سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

رامىزان ئىچىدە ئەر-ئايال جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولسا بولامدۇ؟

سۇئال

رامىزان ئىچىدە ئەر - ئايال جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولسا بولامدۇ؟ رامزاننىڭ كېچىسىدە ئەر - ئاياللار جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ سوھۇرلۇق يېيىشتىن ئىلگىرى غۇسلى قىلسا(يۇيۇنسا) بولامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.
بىرىنچى: رامىزان ئىچىدە (يەنى كۈندۈزدە) روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشى ھارام (چەكلەنگەن) بولۇپ، بۇنداق قىلغانلار رامزاننىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماي خاتا ئىش قىلغان بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن كاپارەت كېتىدۇ، كاپارەتنىڭ مىقدارى: قۇللۇق دەۋرى بولسا مۇسۇلمان قۇلدىن بىرنى ئازات قىلىش، بۇنى قىلىشقا قۇدرىتى يەتمىسە ئىككى ئاي ئارقىمۇ - ئارقا ئۇلاپ روزا تۇتۇش، بۇنىڭغىمۇ ئاجىز كەلسە ئاتمىش (60) مىسكىنگە تويغۇدەك تاماق بېرىشى كېرەك.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق، بىر ئادەم كېلىپ، يا رەسۇلۇللاھ! مەن ھالاك بولدۇم- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: - سېنى نېمە ھالاك قىلدى؟- دەپ سورىۋىدى، بۇ ئادەم :- مەن روزىدار تۇرۇپ ئايالىمغا يېقىنچىلىق قىلىپ قويدۇم، دەپ جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: بىر قۇل ئازات قىلالامسەن؟ -دەپ سورىدى. ھېلىقى ئادەم، ياق-دەپ جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇنىڭدىن، ئىككى ئاي ئارقا- ئارقىدىن روزا تۇتالامسەن؟ دەپ سورىدى، ئۇ ئادەم: ياق-دەپ جاۋاب بەردى. يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: 60 پېقىرغا تائام بېرەلەمسەن؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ ئادەم: ياق-دېدى. بۇ ئارىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچ نەرسە دېمەي تۇرۇۋىدى، شۇ ئارىدا ئۇنىڭغا بىر تاغار خورما كەلتۈرۈلدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سۇئال سورىغان كىم؟دەپ سورىۋىدى، ھېلىقى ئادەم: مەن يارەسۇلۇللاھ ! دەپ ئورنىدىن تۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: بۇنى ئال ۋە سەدىقە قىلغىن دېدى. ھېلىقى ئادەم- يارەسۇلۇللاھ! بۇنى مەندىنمۇ پېقىر بىرسىگە سەدىقە قىلامدىمەن؟ ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەدىنىدە مېنىڭ ئائىلەمدىنمۇ پېقىر ئائىلە يوق- دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەمنىڭ سۆزىگە كۈلۈپ كەتتى، ھەتتا چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالدى، ئاندىن بولدى، بۇنى ئېلىپ كېتىپ ئائىلەڭگە سەدىقە قىل دېدى (بۇخارى 1834- 1835 )، (مۇسلىم 1111)
ئەمما رامزاننىڭ كېچىسىدە ئەر - ئاياللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولىشى دۇرۇس بولۇپ، بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگىچە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەر ئەر- ئايال ئارىلىشىپ ياشايسىلەر، كىيىم بەدەننى ئىسسىق- سوغۇقتىن ساقلىغاندەك، سىلەرمۇ بىر- بىرىڭلارنى گۇناھ ۋە يامان ئىشلاردىن ساقلايسىلەر، خۇددى كىيىم سىلەرنىڭ ئەۋرەتلىرىڭلارنى ياپقاندەك، سىلەرمۇ بىر- بىرىڭلارنىڭ ئېيىپلىرىنى ياپىسىلەر). ئاللاھ تائالا ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئالدىغانلىقىڭلارنى بىلدى. ئاللاھ تائالا تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار(بەقەرە سۈرىسى 187- ئايەت( .
بۇ ئايەت رامزاننىڭ كېچىلىرى تاڭ يورۇغانغا قەدەر يېمەك - ئىچمەك ۋە ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى.
ئاياللارغا يېقىنچىلىق قىلىپ بولغاندىن كىيىن غۇسلى قىلىش، بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش كېرەك.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى