن كەلتۈرگەن].

ئىبنى ئەبى ھاتىم مۇنداق دەيدۇ: "دادام ۋە ئەبا زۇرئە رەھىمەھۇللاھدىن: ئەھلى سۈننەت ۋەلجەمائە ئالىملىرىنىڭ دىننىڭ ئاساسى توغرىسىدىكى ئېتىقاتلىرى، شۇنداقلا بۇ ئىككەيلەن ئۇچراشقان بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى ۋە بۇ ئىككەيلەننىڭ بۇ توغرىدىكى ئېتىقادى توغرىسىدا سورىغان ئىدىم، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ: "بىز ھىجاز، ئىراق، شام، يەمەن قاتارلىق يۇرتلاردىكى ئالىملار بىلەن ئۇچراشتۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى: ئىمان دېگەن: سۆز ۋە ئەمەلدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ زىيادە بولىدۇ ۋە ئاجىزلايدۇ. قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ كالامى ھېچ قايسى تەرەپتىن مەخلۇق ئەمەس دەپ ئېتىقات قىلىدۇ، دەپ جاۋاپ بەردى". [ئىبنى تەبەرى"ئەسسۈننە" ناملىق ئەسىرىنىڭ 1-توم 176-بېتىدە بايان قىلغان.

ئىمام ئەبۇل قاسىم ھىبەتۇللاھ ئىبنى ھەسەن ئەتتەبەرىي ئەللالكائىي ئۆزىنىڭ"ئەھلى-سۈننە ۋەل جامائە ئېتىقادى ئاساسىنىڭ شەرھىسى" ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە بۇ مەسىلىنى بايان قىلىپ: "ئۈممەتنىڭ ئالىم-ئۆلىمالىرىدىن بەش يۈز ئەللىكتىن ئارتۇق ئالىملارنىڭ ھەممىسى: قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ كالامى، ئۇ مەخلۇق ئەمەس، قۇرئان كەرىمنى مەخلۇق دېگەن كىشى كاپىر بولىدۇ، دەپ بايان قىلىدۇ".

ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ سۆز ئاشۇ بەش يۈز ئەللىكتىن ئارتۇق تابىئىنلار، ئەتبائى تابىئىنلار، ئۈممەت رازى بولغان ئىماملارنىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇلار ياشىغان دەۋرىنىڭ ئوخشىماسلىقى، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يۈزگە يېقىن ئىماملار مەيدانغا كەلگەن، كىشىلەر ئۇلارنىڭ پەتىۋاسىنى قوبۇل قىلغان، ئۇلارنىڭ قارىشى بىلەن يول تۇتقان، ئەگەر ھەدىس تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ ئىسىملىكىنى نەقىل قىلىدىغان بولساق ئۇلارنىڭ سانى نەچچە مىڭغا يېتەتتى." ["ئەسسۈننە" ناملىق ئەسەر 493-بەت].

يەنە: "ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى توغرىسىدا سەلەپ ئالىملىرىنىڭ ئەقىدىسى ۋە رەزىل بىدئەتچىلەرنىڭ باتىللىرىنى ئېچىپ تاشلاش" ناملىق ئەسەرنىڭ 121-147-بەتلىرىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

بۇنىڭدىنمۇ تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ: "قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامى" ناملىق ئەسىرى ۋە ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھنىڭ: "مۇختەسەر ساۋائىق ئەلمۇرسەلە"ناملىق ئەسەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

مۇشۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۇستاز ئەمىر بىسيۇنىنىڭ :"نېمە ئۈچۈن قۇرئاننى مەخلۇق دېگەن سۆزنى قىلغۇچى كاپىر بولىدۇ؟" 

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى