پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

نامازدا ئىككى كۆزىنى يۇمۇۋېلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

نامازدا ئىككى كۆزىنى يۇمۇۋالسا قانداق بولىدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئۆلىمالار نامازدا سەۋەبسىز كۆزىنى يۇمۇۋېلىشنىڭ مەكرۇھ-ياخشى كۆرۈلمەيدىغان ئىش ئىكەنلىكىگە ئىتتىپاققا كەلگەن بولۇپ، "ئەلرەۋزۇل مۇربىئ" ناملىق ئەسەرنىڭ ساھىبى "نامازدا كۆزىنى يۇمۇۋېلىش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ، بۇ يەھۇدىيلارنىڭ قىلىقى"دەپ بايان قىلدى. ["روۋزۇل مۇربىئ"1-توم 95-بەت].

شۇنىڭدەك "مەنارۇس سەبىيل" ۋە "ئەلكافى" قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ساھىبلىرىمۇ ئاشۇنداق دەپ، بۇنداق قىلىش ئۇخلاپ قالدىمىكىن دېگەننى ئىپادىلەيدۇ دېگەن سۆزنى زىيادە قىلدى. ["مەنارۇس سەبىيل"1-توم 66-بەت، كاپىئ 1-توم 285-بەت].

"ئەلئىقنائ" دېگەن كىتابنىڭ ساھىبى: زۆرۈر بولمىغاندا كۆزىنى يۇمۇۋېلىش ياخشى ئەمەس، بۇ خۇددى ھەزەر قىلىنغان نەرسىدىن قورققانغا ئوخشاش خۇددى بىر كىشى ئۆزىنىڭ دېدىكى ياكى ئايالىنى ياكى يات بىر ئايالنى يالىڭاچ كۆرۈپ قالغاندا كۆزىنى يۇمۇۋالغانغا ئوخشاش دېگەن، مۇغنىنىڭ ئاپتۇرىمۇ شۇنداق دېگەن. ["ئەلئىقنائ"1-توم 127-بەت. "ئەل مۇغنى"2-توم 30-بەت].

"تۆھپەتۇلمۇلۇك"ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتۇرىمۇ: ھاجەت بولغان ياكى بولمىغاندا دېگەن سۆزنى زىكىر قىلماستىن كۆزىنى يۇمۇۋېلىشنىڭ ياخشى كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ["تۆھپەتۇلمۇلۇك"1-توم 84-بەت].

كاسانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "نامازدا كۆزۈنى يۇمۇۋېلىش ياخشى ئەمەس، بۇ سۈننەتنىڭ خىلاپى ھېسابلىنىدۇ، نامازدا سەجدە قىلىدىغان ئورۇنغا قاراش يولغا قويۇلغان، چۈنكى ھەرقانداق بىر ئەزانىڭ ئىبادەتتىن نېسىۋىسى بولىدۇ، ئاشۇنىڭغا ئوخشاش كۆزنىڭمۇ نېسىۋىسى بار. ["بەدائىئ ئەسسەنائىئ"1-توم 503-بەت].

"ئەل مۇراقىي ئەلپەلاھ" دېگەن ئەسەرنىڭ ساھىبىمۇ: ھېچ بىر پايدىسىز، كۆزىنى يۇمۇۋېلىش ياخشى ئەمەس، ئەمما كۆزىنى ئېچىپ تۇرۇشتىن يۇمۇش ياخشى بولسا يۇمسا بولىدۇ،"دېگەن. ["مەراقىي ئەلپەلاھ"1-توم 343-بەت].

ئىمام ئىززىددىن ئابدۇسالام ئۆزىنىڭ پەتىۋاسىدا: ھاجەت بولغاندا يەنى كۆزىنى يۇمۇۋېلىش نامازدا خۇشۇنى زىيادە قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا كۆزىنى يۇمۇۋېلىش دۇرۇس دېگەن، ئىبنى قەييىم "زادۇل مىئاد"ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر ئىنسان نامازدا كۆزىنى ئېچىپ تۇرسا خۇشۇ كۆپ بولىدىكەن كۆزىنى ئېچىپ تۇرۇش ياخشى بولىدۇ، ئەگەر كۆزىنى يۇمۇپ تۇرسا نامازدىن مەشغۇل قىلىپ قويىدىغان مەسچىتنىڭ نەققاشلىقى ۋە زىننەتلىرى كۆرمەي، نامازنى بەك خۇشۇ بىلەن ئادا قىلىدىغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا كۆزىنى يۇمۇۋېلىش ھەرگىزمۇ ئۆچ كۆرۈلمەيدۇ بەلكى كۆزنى يۇمۇش ياخشى دېگەن سۆز كۆزنى يۇمۇش ياخشى ئەمەس دېگەن سۆزگە كۆرە شەرىئەتنىڭ مەقسىتى ۋە ئۇسۇلىغا يېقىندۇر. ["زادۇل مىئاد" ناملىق ئەسەر 1-توم 283-بەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد