سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

گەرچە ئېتىكاپ قىلمىسىمۇ مەسچىتتە ئۇزۇن ئولتۇرۇش ئەجىرگە ئېرىشىدىغان پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ تۈرىدىندۇر

سۇئال

ئېتىكاپ قىلىش پەقەت ئۈچ مەسچىتكە خاس بولىدۇ دېگەن قاراش توغرىمۇ؟ ئۇ كىشى شۇ ئارقىلىق قەدىر كېچىسىنى تېپىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ باشقا تەلەپلىرىمۇ بولۇپ، رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە مەسچىتتە ئۇزۇن تۇرۇشنىڭ ئۆزىنى ھەممە ئېھتىياجلىق بولغان، ھەممىگە قادىر، ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتىشنىڭ پۇرسىتى دەپ ئويلىغان، ئەمەلىيەتتە بۇ كىشى ناچار، سەرگەردان، زالىم ۋە بىكارچى ئىنسان بولۇپ، شەرەپلىك ئورۇن ۋە شەرەپلىك ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ سەمىمى دۇئاسىنىڭ ئىجاۋەت بولۇپ ھاياتىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئۆزى زالىم، بىكارچى كىشىنىڭ ئالدى بىلەن ئاللاھغا سەمىمى تەۋبە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قېلىشى تەلەپ قېلىنىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ھالى زۇلۇم ۋە ئاسىيلىقتىن ئادالەت ۋە ئىتائەتكە ئۆزگىرىدۇ.

ئىككىنچى: ئىلگىرىكى بىز 81134- ۋە 49006-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا ئىتىكاپنىڭ پەقەت بۇ ئۈچ مەسچىتكە خاس ئەمەسلىكىنى، بارلىق مەسچىتلەردە ئېتىكاپ قىلسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدۇق.

ئۈچىنچى: سىز سورىغان سوئالنىڭ جاۋابىغا كەلسەك: ئاشۇ ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلىش دۇرۇس بولمايدۇ دېگەن قاراشقا ئەگەشكەن كىشى ئۈچۈن رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە مەسچىتتە ئۇزۇن تۇرسا ھېچ نەرسە بولمايدۇ، گەرچە بۇ ئۇكىشىنىڭ قارىشىدا ئېتىكاپ ھېسابلانمىسىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ مەسچىتتە ناماز، زىكىر-دۇئا، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە يەنە بىر نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرىشىنىڭ ئۆزىمۇ ياخشى ئىشتۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشى مەسچىتتە ناماز ئوقۇسا ۋە ناماز ئوقۇغان جايدا ئولتۇرسا ھەمىشە پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا رەھمەت-مەغپىرەت تىلەپ: ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسىلا، ئۇنى مەغپىرەت قىلسىلا دەيدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازنى كۈتۈپ مەسچىتتە ئولتۇرسا ئۇ كىشى ناماز ئوقۇغانغا ئوخشاش بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 648-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى649-ھەدىس].

ئىمام بەيھەقى "شۇئەبۇل ئىمان" ناملىق ئەسىرىدە 2943 -نومۇرلۇق ھەدىستە، ئەمىر ئىبنى مەيمۇن ئەلئەۋدىينىڭ رىۋايىتىدە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بىزگە خەۋەر قىلىپ: زېمىندىكى مەسچىتلەر ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدۇر، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلغان كىشىنى ئەلۋەتتە ئىكرام قىلىدۇ». [بۇ ئەسەرنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 1169 – نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

يەنە مەسچىتتە ئۇزۇن ئولتۇرۇشنىڭ پايدىسى: ئۆزىنى مەشغۇل قىلىدىغان دۇنيا ئىشلىرىدىن بىكار بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە يۈزلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى