224032: ھېيت نامىزىنىڭ تەكبىرلىرى سانىدا ئىختىلاپ قىلىشقان كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇشنى رەت قىلىدىغان كىشىلەر توغرىسىدا

Brief

ھېيت نامىزىدا ئېيتىلىدىغان ئارتۇق تەكبىر ئالتىمۇ ياكى ئون ئىككىمۇ؟ چۈنكى بۇ مەسىلە توغرىسىدا بىزنىڭ ھەنەپى مەزھەپ قارىشىدىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن سەلەپى قاراشتىكى قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا چوڭ ئىختىلاپ بار، سەلەپىي قاراشتىكىلەر: بىز ھەنەپى مەزھەپ قارىشىدىكىلەرگە ئەگىشىپ ھېيت نامىزى ئوقۇمايمىز، ئەگەر ئۇلار نامازدا 12 تەكبىرنى تولۇق ئېيتسا ئاندىن ئوقۇيمىز دەيدۇ، ئەمما ھەنەفىيلەر ئۇنداق قىلمايدۇ، شۈنىڭ ئۈچۈن ھېيت نامىزى بىر ئورۇندا ئوخشىمايدىغان ۋاقىتتا ئىككى قېتىم ئادا قىلىنىدۇ، شەرىئەتتە بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلغۇدەك بىر يول تېپىلماسمۇ؟ يەنى بىر قېتىملىق ھېيت نامىزىنى ھەنەپىي مەزھىبى قارىشى بويىچە، يەنە بىر قېتىملىق ھېيت نامىزىنى سەلەپىي مەزھەب قارىشى بويىچە ئوقۇساق بولماسمۇ؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

Published Date: 2017-06-25

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: بۇ ئىلگىرى ساھابىلار، تابىئىنلار ۋە مەزھەپ ئىماملىرى ئۆز-ئارا ئىختىلاپ قىلىشقان ئىجتىھادىي مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ مەسىلىدە ئۇلار ئون خىلدىن ئارتۇق  قاراشنى بايان قىلغان.

    پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى13-توم 209-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: مالىكى ۋە ھەنبەلىي ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: ھېيت نامىزىدا بىرىنچى رەكئەتتە ئالتە تەكبىر، ئىككىنچى رەكئەتتە بەش تەكبىر  ئېيتىلىدۇ، بۇ قاراش مەدىنە مۇنەۋۋەرىدىكى يەتتە پىقھى ئالىمى ۋە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز، زۆھرى ۋە مۇزەنىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

    بۇنىڭدىن شۇ ئاشكارا بولدىكى، ئۇلار ناماز باشلاش تەكبىرىنى بىرىنچى رەكئەتتىكى ئارتۇق تەكبىرگە قېتىپ يەتتە دەپ سانىغان، شۇنىڭدەك سەجدىدىن كېيىن ئىككىنچى رەگەتكە تۇرىدىغان تەكبىرنىمۇ ئىككىنچى رەكئەتتە ئېيتىلىدىغان بەش تەكبىرگە قېتىپ ھېسابلىغان.

     ھەنەپىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى ۋە ئىمام ئەھمەدتىن بولغان بىر رىۋايەتتە: ھېيت نامىزىدا ئارتۇق تەكبىردىن ئالتە تەكبىر ئېيتىلىدۇ، بىرىنچى رەكئەتتە ئۈچ تەكبىر،  ئىككىنچى رەكئەتتە ئۈچ تەكبىر ئېيتىلىدۇ. بۇ ئىبنى مەسئۇد، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي، ھۇزەيپە ئەليەمانىي، ئۇقبە ئىبنى ئامىر، ئىبنى زۇبەير، ئەبۇ مەسئۇد ئەلبەدرى، ھەسەن ئەلبەسرىي، مۇھەممەد ئىبنى سىيرىن، سۇپيان ئەسسەۋرىي ۋە كۇپە ئالىملىرىنىڭ قارىشى شۇنداقلا بۇ قاراش ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان.

    ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ھېيت نامىزىدا ئېيتىلىدىغان ئارتۇق تەكبىر بىرىنچى رەكئەتتە يەتتە، ئىككىنچى رەكئەتتە بەش قېتىم ئېيتىلىدۇ.

ئىمام ئەينىي رەھىمەھۇللاھ ھېيت نامىزىدا ئېيتىلىدىغان ئارتۇق تەكبىر توغرىسىدا ئون توققۇز خىل قاراشنى زىكىر قىلغان.

    ئىمام شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىسلام ئالىملىرى ئىككى رەكەت ھېيت نامىزىدا ئېيتىلىدىغان، تەكبىرلەرنىڭ سانى ۋە ئورنى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشىپ ئون خىل قاراشنى بايان قىلدى، ئۇ قاراشلارنىڭ بىرىنچىسى: بىرىنچى رەكئەتتە قىرائەتتىن بۇرۇن يەتتە تەكبىر ئېيتىلىدۇ، ئىككىنچى رەكئەتتە قىرائەتتىن ئىلگىرى بەش تەكبىر ئېيتىلىدۇ  دېيىلگەن.

    ئىمام ئىراقىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قاراش ساھابىلار، تابىئىنلار ۋە كۆپچىلىك مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ قارىشىدۇر. 

     ئىككىنچىسى: نامازنى باشلاش تەكبىرى بىرىنچى رەكئەتتىكى يەتتە تەكبىرنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئىمام مالىك، ئىمام ئەھمەد ۋە مۇزەنىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

    ئۈچىنچى: بىرىنچى رەكئەتتە يەتتە ۋە ئىككىنچى رەكئەتتە يەتتە تەكبىر ئېيتىلىدۇ، بۇ ئەنەس ئىبنى مالىك، مۇغىرەتە بىن شۆئبە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، سەئىد ئىبنى مۇسەييىب، ئىبراھىم نەخەئىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

تۆتىنچى: بىرىنچى رەكئەتتە ناماز باشلاش تەكبىرىدىن كېيىن قىرائەت قىلىشتىن ئىلگىرى ئۈچ تەكبىر ئېيتىدۇ، ئىككىنچى رەكئەتتە قىرائەتتىن كېيىن ئۈچ تەكبىر ئېيتىدۇ، بۇ ئىبنى مەسئۇد، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى ۋە ئىبنى مەسئۇد ئەنسارى قاتارلىق ساھابىلاردىن رىۋايەت قىلىنغان، سۇپيان سۆۋرى، ئەبۇ ھەنىپە قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ["نەيلۇل ئەۋتار ناملىق ئەسەر 3-توم 355-بەت"].

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت نامىزىدا بىرىنچى رەكئەتتە يەتتە تەكبىر، ئىككىنچى رەكئەتتە بەش تەكبىر ئېيتاتتى.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1149-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن]. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

    ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيت نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئەتتە يەتتە تەكبىر، ئىككىنچى رەكئەتتە بەش تەكبىر ئېيتاتتى.» بۇ ھەدىس بىر قانچە يوللار بىلەن بايان قىلىنغان. ئەمما ساھابىلار (ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ھېيت نامىزىدا ئېيتىلىدىغان تەكبىرنىڭ سانى توغرىسىدا چوڭ ئىختىلاپ قىلىشقان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن كېيىنكى تابىئىنلارمۇ شۇنداق ئىختىلاپ قىلىشقان". ["ئەتتەمھىيد" ناملىق ئەسەر 16-توم 37-39-بەتكە قارالسۇن].

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشمەك ئۈچۈن، 36491- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئىككىنچى: بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپ يوللۇق ئىختىلاپ بولۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئىنكار قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇلارمۇ ساھابىلاردىن، مۇجتەھىد ئالىملاردىن بولغان ئەھلى-سۈننەت ئالىملىرىنىڭ قارىشىنى تۇتقان تۇرسا قانداق ئىنكار قىلىنىدۇ؟. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ھېيت نامىزىدىكى ئارتۇق تەكبىرلەر توغرىسىدا ساھابىلاردىن بايان قىلىغان ھەرقانداق ئەسەرنى تۇتسا دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى كۈچلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ھېيت نامىزىدىكى تەكبىرلەر توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىش دۇرۇس بولىدۇ". ["ئەلفۇرۇئ"ناملىق ئەسەر 3-توم 201-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ ھېيت نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئەتتە يەتتە تەكبىر، ئىككىنچى رەكئەتتە بەش تەكبىر ئېيتىلىدۇ دېگەن قاراشنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: لېكىن بۇنىڭ ئەكسىچە ساھابىلاردىن بايان قىلىنغان بويىچە، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتە بەشتىن تەكبىر ئېيتسىمۇ بولىدۇ، ياكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتە يەتتىدىن تەكبىر ئېيتسىمۇ بولىدۇ. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ھېيت نامىزىدىكى تەكبىرلەر توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىش دۇرۇس بولىدۇ. يەنى ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىدا بۇ مەسىلىدە كەڭرىچىلىك بار بولۇپ، مۇسۇلمان كىشى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قاراشلاردىن باشقا يەنە ساھابىلاردىن نەقىل قىلىنغان ئەسەرلەر بويىچە ئەمەل قىلسا توغرا بولىدۇ. بۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىدا: سەلەپ ئالىملىرى بىر مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشقان بولۇپ، بۇ مەسىلىنى كەسكىن ئايرىيدىغان دەلىل بولمىسا، ئۇلارنىڭ قارىشىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىنىدۇ، چۈنكى ساھابىلەرنىڭ سۆزىگە ھۆرمەت قىلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سۆزى باشقىلارنىڭ سۆزىدىن ئۈستۈن بولىدۇ.

    ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: تۈرلۈك قاراشلارنىڭ بىرىنى چەكلەيدىغان ئوچۇق دەلىل بولمىسا، بۇ مەسىلىدە كەڭرىچىلىك بولىدۇ.

    ھەقىقەتەن ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ تۇتقان يولى ئۈممەتنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان، ئۇلارنىڭ سۆزىنى بىرلەشتۈرىدىغان يولدۇر، چۈنكى بەزى كىشىلەر كۆز-قاراش ئوخشاش بولمىغان ئېجتىھادتىكى ئىختىلاپى مەسىلىلەرنى ئۈممەتنى بۆلۈۋىتىدىغان ۋە ئىتتىپاقسىزلىققا سەۋەپ قىلىدۇ. ھەتتا ئۆزى خاتا قاراشتا بولغان ئىشنىڭ سەۋەبىدىن ئۆز قېرىندىشىنىڭمۇ ئېزىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.

    بۇ ئىش مۇشۇ ئەسىردە كەڭ تارقالغان بالا-مۇسىبەت بولۇپ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئويغىنىشىدىن ياخشى نەتىجىلەرنى كۈتىمىز، بۇ ئويغىنىشنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرىمۇ بولۇپ، بەزى ئىختىلاپى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن گۇرۇھۋازلىق، بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىدۇ، كەسكىن دەلىل بولمىغان ئىجتىھادى مەسىلىلەردە قېرىندىشى بىلەن كۆز قارىشى ئوخشاش چىقمىسا، قېرىندىشىدىن يىراقلىشىدۇ، ئازار قىلىدۇ، ئەيىبلەيدۇ، بۇ چوڭ مۇسىبەت بولۇپ، دىن دۈشمەنلىرى بۇنىڭدىن خۇرسەن بولىدۇ. ئوچۇق دەلىل بولمىغان ئىجتىھادى مەسىلىلەردە ئۆز قېرىندىشىنىڭ پىكرىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. قېرىنداشلار ئارىسىدا تىنچ-پايدىلىق بولغان مۇنازىرە ئىلىپ بېرىلسا بۇنىڭ زېيىنى بولمايدۇ.

    ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھنىڭ: سەلەپ ئالىملىرى بىر مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشقان بولسا، بۇ مەسىلىنى كەسكىن ئايرىيدىغان دەلىل بولمىسا، ئۇلارنىڭ قارىشىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىنىدۇ، دېگەن توغرا قارىشىغا ئاللاھ تائالا ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن. ["ئەششەرھۇل مۇمتىئ 5-توم 135-138-بەت].

    يۇقىرىقى دەلىللەرگە كۆرە، گەرچە ھېيت نامىزىنىڭ بىرىنچى رەكئەتتە يەتتە تەكبىر، ئىككىنچى رەكئەتتە بەش تەكبىر ئېيتىش ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن باشقا ساھابىلاردىن بايان قىلىنغان ئەسەرلەر بويىچە ئەمەل قىلسىمۇ بولىدۇ.

    ئۈچىنچى: زۆرۈر بولغىنى، قەلىبلەرنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئۈممەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىش كېرەك، بۇ دىننىڭ ئەسلى ۋە ئاساسىدۇر. تەرك ئېتىلسە گۇناھ بولمايدىغان سۈننەت-مۇستەھەپ مەسىلىلەر سەۋەبىدىن دىننىڭ ئاساسىنى بۇزۇش، ئۈممەتنى پارچىلاش توغرا بولمايدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن كۆز قاراشلارنىڭ كۈچلۈك ۋە سۈننەتكە يېقىن بولغانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن تېنچ سۆھبەتلىشىش، بۇ ھەقتە ئىزدىنىش ۋە مۇنازىرە قىلىش چەكلەنمەيدۇ. ئەمما مەسىلىدە بىرلىككە كىلەلمىگەندە، ھەر بىر تەرەپ ئۆز قارىشىنى توغرا، سۈننەتكە يېقىن دەپ قارىسا، ئۇ ۋاقىتتا، ساھابىلاردىن، تابىئىنلاردىن ۋە مەزھەپ ئىماملىرىدىن ئەڭ دەسلەپتە بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانلارغا ئەگىشىش كېرەك. بىر شەھەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار بىر نامازنى بىر ئىمامغا ئەگىشىپ بىرلىكتە ئوقۇشى، بۆلۈنۈپ كەتمەسلىكى لازىم، بۆلۈنۈپ كېتىش شەيتاندىن بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك دىن دۈشمەنلىرى خۇرسەن بولىدۇ.

   12585 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغاندەك، ئىمام نامازدا بىر ھەرىكەتنى قىلسا، بۇ ئىش ئىمامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ قارىشىدا يولغا قۇيۇلمىغان ئىش دەپ قارالغان بولسىمۇ، بۇ ئىجتىھادى مەسىلىلەردىن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىمامغا ئەگىشىشى زۆرۈر بولىدۇ.

    مەسىلەن: تەكبىر مەسىلىسىدە ئىختىلاپ قىلىشقانلار، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ياكى ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى ياكى ئەبى مەسئۇد ئەنسارىي قاتارلىق ساھابىلەرنىڭ بىرىگە ئەگىشىپ ناماز ئوقۇدى دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق، بىرىنچى رەكئەتتە ئۈچ تەكبىر ۋە ئىككىنچى رەكئەتتە ئۈچ تەكبىر ئېيتىپ ناماز ئوقۇپ بەرسە ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار قانداق قىلار؟!... ئۇلار ئۈممەتنىڭ ئالىملىرى، قەلبى ساغلام، ئىلمى كۆپ بولغان بۇ ساھابىلارغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇشنى تەرك قىلارمۇ؟!.

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ھېيت نامىزىدىكى ئارتۇق تەكبىرلەر توغرسىدىكى ئىختىلاپ سەۋەبىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش، نامازنى قايتا ئوقۇش توغرا بولمايدۇ. ھېيت نامىزىنى ھەر بىر جامائەت-گۇرۇھ ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئوقۇش بولسا دىندا ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەت ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىك سېپىنى پارچىلاشتۇر، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولغان كىشى ئۈممەتنى بۆلىدىغان بۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ.

    بىر قېتىم سەلەپى قاراش بويىچە يەنە بىر قېتىم ھەنەپىي قاراش بويىچە ھېيت نامىزى ئوقۇيمىز دېگەن سۆز توغرا ئەمەس. ھەممەيلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىدىن ئىبارەت بىر يول بىلەن ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان، بۇ يول بولسا ئىمام ئەبۇ ھەنىپە، ئىمام مالىك، ئىمام شافىئى ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئىسلام ئالىملىرىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولىدۇر. ساھابىلار ۋە باشقا ئىماملارنىڭ قىلىشقان ئىختىلاپلىرى يوللۇق ئىختىلاپ بولۇپ، بۇ ئىختىلاپ ئۈچۈن كۆڭلى-كۆكسىمىزنى كەڭرى تۇتىشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا بارلىق مۇسۇلمانلارنى ھەق يولدا مۇستەھكەم قىلسۇن. ئۇلارنىڭ قەلبىنى ھەقىقەتكە بىرلەشتۈرسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى
Create Comments