234125: رامىزاندا سەۋەبسىز روزا تۇتمىغان ياكى قەستەن روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشىگە شۇ روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟


بىر كىشى رامىزان ئېيىدا سەۋەبسىز روزا تۇتمىغان بولسا ياكى رامىزاندا قەستەن روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن بولسا،ئۇ كىشىگە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟.

Published Date: 2017-07-15

    جاۋاپ:

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   رامىزان روزىسى ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر، مۇسۇلمان كىشىنىڭ سەۋەبسىز روزا تۇتماسلىقى توغرا بولمايدۇ.

   رامىزاندا روزا تۇتالمىغان ياكى كېسەللىك، سەپەر ، ھەيز قاتارلىق شەرئى ئۈزۈرلەر بىلەن روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشىگە بارلىق ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بىلەن تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ﴾ تەرجىمىسى:«كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن)باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن.» [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

   ئەمما رامىزان ئېيىدا قەستەن، سەل قاراپ بىر كۈن بولسىمۇ روزا تۇتمىغان ۋە روزا تۇتۇشنى ئەسلا مەقسەت قىلمىغان كىشى ياكى روزىنى نىيەت قىلىپ بولۇپ سەۋەبسىز بۇزۇۋەتكەن كىشى چوڭ گۇناھلاردىن بىرنى سادىر قىلغان بولدى، ئۇ كىشىنىڭ تىزدىن تەۋبە قىلىشى كېرەك بولىدۇ.

    كۆپچىلىك ئۆلىمالار  رامىزاندا روزا تۇتالمىغانلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىشنى زۆرۈر دەپ قارىدى، بەلكى بەزى كىشىلەر بۇ مەسىلىدە ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

   ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:" رامىزان روزىسىنىڭ پەرزلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ رامىزاندا قەستەن روزا تۇتمىغان، ئەسكىلىك قىلىپ ۋە گەدەنكەشلىك قىلىپ تەرك قىلغان كىشى كېيىن تەۋبە قىلسا، ئۇ كىشىگە تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىسلام ئۇممىتى بىرلىككە كەلدى ۋە كېيىنكىلەرگە شۇنى يەتكۈزدى.

    "ئەل ئىستىزكار"1-توم 77-بەت.

    ئىبنى قۇدامە مەقدىسى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"بۇ مەسىلىدە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمىز،چۈنكى روزا ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىدە قالدى، ئۇنى ئادا قىلىش بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغان بولىدۇ، ئەگەر ئادا قىلمىسا ئەسلىدىكى بويىچە زىممىسىدە قالىدۇ. "ئەل مۇغنى"4-توم 365-بەت.

    دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى 10-توم 143-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "رامىزان روزىسىنىڭ پەرىزلىكىنى ئىنكار قىلىپ تۇتمىغان كىشى بارلىق ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى بىلەن كاپىر بولىدۇ، ئەمما ھورۇنلۇق قىلىپ، سەل قاراپ تۇتمىغان كىشى كاپىر بولمايدۇ، لېكىن ئۇ كىشى پەرھىز ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىرىنى تەرك قىلىش بىلەن چوڭ خەتەرنىڭ ئۈستىدە بولۇپ قالدى، بۇ كىشى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئەدەپلىنىش ۋە جازالىنىشقا لايىق بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، بەزى ئۆلىمالار ئۇ كىشى كاپىر بولىدۇ، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە تەرك قىلغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ دەيدۇ". 

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: "ئون يەتتە ياشقا كىرگەن، رامىزاندا شەرئى ئۈزۈرسىز ۋە ھېچ قانداق سەۋەبسىز روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشى قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ كىشىگە شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولامدۇ؟دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن:"شۇنداق ئۇ كىشىگە شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ، سەل قاراپ روزىنى بۇزىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىشى كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان:«كىمكى رامىزاندا ساق تۇرۇپ، رۇخسەتسىز بىر كۈنلۈك روزىسىنى بۇزىۋىتىدىكەن، ئۇ كىشى يىل بويى روزا تۇتسىمۇ ئۇ كۈنلۈك روزا ئادا بولمايدۇ»دېگەن ھەدىس زەئىپ بولۇپ، ئۆلىمالار ئۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى مۇستەھكەم بولمىغانلىقى ئۈچۈن سەھى ئەمەس دەپ قارىغان". ["نۇرۇن ئەلەددەربى پەتىۋالىرى" 16 -توم 201-بەت].

    بەزى ئۆلىمالار رامىزان روزىسىنى قەستەن تەرك قىلغان كىشىگە ئۇ كۈننىڭ روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتۇش كېرەك بولمايدۇ بەلكى نەپلە روزىنى كۆپ تۇتۇشى كېرەك دەيدۇ، بۇ زاھىرىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ۋە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان.

    ھاپىز ئىبنى رەجەپ ھەنبەلى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زاھىرى مەزھىپىدە ياكى ئۇ مەزھەبتىكى كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا، قەستەن روزا تۇتمىغان كىشىگە ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، ئىمام شافىئىينىڭ ئىراقتىكى ھەمراھى ئابدۇررەھماندىن ۋە شافىئىينىڭ نەۋرىسىدىنمۇ بۇ قاراش بايان قىلىنغان، بۇ ئەبۇبەكرى ئەل ھۇمەيدىنىڭمۇ ناماز ۋە روزا توغرىسىدىكى قارىشى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ قارىشىدىمۇ:ناماز بىلەن روزىنى قەستەن تەرك قىلغان كىشى قازاسىنى قىلسىمۇ كۇپايە قىلمايدۇ، ھەنبەلى مەزھىبىدىكى ئىلگىركى ئۆلىمالارنىڭ بىر قىسمىمۇ مۇشۇنداق سۆزنى قىلغان، ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: جەۋزىجانى، ئەبۇ مۇھەممەد ئەل بەربىھارى ۋە ئىبنى بەتتە قاتارلىقلار". "پەتھۇل بارى"3-توم 355-بەت.

  شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۈزۈرسىز قەستەن قىلغان كىشى ناماز بولسۇن ياكى روزا بولسۇن قازاسىنى قىلمايدۇ ۋە قىلسىمۇ دۇرۇس بولمايدۇ". ["ئىختىيارات ئەل پىقھىيە"460 –بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەسلى پەرز بولغان رامىزان روزىسىنى قەستەن، ئۈزۈرسىز تەرك قىلغان بولسا، كۈچلۈك قاراشتا ئۇ كىشىگە قازاسىنى قىلىش لازىم كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى قازاسىنى قىلىش بىلەن ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئۇ كىشىدىن ۋاقتىدا قىلمىغان ئەمەل قوبۇل قىلىنمايدۇ، بۇنىڭدىكى قائىدە: مەلۇم ۋاقتى بەلگىلەنگەن ھەرقانداق بىر ئىبادەتنى ئۈزۈرسىز بەلگىلەنگەن ۋاقتىدىن كېچىكتۈرسە، ئۇ ئىبادەتنى كېيىن قىلسا قوبۇل قىلىنمايدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"19 -توم 79-بەت].

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: كىمكى رامىزاندا مەلۇم كۈنلەردە قەستەن روزا تۇتمايدىكەن، كۆپچىلىك ئۆلىمالار: ئۇ كىشى قەستەن روزا تۇتمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قېلىشى كېرەك دەيدۇ، يەنە بىر قىسىم ئۆلىمالار: قەستەن تۇتمىغاندىن كېيىن قازاسىنى قېلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى روزا دېگەن  ۋاقتى بېكىتىلگەن ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى دەيدۇ، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشى كۈچلۈك ۋە توغىرغا يېقىندۇر، چۈنكى روزا دېگەن ئىنساننىڭ زىممىسىدە بېكىتىلگەن ئىبادەت بولۇپ، ئۇنى ئادا قىلمىغۇچە چۈشۈپ كەتمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى
Create Comments