چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەنەفىي مەزھىپىدىكى پېشقەدەم ئالىملارنىڭ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھغا بولغان قارىشى توغرىسىدا

225392

تارقاتقان ۋاقىت : 05-04-2015

كۆرگۈچىلەر : 3920

سۇئال

ھەنەفىي مەزھىپىدىكى پېشقەدەم ئالىملارنىڭ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھغا بولغان قارىشى قانداق؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ھەنەفىي مەزھەپ ئۆلىمالىرى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچى تۈرىدىكىلەر: ماتۇرىدىيە ياكى سوپىئىزىمچىلىق قارىشى كۈچلۈك بولغانلار بولۇپ، ئۇلار ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھغا نىسبەتەن دۈشمەنلىك پوزىتسىيسىدە بولىدۇ. پىقھىشۇناس ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۇلارنىڭ ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ توغرىسىدىكى سۆز-چۆچەكلىرىنىڭ ھېچ ئېتىبارى يوق كىشىلەردۇر. دىنى ئالىملار ئارىسىدا ئىجرا بولىۋاتقان قائىدە: دىنى ئالىملار بەزى ئۆلىمالارنىڭ بەزىسى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى پەقەت دەلىل بىلەن سۆزلىگەندە ئاندىن قوبۇل قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مەسىلىدىكى توغرا قاراش، ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن، ئادىل، ئىشەنچىلىك، ئىلىمگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئالىملار توغرىسىدا باشقىلار ئەيىبلەپ سۆز قىلسا، ئەيىبلەشكە لايىق بولغان دەلىللەرنى كەلتۈرسە، گۇۋاھ-شاھىتلىرى بولسا، ئەيىبلىگۈچى ھەسەت، ئاداۋەت، بەسلىشىش قاتارلىق ئىشلاردىن سالامەت بولسا، سۆزىنىڭ راستلىقىغا قاراپ چىقىلغاندىن كىيىن، پىقھى تەرەپتىن ئىسپاتلانسا ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنىدۇ". [ئىلىمنىڭ بايانى ۋە پەزىلىتى 2-توم 1093-1094-بەتلەر].

بىرىنچى تۈركۈمدىكى ھەنەفىي ئۆلىمالىرىنىڭ ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھغا قىلغان تەنە-تەنقىتلىرىنىڭ ھېچ دەلىل-ئىسپاتى يوق، پەقەت ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى پىكىر ئوخشاشماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. پىكىر-قاراشلار ئارىسىدا ئىختىلاپ، تالاش-تارتىش يۈز بەرگەندە، ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلارنىڭ سۆزى شەرىئەت پرىنسىپىغا توغرىلىنىدۇ، كىمنىڭ سۆزى ھەق بولسا شۇنىڭ سۆزى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا أَطِيعُوا اللَّـهَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ وَأُولِي الْأَمْرِ مِنكُمْ ۖ فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّـهِ وَالرَّسُولِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّـهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ ۚ ذَٰلِكَ خَيْرٌ وَأَحْسَنُ تَأْوِيلًا﴾ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر. [سۈرە نىسا 59-ئايەت].

ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ ﴿فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ﴾ تەرجىمىسى: ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار دېگەن سۆزى يەنى سىلەر دىنى ئىشلاردىن بىرەر ئىشتا ئۆز-ئارا جىدەللەشسەڭلار، ئىختىلاپ قىلىشساڭلار، بۇ ئىشنىڭ ھۆكمىنى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات بولسا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ۋاپات بولغاندىن كېيىن بولسا سۈننەتلىرىگە مۇراجىئەت قىلىڭلار دېگەن بولىدۇ. مۇجاھىد، ئەئمەش ۋە قەتادە قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىمۇ شۇنداق، بۇ توغرا قاراش بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇلمىغان كىشىنىڭ ئىمانىدا مەسىلە بار. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئايەتتە: ﴿إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّـهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ﴾ تەرجىمىسى: ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار، دېگەن. [جامىئ لى ئەھكامىل قۇرئان 6-توم 433-بەت].

ئىككىنچى تۈردىكى ھەنەفىي ئۆلىمالىرى، ئۇلار ئىلىملىك ۋە ئىنساپلىق ئالىملار بولۇپ، گەرچە ئۇلار بىلەن ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئارىسىدا ئىختىلاپ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ئارتۇقچىلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يېتۈك ئالىم ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

بىز تۆۋەندە ئىنساپلىق ئالىملارنىڭ ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ ئىلمى ۋە پەزىلىتىنى ئېتىراپ قىلغان مەدھىيە-ماختاشلىرىغا نەزەر سالايلى:

1- شەمسىدىن ئىبنى ھەرىيرى ھەنەفىي رەھىمەھۇللاھ (ئۇ كىشى ھىجىرىيە 728-يىلى ئىبنى تەيمىيە بىلەن بىر يىلدا ۋاپات بولغان). ئىمام ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ بۇ كىشى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "قازىلارنىڭ باشلىقى شەمسىدىن ئىبنى ھەرىيرى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى سەپىيىددىن ئەبى ئەمىر ئوسمان ئىبنى ئەبىل ھەسەن ئىبنى ئەبدۇل ۋەھھاب ئەلئەنسارى ھەنەفىي، ھىجىرىيە 653-يىلى تۇغۇلغان، ھەدىس ئاڭلاش، ئۈگۈنۈش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان، ھەنەفىي مەزھىپىدىكى مەشھۇر پىقھى كىتاب "ھىدايە"نى ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئۈگەنگەن. ئۇ پىقھى مەسىلىلەرنى بەك ياخشى چۈشىنىدىغان كىشى بولۇپ، دەمەشقنىڭ كۆپ جايلىرىدا دەرس ئۆگەتكەن، ئاندىن دەمەشققە قازى بولغان، كىيىن مىسىرغا قازى بولۇپ، مىسىردا ئۇزۇن مۇددەت قازىلىق قىلغان، بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى ساقلىغان، ھېچ بىر كىشىدىن سوۋغات قوبۇل قىلمىغان، ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلىپ مالامەت قىلغۇچىلارغا پەرۋا قىلمىغان.

ئۇ كىشى مۇنداق دەيتتى: ئىبنى تەيمىيە شەيخۇل ئىسسلام بولمىسا كىم بولىدۇ؟، ئۇ ئۆزىنىڭ بەزى سۆھبەتداشلىرىغا: شەيخ تەقىيىددىن ئىبنى تەيمىيىنى ياخشى كۆرەمسىلەر؟ دېگەندە، ئۇلار: ھەئە دېدى. ئۇ كىشى: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەندەك باشقا بىر نەرسىنى ياخشى كۆرمىدىم، دەيدۇ. ئۇ كىشى ھىجىرىيە 728-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋاپات بولغان ۋە جەسىتى قۇراپە دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغان. ["ئەلبىدايە ۋەننىھايە"دارۇل ھىجرە باسمىسى18-توم 306-307-بەتلەر].

2-بەدىرىددىن ئەينى رەھىمەھۇللاھ، ئۇ كىشى بولسا ھەنەفىي مەزھىپىدىكى مەشھۇر ئالىملارنىڭ بىرى، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ: "ئەلبىنايەتۇ شەرھۇل ھىدايە" ۋە " سەھىھ بۇخارىينىڭ شەرھىسى بولغان "ئۇمدەتۇل قارى" ناملىق كىتابلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان.

ئىمام ئەينى رەھىمەھۇللاھنىڭ ئىبنى تەيمىيىگە بولغان ماختاش-ئالقىشلىرىنى ئۈچ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:

بىرىنچىسى: بەدىرىددىن ئەينى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ "ئۇقەدۇل جىمان فى تارىخى ئەھلى زامان" ناملىق ئەسىرىدە، ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنغاندا، ئۇنىڭ ئىلىم-مەرىپەت، ئېسىل-پەزىلەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغان سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىگەن، ئىمام ئەينى رەھىمەھۇللاھ ھىجىرىيە 667-يىلىدىكى ۋەقەلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ھەران ئەھلى ھەراندىن چىقىپ شامغا كەلدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر ئالىم تەقىيىددىن ئىبنى تەيمىيە دادىسى بىلەن بىرگە كەلگەن ئېدى، ئۇ ۋاقىتتا ئىبنى تەيمىيە ئاران ئالتە ياشتا ئېدى، ئۇنىڭ ئۆزىدىن كىچىك قېرىنداشلىرىدىن زەينىدىن ئابدۇرەھمان ۋە شەرپىدىن ئابدۇللامۇ بار ئېدى". [ئۇقەدۇل جىماندىن: مەمالىك ھۆكۈمرانلىرىنىڭ دەۋرى 2/51].

ئىمام ئەينى رەھىمەھۇللاھ ھىجىرىيە 683-يىلىدىكى ۋەقەلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "شەيخۇل ئىسلام ئۇستاز تەقىيىددىن ئەبۇل ئابباس ئىبنى تەيمىيە قەسائىين دېگەن جايدىكى سۇكرىييە دارۇل ھەدىس مەدرىسىسىدە دەرس بەرگەن. بۇ ھىجىرىيە 683-يىلى 1-ئاينىڭ 8- كۈنى دۈشەنبە ئېدى. ئۇنىڭ دەرىسىگە شافىئى مەزھىپىدىكى قازىلارنىڭ باشلىقى شەيخ باھائىددىن ئىبنى زەكىي، شافىئى مەزھەپ پېشىۋالىرىدىن شەيخ تاجىدىن پەزارىي، شەيخ زەينىدىن ئىبنى مەرھەل، ھەنبەلى مەزھىپىدىكى شەيخ زەينىدىن ئىبنى مۇنجى قاتارلىق ئالىملار ھازىر بولغان. بۇ كۈنى ئالاھىدە دەرس بولغان. شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى جۈمە كۈنىدە تەقىيىددىن ئىبنى تەيمىيە نامازدىن كېيىن ئۆزى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى تەپسىر قىلىشقا تەييارلانغان مۇنبەرگە چىقىپ قۇرئان كەرىمنىڭ ئەۋۋىلىدىن تەپسىر دەرسىنى باشلىغان، ئۇنىڭ دەرسىگە نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر بولغان، بۇ دەرس مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئىككى يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان." [ئۇقەدۇل جىماندىن: مەمالىك ھۆكۈمرانلىرىنىڭ دەۋرى 2-توم 330-331-بەتلەر].

ئىمام ئەينى رەھىمەھۇللاھ ھىجىرىيە 694-يىلى ۋاپات بولغانلارنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "شەيخ، ئىمام، ئۇستاز، مەدرىسىنىڭ نۇتۇقچىسى، مۇپتى، قازى، شەرىپىددىن ئەھمەد ئىبنى شەيخ جامالىدىن ئەھمەد ئىبنى نېمەت ئىبنى ئەھمەد ئىبنى جەپەر ئىبنى ھۈسەيىن ئىبنى ھەماد ئەلمەقدەسى شافىئىي، بۇ كىشى ھىجىرىيە 622-يىلى تۇغۇلۇپ، 694-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاپات بولغان بولۇپ بابى كىيسان قەبرىستانلىقىدا دادىسى بىلەن قېرىندىشىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. ئۇ كىشى كۆپ ئالىملاردىن دەرس ئاڭلىغان، ئېسىل، ياخشى كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان، غەزالىيە ۋە دارۇل ھەدىس نۇرىيەدە ئوقۇتقۇچى بولغان، شامدىكى بەرانىيە مەكتىۋىدىمۇ دەرس بەرگەن، نۇرغۇن ئالىملارنىڭ پەتىۋا بېرىشىگە رۇخسەت قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە، شەيخ ئەبۇل ئابباس ئىبنى تەيمىيەمۇ پەتىۋا بېرىشىگە رۇخسەت قىلىنغان. ئۇ كىشى ئىبنى تەيمىيە بىلەن پەخىرلىنىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى تەيمىيەنىڭ پەتىۋا بېرىشىگە ئىجازەت قىلدىم". [ئۇقەدۇل جىماندىن: مەمالىك ھۆكۈمرانلىرىنىڭ دەۋرى 3-توم 185-بەت].

ئىمام ئەينى رەھىمەھۇللاھ ھىجىرىيە 699-يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "يۇرتنىڭ چوڭلىرى ۋە شەيخ تەقىيىددىن ئىبنى تەيمىيە بىرلىكتە موڭغۇللارنىڭ شامغا ئەسكەر باشلاپ كەلگەن قوماندانى قازاننىڭ ئالدىغا بېرىپ شام خەلقى ئۈچۈن ئەمىنلىك تىلىمەكچى بولىدۇ، ئۇلار 699-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى دۈشەنبە كۈنلۈكتە نەبەك دېگەن جايدا موڭغۇللارنىڭ قوماندانى بىلەن كۆرىشىدۇ، شەيخ ئىبنى تەيمىيە بۇ ئۇچرىشىشتا مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەتىنى قوغداپ ناھايىتى جانلىق سۆزلەيدۇ، بۇنىڭ مۇسۇلمانلارغا ناھايىتى كۆپ پايدىسى بولىدۇ". [ئۇقەدۇل جىماندىن: مەمالىك ھۆكۈمرانلىرىنىڭ دەۋرى 4-توم29-30-بەت].

ئىككىنچى: ئىمام ئەينىنىڭ شەيخ ئىبنى تەيمىيەنى مەدھىيەلىشى. ئىبنى ناسىرىددىن دەمەشقى رەھىمەھۇللاھ ئىبنى تەيمىيەگە تەنە قىلغانلارغا رەت قايتۇرۇپ: "شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنى كاپىر دەپ گۇمان قىلغانلارغا تولۇق رەددىيە" دېگەن ئەسەرنى يازىدۇ. ئىمام بەدرىددىن ئەينى رەھىمەھۇللاھ بۇ كىتابتا ئۇنى ماختاپ مۇنداق دەيدۇ: "ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، شەيخۇل ئىسلام ئىمام، يېتەكچى ئۇستاز تەقىيىددىن ئىبنى تەيمىيە ئەخلاق-پەزىلەتلىك، ئىلىم-مەرىپەتلىك يېتۈك ئالىمدۇر. بۇ كىشى دىننى ساپلاشتۇرۇش، مۇلھىد، زىندىقلارغا رەت قايتۇرۇش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا نىسبەت بېرىپ رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ راستلىرى بىلەن توقۇلمىلىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش، ساھابىلار ۋە تابىئىنلاردىن كەلگەن ئەسەرلەرنىڭ توغرىسىنى ئايرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ كىتابلىرى ھەممە تەرەپكە كەڭ تارالدى، يازغان كىتابلىرىدا ئازغۇنلۇق ياكى ئۈممەتنى بۆلۈنۈشكە ئىلىپ بارىدىغان بىر نەرسە يوق، ئۇنىڭغا تەنە قىلىنغان زىيارەت ۋە تالاق مەسىلىلىرى بولسا، مەزھەپ ئالىملىرى ئارىسىدىكى ئىجتىھادى مەسىلە بولۇپ، ئىجتىھاد قىلغۇچى ھەر ئىككىلا ھالەتتە ئەجىر-ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىجتىھاد قىلغۇچىغا مالامەت، تاپا-تەنە قىلىنمايدۇ. ئەمما ئۇلار ئۆچمەنلىك ۋە ھەسەت قىلغانلىقتىن شۇنداق قىلىدۇ. ئىبنى تەيمىيە بولسا ھەدىس ئىلىمى، تەپسىر، پىقھى ۋە ئۇسۇل پىقھى قاتارلىق پەنلەرنى بېكىتىش ۋە ساپلاشتۇرۇشتا تەڭدىشى يوق يېتىشكەن تەقۋادار، پەزىلەتلىك بىر ئالىم. ئۇ بىدئەتچىلەرگە قارشى سۇغۇرۇلغان قىلىچ، دىن ئىشلىرىنى مۇداپىئە قىلغۇچى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلىگۈچى، ھىممەتلىك، ئىرادىلىك، قورقماس، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىدىغان، نەپلە ناماز-روزا قاتارلىق ئىبادەت ۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى ئۆزىگە لازىم تۇتقان بىر ئالىمدۇر." [ئەررەددۇل ۋافىر 261-262-بەتلەر].

