جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن ئۆسۈم تۆلەشنىڭ جازانە ھېسابلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ئۆسۈم تۆلەشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۆسۈمنى تۆلەشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ مەسىلەن: مەن ئەللىك جۇنەي قەرز ئالدىم، بۇنى بەش يىلدىن كېيىن ئۆتەيمەن، ھازىر ئالغان ئەللىك جۈنەينىڭ قىممىتى بەش يىلدىن كېيىنكى ئەللىك جۈنەينىڭ قىممىتىگە ئوخشىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بەش يىلدىن كېيىن قەرزنى تۆلىگەندە، بەش يىل ئىلگىرى قەرز ئالغان ۋاقىتتىكى ئەللىك جۈنەينىڭ قىممىتىنى بېرىمەنمۇ؟

    مەن قەرزنى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئالىمەن، پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن بولغان پايدا ئۇ كىشىگە بولىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سىز بىر كىشىدىن بەش يىلدىن كېيىن قايتۇرىدىغانغا ئەللىك جۇنەي قەرز ئالغان بولسىڭىز، گەرچە بەش يىلدىن كېيىن ئۇ پۇلنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ ۋە مۇشۇ پۇل بىلەن مۇئامىلە قىلىش داۋام قىلىۋاتقان بولسا، ئالغان ئەللىك جۇنەينىڭ ئۆزىنى قايتۇرىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

    12541-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا، پۇلنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئەسلى قەرزگە زىيادە قىلىپ بېرىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، بۇنىڭ جازانە بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، بۇ كۆپچىلىك پىقھى ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

    ئىككىنچى: بىر كىشى دوللار قەرز ئىلىپ، بۇنى ئۆتەيدىغان ۋاقىتتا لىرا ئۆتەيدىغانلىققا كېلىشكەن بولسا بۇنداق قىلىش جازانە قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ئەسلى: نەخ پۇلنى نىسىغا سېتىشتىن ئىبارەت بولۇپ. بۇنداق قىلىش ھارام بولىدۇ، بۇ جازانىنىڭ چەكلەنگەن ئىككى تۈرىنىڭ بىرى بولغان"نىسى سېتىش جازانىسىدۇر".

   لېكىن قەرز ئالغۇچى قەرز بەرگۈچى بىلەن قەرزنى ئۆتەيدىغان ۋاقىتتا باشقا تۈردىكى پۇلدىن ئۆتەشنى بىرلىككە كەلگەن بولسا بولىدۇ.

    ئىلگىرىكى مىسالدا بايان قىلىنغاندەك، قەرزنى ئىلىپ بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن سىز ئەللىك جۇنەينى ئۆتەيدىغان ۋاقىتتا، قەرز بەرگۈچى بىلەن كېلىشىپ جۈنەينىڭ ئورنىغا شۇ كۈندىكى باھا بويىچە دوللار ياكى رىيال بەرسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭ شەرتى: بۇ قەرزنى ئۆتەيدىغان كۈندىكى باھا بويىچە ئۆتەش كېرەك.

    ئۈچىنچى: ئەمما قەرزنى ئېلىپ، پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن پايدىسىنى قېتىپ ئۆتەش بولسا، ئىلگىرى بايان قىلغاندەك، پۇل پاخاللىقىنىڭ بەدىلىگە قەرزنى زىيادە ئۆتەش ھارام بولىدۇ، چۈنكى ئۇ جازانىدۇر. شۇنىڭغا ئاساسەن: سىزنىڭ بۇ شەكىلدە قەرز ئېلىشىڭىز توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام «جازانە قىلغۇچى، جازانە قىلىنغۇچى، توختام يازغۇچى ۋە گۇۋاھ بولغۇچىلارغا لەنەت قىلغان» مۇسلىم رىۋايىتى 1598-ھەدىس.

     ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى