جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

سۈننەتتە رامىزان ئېيى ئۈچۈن خاس زىكىر بايان قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مەن كۈزۈتۈپ باقسام بىزنىڭ يۇرتىمىزدىكى ئىمام ھەر قېتىملىق پەرز نامازدىن كېيىن: "ئاللاھ يەككە-يىگانە بىردۇر، ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورايمەن، ئاللاھتىن جەننەتنى سورايمىز، دوزاختىن پاناھلىنىمىز" دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىمدىن تەكرارلايدۇ، بۇنداق دېيىش سۈننەتمۇ؟ بىزمۇ شۇنداق تەكرارلايمىزمۇ؟ باشقا دۇئالار يوقمۇ؟ مەن ھازىردىن باشلاپ ئۇ دۇئالارنى تەكرارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشنى مەقسەت قىلىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مۇبارەك رامىزان ئېيىدا ئايرىم ئوقۇلىدىغان زىكىر-دۇئالار توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس بايان قىلىنمىغان، پەقەت رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە قەدىر كېچىسىنى ئىزدەش توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھامۇنداق دەيدۇ:ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!ئەگەر مەن قەدىر كېچىسىنىڭ قايسى كېچىدە بولىدىغانلىقىنى بىلسەم، ئۇ كېچىدە نېمە دەيمەن؟(قايسى دۇئانى ئوقۇيمەن)دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئاللاھ!شۈبھىسىزكى، سەن ئەپۇ قىلغۇچى، ئەپۇ قىلىشنى ياخشى كۆرۈسەن،مېنى ئەپۇ قىلغىن،دەڭ دېدى.[تىرمىزى رىۋايىتى 3513-ھەدىس].

بۇھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 36832 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

يۇقىرىقى ھەدىستىن باشقا،مۇبارەك ئاينىڭ پەزىلىتىگە مۇناسىپ، سانى بېكىتىلگەن،مەلۇم ئەجىر-ساۋاپ بايان قىلىنغان زىكىر ئېيتىش توغرىسىدا ھەدىس بايان قىلىنمىغان. مۇسۇلماننىڭ ھەر ۋاقىت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قىلغاندەك، ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرۇشى، زىكىر بىلەن دۇئانى بىرلەشتۈرۈشى، مۇبارەك ئاينىڭ كېچە-كۈندۈزلىرىنى غەنىمەت بىلىشى ياخشى بولىدۇ. بولۇپمۇئۇ ئايدا دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سوھۇر ۋاقتى، جۈمە كۈنلىرى ئەسىردىن كېيىنكى ۋاقىت، ئىپتارنىڭ ئالدى كەينىدىكى ۋاقىتلارنى غەنىمەت بىلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالادىن سەمىمىيلىك بىلەن جەننەتنى سورايمىز، دوزاختىن پاناھ تىلەيمىز.

ئىمام شاتىبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"بىدئەت دېگەن دىندا شەرىئەت يولغا قويغانغا ئوخشاش بىر نەرسىنى كەشىپ قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا ئىبادەتنى ئاشۇرۇپقىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىدئەتنىڭ قاتارىدىن: مەلۇم ھەيئەت ۋە كەيپىياتنى لازىم تۇتۇش بولۇپ، جامائەتنىڭ بىر خىل ئاۋازدا زىكىر ئېيتقىنىغا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بايرام قىلىۋېلىش قاتارلىق ئىشلار، شەرىئەتتە ھېچ قانداق دەلىل بولمىغان، مەلۇم ۋاقىتتا مەلۇم ئىبادەتلەرنى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر". ["ئەل ئىئتىسام"ناملىق ئەسەر 1-توم 37-39-بەت].

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تور بەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن رامىزان ئېيىنىڭ ھەر بىر كۈنىگە خاس بولغان زىكىر-دۇئالار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىمىز، ئۇنىڭ ھەممىسى بەزى كىشىلەرنىڭ كەشىپ قىلغان بىدئەتلىرى بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى تارقىتىشنى تاللىغان، كۆپچىلىك كىشىلەر بۇنى مۇشۇ مۇبارەك ئايدا قىلىنىدىغان شەرئى ئىبادەت دەپ ئويلاپ قالغان.

ھەقىقەتتە بۇ ئىش سۈننەت ئەمەللەردىن ئەمەس، ئىبادەتتە ئەسەر بايان قىلىنغان توغرا يولمۇ ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان كىشىئەتتىگەن-كەچتە، پەرھىز نامازلاردىن كېيىن ۋە باشقا شەرئى مۇناسىۋەتلەردە ئوقۇلىدىغان زىكىر-دۇئالارغا ئەھمىيەت بېرىشى، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش، ئۆزئارا دەرسلىك قىلىش، مەنىلىرىنى ئويلىنىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ئاشۇنىڭ ئۆزى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئىزدەۋاتقان ساۋابقا، تەلەپ قىلىۋاتقان ئەجىرگە ئېرىشىشكە كۇپايە قىلىدۇ. 

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى