شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلىش توغرىسىدا

سۇئال

بۇ يىل ھەج قىلمىساممۇ ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلىش توغرا بولامدۇ؟. مىسالغا ئالساق: ھەجدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مەككىگە كېلىپ ئۆمرە قىلىپ، ھەج قىلماستىن قايتىپ كەتسەم توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

كىمكى ئۆمرىدىن كېيىن ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىدا ئىختىلاپ يوق

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تۆت قېتىم ئۆمرە قىلغان، ھەممىسىنى زۇلقەئدە ئېيىدا (ھىجىرىيە 11-ئايدا) قىلغان. شەۋۋال، زۇلقەئدە ۋە زۇلھەججە قاتارلىق ئايلار ھەج ئايلىرى ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەقەت ئاخىرقى قېتىم ئۆمرە قىلغان يىلى ھەج قىلغان يەنى باشقا ئۆمرە پائالىيەتلىرىدىن كىيىن ھەج قىلمىغان.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىدا تۆت قېتىم ئۆمرە قىلغان، ئاخىرقى ھەج بىلەن قىلغان ئۆمرىدىن باشقىسىنى زۇلقەئدە ئېيىدا قىلغان. ھۈدەيبىيە كېلىشىمىدىن كىيىنكى ئۆمرە، ئۇنىڭدىن كىيىنكى يىلى قىلغان ئۆمرە، ھۈنەيىن غازىتىدىن كىيىن غەنىمەتلەرنى تەقسىم قىلىپ بولۇپ، جەئرانىدىن قىلغان ئۆمرە، ھەج بىلەن بىرگە قىلغان ئۆمرە قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 4148-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1253-ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇسلىمنىڭ شەرھىيسىدە مۇنداق دەيدۇ: "سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۆت قېتىم ئۆمرە قىلغانلىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن. بىرىنچىسى: ھىجىرىيىنىڭ 6-يىلى زۇلقەئدە ئېيىدا ھۈدەيبىيىدە ئۆمرە سەپىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان، شۇ جايدا ئېھرامدىن چىققان بولۇپ، بۇمۇ ئۇلار ئۈچۈن ئۆمرە ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچىسى: ھىجىرىيىنىڭ 7-يىلى زۇلقەئدە ئېيىدا قىلىنغان قازا ئۆمرە. ئۈچىنچىسى: ھىجىرىيىنىڭ 8-يىلى مەككە پەتىھ قىلىنغان يىلى. تۆتىنچىسى: ئاخىرقى ھەج بىلەن قىلغان ئۆمرە بولۇپ، زۇلقەئدە ئېيىدا ئېھرامغا كىرگەن، ئەمما پائالىيەتنى زۇلھەججە ئېيىدا قىلغان".

ئىمام نەۋەۋىي يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممە ئۆمرىنى زۇلقەئدە ئېيىدا قىلىشى، بۇ ئاينىڭ ئۇلۇغ ئاي بولغانلىقى، شۇنداقلا جاھىلىيەت ئەھلىگە قارشى ھالدا ئىبادەت قىلىشىدۇر. چۈنكى ئۇلار زۇلقەئدە ئېيىدا ئۆمرە قىلىشنى بەك ئېغىر گۇناھ دەپ قارايتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ زۇلقەئدە ئېيىدا تەكرار ئۆمرە قىلغانلىقى ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى ۋە جاھىلىيەت قارىشىنىڭ ھەقىقەتەن باتىل ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئاشكارا بايان قىلىپ بەرگەنلىكىدۇر".

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى