پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

كىشىلەرنىڭ سوئالىغا ئاساسەن دىنى ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋالىرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈشتە ئىككىلىنىپ قالىدىغان دىنى ئوقۇغۇچى توغرىسىدا

سۇئال

مەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى يېڭىدىن ئوقۇشنى باشلىغان ئوقۇغۇچى، مېنىڭ سۈرىيلىك بەزى تۇغقانلىرىم بار، ئۇلار مەندىن بەزى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ، مەن جاۋاپ تېپىپ بېرىشكە تىرىشىمەن، مەسىلەن: ئۇلار ۋىتىر نامىزى توغرىسىدا سورايدۇ، سىلەرنىڭ ئۇ توغرىدىكى پەتىۋالىرىڭلارنى يەتكۈزۈپ بېرىمەن، ئۇلار ھىجابنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ دەلىلى توغرىسىدا سورايدۇ، مەن شەيخ ئىبنى باز ۋە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇمۇللاھنىڭ پەتىۋالىرىنى نەقىل قىلىپ بېرىمەن، ئۇلار بەزى ئاددى مەسىلىلەرنى سورايدۇ، ئۇلارغا جاۋاپ  يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئۆلىمالاردىن سورايمەن، ئىلىمنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قانداق دۇرۇت-سالام ئېيتىش توغرىسىدا خەۋەر بېرىمەن، ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە سىلەرنىڭ ۋە ئىسلام ۋەيب تورىنىڭ پەتىۋالىرىنى يۆتكەپ بېرىمەن، ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بۇ ئىش ياخشى ھېسابلىنامدۇ؟ بەزى ماڭا شۇنداق ۋەسۋەسىلەر كېلىدۇ، ماڭا بەزىدە ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىنى ئۆلىمالارغا يەتكۈزمىگەنلىك ۋەسۋەسىسى كىلىدۇ، ھازىردىن باشلاپ يەتكۈزىمەن، ئۇلارغا دەيمەن ۋە ئىزدىنىمەن... بىلمەيدىغانلىرىمنى ئىككىلەنمەستىن، تىزلا "بىلمەيمەن" دەيمەن، ئۇلار بەزىدە كۆپ سوئاللارنى سورايدۇ، سىلەرچە قانداق قىلىشىم كېرەك، مەن توردىكى تەكىتلەنگەن جاۋاپنى ئىزدەيمەن، مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن نەقىل قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى:

سىزنىڭ دىنى ئىلىم ئۈگۈنۈشكە ۋە ئۇنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈشكە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزگە ئاللاھ تائالا ياخشى مۇكاپات بەرسۇن، سىز ئاللاھ ئۈچۈن توغرا نىيەت بىلەن ئىش قىلسىڭىز، ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىدىغانلىقىڭىز بىلەن خوش-خەۋەر بېرىمىز، ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى، ئاسمان-زېمىن ئەھلى ھەتتا ئۇۋۇسىدىكى چۆمۈلىلەر ھەتتا بىلىقلارمۇ كىشىلەرگە ياخشىلىق ئۈگەتكۈچىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. [تىرمىزى رىۋايىتى2609-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دەپ باھالىغان1838-نومۇرلۇق ھەدىس].

   ئىككىنچى:

   بىلگەن ئىلىمنى باشقىلارغا يەتكۈزسىڭىز گۇناھ بولمايدۇ، بۇنىڭ شەرتى:   -مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ، ئىشەنچىلىك ئىلىم مەنبەلىرىدىن نەقىل قىلىش كېرەك.

-نەقىل قىلىشتا خاتا كەتمەسلىك ئۈچۈن نەقىل قىلغان نەرسىنى توغرا چۈشەنگەنلىكىڭىزنى ئېنىقلىشىڭىز كېرەك.

   ئىلىمنى نەقىل قىلغۇچىنىڭ تىرىشچان ئالىملاردىن بولىشى شەرت ئېتىلمەيدۇ، لېكىن نەقىل قىلغان نەرسىسىنى چۈشىنىدىغان بولىشى شەرت ئېتىلىدۇ، بۇ توغرىدا ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇئەنھۇ: ئى ئىنسانلار! مەن سىلەرگە بىر سۆزنى دەيمەن، ئۇنى چۈشەنگەن ۋە ئېسىدە تۇتقانلار ئۇلاغلىرى يەتكەن يەرگىچە بېرىپ يەتكۈزسۇن، چۈشۈنەلمەسلىكتىن ئەنسىرىگەن كىشىلەر سۆزلىمىسۇن، ھېچكىمنىڭڭ ماڭا يالغاننى چاپلىشىغا رۇخسەت قىلمايمەن دېگەن. [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 6830-ھەدىس].

   ئىبنى بەتتال رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: چۈشەنگەن ۋە ئېسىدە تۇتقانلار ئۇنى سۆزلىسۇن يەنى: چۈشەنگەن ۋە ئېسىدە تۇتقان بويىچە سۆزلىسۇن. بۇنىڭدا ئىلىمنى چۈشەنگەن ۋە ئىگەللىگەنلەرنى ئىلىمنى يەتكۈزۈش ۋە نەشىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

   چۈشۈنەلمەسلىكتىن ئەنسىرىگەن كىشىلەر سۆزلىمىسۇن، ھېچكىمنىڭ ماڭا يالغاننى چاپلىشىغا رۇخسەت قىلمايمەن دېگەن سۆزىدە: نادان ۋە چولتا كىشىلەرنى بىلمىگەن ۋە تولۇق ئىگەللىمىگەن نەرسىلەرنى سۆزلەشتىن چەكلىگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ. ["شەرھى سەھىھۇل بۇخارى"8-توم 459-بەت].

   شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: "پېشقەدەم ئۆلىمالاردىن بىرىنىڭ سوئالغا بەرگەن پەتىۋاسىنى بىلسەم، مەسىلىگە شۇ پەتىۋا بىلەن ھۆكۈم قىلسام بولامدۇ؟" دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "سىز ئىلمىگە ئىشەنچ قىلىدىغان بەزى ئۆلىمالارنىڭ سۆزى بويىچە پەتىۋا يەتكۈزسىڭىز بولىدۇ، لېكىن پەتىۋانى بايان قىلغاندا، ئۇ ئالىمنىڭ سۆزىگە ۋە سىز سورالغان ئەھۋالنىڭ ئاشۇ ئالىم مەقسەت قىلىدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلغان بولسىڭىز " پالانى مۇنداق-مۇنداق دېدى" دېيىشىڭىز كېرەك،.

    ئۇنىڭغا كەسكىنلىك بىلەن پەتىۋا بېرىشىڭگە بولمايدۇ، چۈنكى كەسكىنلىك بىلەن پەتىۋا بەرگەندىن كېيىن پەتىۋانى ئۆزىڭىزگە مەنسۇپ قىلغان بولىسىز، باشقىلاردىن نەقىل قىلسىڭىز، بۇ پەتىۋانىڭ مەسئۇلىيىتىدىن، ئۆزىڭىز ئەھلى بولمىغان نەرسىنىڭ سىزگە مەنسۇپ بولىشىدىن سالامەت رىۋايەتچى بولىسىز.

    باشقىلارغا ئەگەشكەن كىشى سۆزنى ئۆزىگە ئەمەس بەلكى ئۆزى ئەگەشكەن كىشىگە مەنسۇپ قىلىشى كېرەك، ئەمما قۇرئان-ھەدىستىن مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى چېقىرالايدىغان كىشى پەتىۋانى ئۆزىگە مەنسۇپ قىلسا بولىدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن يازمىلىرى ۋە پەتىۋالىرى مەجمۇئەسى"26-توم 409-بەت].

   سىزنىڭ چۈشەنچىڭىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە، بېرىلگەن جاۋابنىڭ سورالغان سوئالغا مۇۋاپىق كەلگەنلىكىگە خاتىرجەم بولۇشىڭىز ئۈچۈن - مۇمكىن بولسا - كەلگەن مەسىلىنى ۋە ئۆلىمالاردىن ئېرىشكەن جاۋاپنى سىز يېقىنراق بولغان بىرەر ئۇستازغا ياكى سىزدىن يۇقىرى سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىغا ئېيتسىڭىز بۇ سىز ئۈچۈن ياخشى، ئېھتىيات قىلىش بولاتتى.

ئ    ەگەر ئۇنداق قىلىش قېيىن بولسا، ئەنسىرەپ قىلغان بىر ئىش ئۈچۈن ئۆلىمالارنىڭ سۆزىدىن ئىشەنچ قىلغان پايدىنى زايە قىلىۋەتمەڭ. بۇ ھەقتە 224858- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى