پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

روزا تۇتقۇچىنىڭ روزىسىنى بۇزۇۋېتىدىغان نەرسىلەر توغرىسىدىكى قائىدە

سۇئال

تۈگمەنچى ئۇن تارتىۋاتقاندا ئۇن-كېپەك دېگەندەك نەرسىلەر شامالدا ئۇچۇپ تۈگمەنچىنىڭ گېلىدىن ئۆتۈپ كەتسە ئۇ كىشىنىڭ روزىسى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ، ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۆچۈپ كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ئۇ كىشىنىڭ ئىختىيارلىقىسىز، گېلىدىن ئۆتكۈزىۋىتىشنى مەقسەت قىلماستىن كانىيىغا كېلىپ قالغان. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن روزا تۇتقۇچىنىڭ روزىسىنى بۇزۇۋېتىدىغان يېمەك-ئىچمەك، جىنسى مۇناسىۋەت قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئۈچ تۈرلۈك شەرت تېپىلمىغاندا روزىنى بۇزمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىمەن:

بىرىنچى: ئۇ نەرسىلەرنىڭ روزىنى بۇزىۋىتىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولىشى كېرەك، ئەگەر بىلمىسە روزىسى بۇزۇلمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُم بِهِ وَلَـٰكِن مَّا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ﴾ تەرجىمىسى: سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ [سۈرە ئەھزاب 5-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِن نَّسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا﴾ تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنتۇساق ياكى خاتالاشساق (يەنى بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىك سەۋەبىدىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت]. ئاللاھ تائالا: شۇنداق قىلدىم دەيدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۈممىتىمنىڭ خاتا قىلغان، ئۇنتۇپ قىلىپ قىلغان ۋە مەجبۇرى قىلغان ئىشلىرىغا گۇناھ بولمايدۇ، گەرچە نادان كىشى ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى بىلسىمۇ خاتا قىلىپ سالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن جاھىل-نادان كىشى بىلمەي روزىنى بۇزىدىغان ئىشلارنى قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ھۆكۈمنى بىلمەي قىلغان بولسۇن ياكى ۋاقىتنى بىلمەي قىلغان بولسۇن ئۇ كىشىنىڭ روزىسى توغرا بولىدۇ".

ھۆكۈمنى بىلمەي بىر نەرسە يەپ قالغاننىڭ مىسالى: روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان نەرسىلەرنى روزىنى بۇزمايدۇ دەپ ئويلاپ ئىستىمال قىلىش، ھىجامە قىلىپ قان ئالدۇرسا روزا بۇزۇلمايدۇ دەپ قاراش دېگەنلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بىز دەيمىزكى:سىزنىڭ روزىڭىز توغرا، سىزگە بىر نەرسە كەلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئىشلار ئىنساننىڭ ئىخىيارلىقىسىز يۈز بېرىدۇ، بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك: ئۇ كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان ھەر قانداق نەرسە پەقەت ئۈچ تۈرلۈك شەرت تولۇق بولغاندا روزىنى بۇزىدۇ، ئەگەر تولۇق بولمىسا روزا بۇزۇلمايدۇ. ئۇ شەرتلەر:1-ئۇنىڭ روزىنى بۇزىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، 2- بۇ نەرسىنىڭ روزىنى بۇزىدىغانلىقى ئۇ كىشىنىڭ ئېسىدە بولىشى كېرەك. 3-ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىستىمال قىلغان بولىشى كېرەك.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ پەتىۋالار توپلىمى1- قىسىم 508-بەت