ئۈچىنچى: ئىمام بەدىرىددىن ئەينى ئۆزىنىڭ "ئەلبىنايەتۇ شەرھۇل ھىدايە" شۇنداقلا بۇخارىنىڭ شەرھىسى "ئۇمدەتۇل قارى" ناملىق ئەسەرلىرىدە ئىبنى تەيمىيەدىن نەقىل قىلىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن، مانا بۇ ئىمام ئەينىنىڭ ئىبنى تەيمىنىڭ ئىلىم-مەرىپەتتىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

3- موللا ئەلى قارى رەھىمەھۇللاھ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبنى قەييىمنى مۇداپىئە قىلىپ، ئۇلارغا قارىتىلغان تۆھمەتلەرگە رەددىيە بىرىپ مۇنداق دەيدۇ: "مەدارىج سالىكىين" ناملىق ئەسەرنىڭ شەرھىسى بولغان" مەنازىل سائىرىين" دېگەن كىتابنى ئوقۇغان كىشى ئۈچۈن ئىبنى تەيمىيە ۋە ئىبنى قەييىم ئىككەيلەننىڭ ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئالىملىرىنىڭ كاتتىلىرى ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھەقىقى ئەۋلىيالىرى ئىكەنلىكى ئوچۇق ئاشكارا بولىدۇ". [مۇشكاتۇل مەسابىھنىڭ شەرھىسى مىرقاتۇل مەپاتىھ 8-توم148-بەت. جەمئۇل ۋاسائىل فى شەرھى شەمائىل1-توم168-بەت].

4- "تاجۇل ئەرۇس مىن جەۋاھىرىل قامۇس" ۋە "ئۇقۇدۇل جەۋاھىرۇل مەنىيپە فى ئەدىللەتى مەزھەپ ئىمام ئەبۇ ھەنىيپە" ناملىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى مۇرتەزا زۇبەيدى ئەلھەنەفىي رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنى بىر قانچە ئورۇندا "بۈيۈك ئالىم ۋە ئىسلام پېشۋاسى" دەپ سۈپەتلەپ مۇنداق يازىدۇ: بۈيۈك ئالىم ئەبۇل ئابباس ئەھمەد ئىبنى ئابدۇل ھەلىم ئەلھەنبەلى ئىبنى تەيمىيە نامى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر ھەدىسشۇناس ئالىمىدۇر." [تاجۇل ئەرۇس 31-توم351-بەت].

5- بۈيۈك ئالىم ئىبنى ئابىدىن رەھىمەھۇللاھ، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ مەشھۇر "رەددۇل مۇھتار ئەلا دۇررەل مۇختار" ناملىق ئەسىرىدە، ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنى بىر قانچە ئورۇندا "ئىسلام پېشۋاسى ۋە ھاپىز" دەپ سۈپەتلەپ: "مەن شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ "سارىمۇل مەسلۇل" ناملىق كىتابىدا مۇنداق كۆردۈم" دەيدۇ. [رەددۇل مۇھتار ئەلا دۇررەل مۇختار 6-توم345-بەت]. كىيىن ئىبنى ئابىدىن رەھىمەھۇللاھ ئىبنى تەيمىيەنىڭ ھەنەفىي مەزھىپىگە نىسبەت بېرىلگەن سۆزىنى نەقىل قىلىپ، ئۇ سۆزگە ئىلاۋە يېزىپ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ مەزھىبىمىزدىكىلەردىن بۇ سۆزنى ئوچۇق سۆزلىگەنلەرنى كۆرمىدىم، لېكىن ئىبنى تەيمىيە ئۇ سۆزنى بىزنىڭ مەزھىبىمىزدىن نەقىل قىلغان، ئىبنى تەيمىيە ئىشەنچىلىك، سۆزى قوبۇل قىلىنىدىغان كىشىدۇر." [رەددۇل مۇھتار ئەلا دۇررەل مۇختار 6-توم 346-بەت].

مانا بۇ ھەنەفىي مەزھىپىدىكى بۈيۈك ئالىم ئىبنى ئابىدىننىڭ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ ئىلىمى قابىلىيىتى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، ھەنەفىي قارىشىنى بېكىتكەن مەسىلىدە ئۇنىڭ سۆزىگە تايانغانلىقى ۋە ئۇنى ئىشەنچىلىك، سۆزى قوبۇل قىلىنىدىغان ئالىم دەپ سۈپەتلىگەنلىكى يىتەرلىكتۇر. بىز بۇ مەسىلىدە يۇقىرقى قۇرلارنى يىتەرلىك دەپ قارايمىز. كىمكى بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدەنسە، تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارنى ھاسىل قىلىدۇ.

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى