جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

سۈت پاراشوكىدىن پىتىر سەدىقىسى بەرسەم توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

پىتىر سەدىقىسىگە سۈت پاراشوكىدىن بەرسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

پىتىر سەدىقىسىنى ئادەتتە ئىنسان ئۆزى ياشاۋاتقان يۇرتتا كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەردىن بېرىدۇ. كۆپچىلىك كىشىلەر چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماقلىرىدا كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان گۈرۈچ ۋە بۇغداي قاتارلىقيېمەكلىكتىن بېرىدۇ.

ئەمما سۈت پاراشوكىدىن پىتىر سەدىقىسى بېرىشكە كەلسەك؛ شۇ يۇرتتا كۆپچىلىك كىشىلەر سۈت پاراشوكىنى ئاساسلىق يىمەكلىك ئورنىدا ئىستىمال قىلىدىكەن ئۇ ۋاقىتتا سۈت پارشوكى بەرسە دۇرۇس بولىدۇ.

بۇ سوئالنى ئۇستازىمىز شەيخ ئابدۇرەھمان ئەلبەراكتىن (ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزى ساقلىسۇن) سورىسام، ئۇ جاۋاپ بېرىپ: "سۈت پاراشوكىدىن پىتىر سەدىقىسى بېرىش توغرا بولمايدۇ، ئەمما شۇ يۇرتتىكى كىشىلەر سۈتنى ئاساسلىق يىمەكلىك ئورنىدا ئىستىمال قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا پىتىر سەدىقىسى ئۈچۈن سۈت بەرسە دۇرۇس بولىدۇ، دېدى".

ھەممىدىن توغىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد