جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

رامزاننىڭ كۈندۈزدە بىمارنىڭ مەقەت يولىدىن دورا كىرگۈزۈشى توغرىسىدا

سۇئال

روزىدار كېسەل بولسا، رامزاننىڭ كۈندۈزدە مەقەت يولىدىن دورا كىرگۈزسە قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى  ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    روزىدار كېسەل بولسا، رامزاننىڭ كۈندۈزدە مەقەت يولىدىغان دورا كىرگۈزسەم بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇنىڭ مەنىسىدىكى نەرسە ئەمەس.

    ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزنى رامزاننىڭ كۈندۈزدە يېمەك-ئىچمەكتىن ياكى يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئورنىدا، ئۇنىڭ ھۆكمى بېرىلىدىغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن چەكلىدى. يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسە بولمىسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكنىڭ ھۆكمى ئىسپاتلانمايدۇ.

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: "شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى"1-توم 502-بەت