سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

نامازدا ئەيمىنىشنى يوقۇتۇپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن شەك ئېزىقتۇرىۋەتكەن كىشى توغرىسىدا

سۇئال

مەن قانداق قىلغاندا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى ياخشى كۆرۈپ، تائەت ئىبادەت بىلەن ھوزۇرلىنالايمەن؟ بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، يات كىشىلەردىن مۇسۇلمان بولغانلارنى كۆرسەم، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىغا خاتىرجەملىكنى قانداق سالغاندۇ؟ دەپ، ئۆزۈممۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولغۇم كېلىپ، كۆزلىرىمدىن ئىسسىق ياشلىرىم تۆكۈلىدۇ، ھەتتا ۋەز-نەسىھەت، پەيغەمبەرلەر ۋەقەلىكى ۋە قۇرئان تىلاۋىتىنى ئاڭلىسام يىغلاپ كېتىمەن، ئۆلۈمنى ۋە ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشنى پىكىر قىلىپ يىغلايمەن، لېكىن ۋەز-نەسىھەت ۋە قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلاپ بىر-ئىككى سائەتتىن كېيىن يەنە ئەسلى ھالىتىمگە كېلىپ قالىمەن، نامازغا ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشلارغا سۇسلۇق قىلىمەن، كۆڭلۈمگە مەن دىندىن يىراقلىشىپ كەتكەندەك، يېقىندا دىندىن يېنىۋالىدىغاندەك شەك-شۈبھىلەر كېلىدۇ، كاللامغا نۇرغۇنلىغان شەك-شۈبھىلەر كىلىۋىلىپ، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ بولالمىدىم، مەن ئىلگىرى دوستلىرىم بىلەن سىرىتلارغا چىققاندا ئۆيگە قايتىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇۋىلىش ئۈچۈن قايتىشقا ئىنتىزار بولاتتىم، چۈنكى ناماز ماڭا ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرۈلەتتى، ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ ئىلگىركى شۇ ھالىتىمگە قايتىشنى خالىساممۇ، بۇنى قىلالمىدىم، ھەتتا ناماز ئوقۇسام بەك تىز ئوقۇۋاتىمەن، بوشۇشۇپ كىتىۋاتىمەن، ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە كەسكىن ئىشىنىمەن، مەن قەلبىمدىكى ئازغىنە شەك بىلەن ئۆلۈپ كېتىپ، قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ قوبۇل بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

سوئالىڭىزدا مەسىلىلەرنى چوڭايتىپ، چىگىشلەشتۈرۈشتىن ئۆتۈپ، ئىپادىڭىزچە بولغاندا خىزمەتتىن قويۇپ تۈگەشتۈرىۋىتىغان، ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پاتۇرىدىغان بوشۇشۇش ۋە ھەقىقى پىسخىكا كىرزىسىلىرى چىكىگە يەتكەندەك مۇبالىغە ۋەسۋەسىسىگە كىرىپ قاپسىز، ئاللاھنىڭ پەزلى، رەھمىتى بىلەن ئىش ئۇ قەدەر قېيىن ئەمەس.

ئەلھەمدۇلىللا، سىز باشتىن-ئاخىر مۇسۇلمانسىز، ئىماننىڭ ئالتە ئاساسىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئاللاھغا، پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە، تەقدىرنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ئىشىنىسىز، ئەۋۋىلى ئىككى گۇۋاھلىق بىلەن باشلانغان ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىغا ھېرىسمەن بولۇپ، ناماز، زاكات، روزا ۋە ھەج قاتارلىق سىزگە پەرز بولغان ئەمەللەرنى ئادا قىلىسىز. ئاشۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەندىنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان ئەمەللەردىندۇر. بىز ھەممەيلەننىڭ ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە، ئەلچىلىرىگە نازىل قىلغان ۋەھىلىرىگە ئىشىنىمىز، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمىز، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى ۋە ئۇ ئەپكەلگەن شەرىئەتنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلان قىلىمىز، سىز نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇلۇغ، شەرەپلىك بولغان بۇ ئىمانى ئەمەللەر ۋە ئىشەنچىلىك ھەقىقەتلەرگە قارىمايسىز!.

بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئەمەسمۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: چىن قەلبىدىن، سەمىمىلىك بىلەن ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق دېگەن كىشىنىڭ جەننەتكە كېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن، بىز ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسنى ئاڭلىمىدۇقمۇ؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: جەبرائىل ئەلەيھىسسالام مەدىنىدىكى بىر تاشلىق جايدا ماڭا ئۇچراپمۇنداق دېدى: ئۇممىتىڭگە خوش-خەۋەر يەتكۈزگىن: ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ، دېدى، مەن: ئى جەبرائىل! ئوغرىلىق قىلسىمۇ ۋە زىنا قىلسىمۇ؟ دېدىم، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام: ئوغرىلىق قىلسىمۇ، زىنا قىلسىمۇ جەننەتكە كېرىدۇ دېدى، مەن ئوغرىلىق قىلسىمۇ ۋە زىنا قىلسىمۇ؟ دېدىم، جەبرائىل ئەلەيھىسسالام: ھەئە ۋە ھاراق ئىچسىمۇ، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى6443].

ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇنكى، سىز ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرگە ھېرىسمەنكەنسىز، لېكىن كۆڭلىڭىزدە ئاشۇ ئىبادەتلەرنى ئەيمىنىش ۋە بويسۇنۇش بىلەن جايىدا ئادا قىلىشتا كەمچىللىك بارلىقىنى ھېس قىپسىز، بۇ ئىش كۆپچىلىك مۇسۇلمانلاردا بار، ئۇلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى: بارلىق ياخشى كىشىلەر ئىزدىنىۋاتقان ئىبادەتنىڭ لەززىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نەپسىگە قارشى كۆرەشنى داۋاملاشتۇرۇش، بۇ ئىشتا مۇسۇلمانلار سابىت ئەلبۇنانى رەھىمەھۇللاھدىن ئۈگۈنۈش كېرەك، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: ناماز ئۈچۈن يىگىرمە يىل جاپا چەكتىم، ئۇنىڭ بىلەن يىگىرمە يىل نېمەتلەندىم، بۇ ئەسەرنى ئەبۇ نۇئەيىم ھىليەتۇل ئەۋلىيا ناملىق ئەسەرنىڭ 2-توم، 320- بىتىدە كەلتۈرگەن.

ئىبادەتكە تېرىشىش، سەۋىرچان بولۇش، ئۇنى روياپقا چىقىرىشقا كۆڭۈل بۆلۈشنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىخلاس ۋە قورقۇنچ بىلەن ئادا قىلىش بولسا تەقۋادار، سالىھ كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشىدۇر، ھېچ بىر كىشى ئۆزىنى كامالەتكە يەتتىم دەپ دەۋا قىلالمايدۇ، شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشنىڭ ھېچ بىر كىشىنى ئۈمىدسىزلىككە ئېلىپ بېرىشىمۇ توغرا ئەمەس، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەزلى-رەھمىتىدىن ئۈمىتسىزلەنگۈچىنى يامان كۆرىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: وَمَنْ يَقْنَطُ مِنْ رَحْمَةِ رَبِّهِ إِلَّا الضَّالُّونَ تەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىدىن ئازغۇنلاردىن باشقىلار ئۈمىتسىزلەنمەيدۇ. [سۈرە ھىجىر 56-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەزلى-رەھمى بىلەن خۇرسەن بولغان بەندىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، مەرھىمىتىنىڭ كەڭلىكىدىن ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، يېتەرسىزلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ، كەمچىلىكىدىن ئۆتىۋىتىدۇ، بەلكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: إِلَّا مَن تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ عَمَلاً صَالِحاً فَأُوْلَئِكَ يُبَدِّلُ اللَّهُ سَيِّئَاتِهِمْ حَسَنَاتٍ وَكَانَ اللَّهُ غَفُوراً رَّحِيماً. وَمَن تَابَ وَعَمِلَ صَالِحاً فَإِنَّهُ يَتُوبُ إِلَى اللَّهِ مَتَاباً تەرجىمىسى: پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. كىمكى (گۇناھلىرىغا) تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ئەمەلىنى تۈزەيدىكەن، ئۇ ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولىدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ). [سۈرە پۇرقان 70-71- ئايەت].

ئىبنى قەييىم جەۋزىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «نامازدا تۇرغاندىكى تەمكىنلىك: ئاللاھ تەرىپىگە قەلىبنى توپلاشنى، كۆزنى ساقلاشنى، ئەيمىنىش ۋە ئىتائەتنىپەيدا قىلىدىغان بەندىچىلىكنىڭ ۋەزىپىلىرىى بىلەن قولغا كىلىدۇ، بۇ ئىش بەدىنى ۋە قەلبى بىلەن بەندىچىلىكنى ئادا قىلىشقا ئىلىپ بارىدۇ، ئەيمىنىش بولسا تەمكىنلىكنىڭ مېۋىسى ۋە نەتىجىسىدۇر، بەدەندىكى ئەيمىنىش قەلىبتىكى ئەيمىنىشنىڭ نەتىجىسىدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنىڭ نامازدا ساقىلىنى ئويناپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ: بۇ ئادەمنىڭ قەلبىدە ئەيمىنىش بولغان بولسا باشقا ئەزالىرىدىمۇ ئەيمىنىش بولاتتى دېگەن.

ئەيمىنىشنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەپلەر نېمە؟ دەپ سورسىڭىز، بۇنىڭ جاۋابى: بەندە خۇددى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك دىققەت قىلىدىغان تۇيغۇغا ئىگە بولىشى كېرەك، بۇ شەكىلدىكى دىققەت قىلىش كۈچەيگەنسېرى، بەندىدە باشقا ئىشلار بىلەن ھاسىل بولمايدىغان ھايا، تەمكىنلىك، مۇھەببەت، بويسۇنۇش، ئەيمىنىش، قورقۇش ۋە ئۈمىد قىلىش قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ، ئاللاھ تائالاغا دىققىتىنى بېرىش بولسا قەلب ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسى ۋە ئۇنى تۇرغۇزىدىغان تۈۋرۈكىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەلب ئەمەللىرىنىڭ ئاساسلىرى بىلەن شاخچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر ئېغىز سۆزگە توپلىغان، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېھسان توغرىسىدا: سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلغىن دېگەن سۆزىدۇر.

سىز دىننىڭ ھەممە ئورۇنلىرىدا، قەلب ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىدە بۇ سۆزنى ئويلىنىپ باقسىڭىز، ئاللاھقا دىققەتنى بېرىشنىڭ ھەممە ئىشنىڭ ئەسلى ۋە مەنبىيى ئىكەنلىكىنى بىلىسىز.

مەقسەت: بەندە ئىماننىڭ ئاساسىغا قارشى ۋەسۋەسىگە دۇچ كەلگەندە قەلبىدە داۋالغۇش بولماي مۇستەھكەم بولىشى ئۈچۈن، ئىمان ئەمەللىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان خەتەر ۋە ۋەسۋەسىلەرگە دۈچ كەلگەندە ئۇنىڭ كۈچىيىپ ئىمانىنى كىمەيتىدىغان غەم-ئەندىشىلەرگە، ئىستەكلەرگە ئايلانماسلىقى ئۈچۈن، تۈرلۈك قورقۇنچىلاردا پاراكەندىلىكى بىسىقىپ، قەلبى مۇستەھكەم بولىشى ئۈچۈن، خۇرسەن بولغىنىدا بىرىلىپ كەتكەنلىكتىن ئۆتمەيدىغان چىگرىدىن ئۆتۈپ كىتىپ خۇشاللىقى قايغۇ-ھەسرەتكە ئايلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈنتەمكىنلىككە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، [ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين 4-توم، 155-156- بەت].

بىلىشىڭىز كېرەككى، سىز نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش، نامازدا ئەيمىنىشنى ھازىرلاشقا تىرىشىش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش قاتارلىقلار بىلەن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئەڭ ياخشى ئەمەللەر ئىچىگە كىردىڭىز، گەرچە تىلىڭىزنىڭ ھەرىكىتى ۋە باشقا ئەزالىرىڭىزنىڭ ھەرىكىتى ئاجىز، ئاللاھ بىلەن بولغان قەلبى ئەمەللەردىن خالى بولسىمۇ، چوقۇم ئاللاھ سىزنىڭ قەلبىڭىزگە ۋە قەلبىڭىزدىكى ئۆزىڭىز ئىزدەۋاتقان ئىبادەتتىكى تەمكىنلىككە يېتىش ئۈچۈن سەمىمى ئوي ۋە تىرىشچانلىققا قاراپ، تەمكىنلىكنى سىزگە رىزىق قېلىپ بېرىشى، بۇنى سىزنىڭ تارتقان ئەلەملىرىڭىز، ئارزۇلىرىڭىز ۋە تېرىشچانلىقىڭىزنىڭ مۇكاپاتى قىلىپ يېزىشى مومكىن.

ئىمام غەزالى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تىل بىلەن ئىستىغپار ئېيتىش ياخشىلىقتۇر. تىلنىڭ، مۇسۇلماننىڭ غەيبىتىنى قىلىش ۋە ئارتۇقچە سۆز قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتلەنگىنىدىن، غاپىللىقتىن ئويغۇنۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلەنگىنى ياخشىدۇر، بەلكى ئۇ تىلنىڭ ھەرىكەتلەنمەي جىم تۇرغىنىدىن ياخشىدۇر، تىلنىڭ جىم تۇرغانلىقىغا قارىغاندا ھەرىكەتلەنگىنىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئاشكارىدۇر، تىل ئەمىلى قەلب ئەمەلىگە نىسبەتەن كەمچىلدۇر".

شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىلەر غەزالىنىڭ ئۇستازى ئەبۇ ئوسمان مەغرىبىيغا: بەزى ۋاقىتتا تىلىم زىكىر ئېيتىدۇ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ ئەمما قەلبىم غاپىلدۇر؟ دېگەندە، شەيخ مەغرىبى ئۇ كىشىگە: ئاللاھقا شۈكۈر قىلغىن، ئاللاھ سېنىڭ ئەزالىرىڭدىن بىرىنى ياخشىلىققا ئىشلىتىپتۇ، زىكىرگە ئادەتلەندۈرۈپتۇ، يامانلىققا ئىشلەتمەپتۇ، بىھۇدە نەرسىگە ئادەتلەندۇرمەپتۇ، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. شەيخنىڭ دېگىنى ھەقىقەتتۇر. ئەزالىرىنى ياخشىلىققا ئادەتلەندۈرگەندە، ياخشىلىق ئۇنىڭ تەبىئىتىگە ئايلىنىپ ئاسىيلىقتىن مۇداپىئە قىلىدۇ. تىلىنى ئىستىغپار ئېيتىشقا ئادەتلەندۈرگەن كىشى باشقىلاردىن يالغان سۆزنى ئاڭلىسا تىلى ئادەتلەنگەن نەرسىگە ئالدىرايدۇ ۋە ئەستەغپىرۇللاھ (ئاللاھدىن كەچۈرۈم سورايمەن) دەيدۇ، ئەمما تىلىنى بىھۇدە سۆزگە ئادەتلەندۈرگەن كىشى بولسا، دەرھاللا: يالغانچىلىقىڭ نېمىدىگەن ناچار، نېمە دىگەن ئەخمەقلىق دەيدۇ.

بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنىڭ مەنىسىگە مۇۋاپىقتۇر: فَإِنَّ اللَّـهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ تەرجىمىسى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. [سۈرە ھۇد 115-ئايەت].

يەنە بۇ ئايەتنىڭ مەنىسىگىمۇ مۇۋاپىقتۇر: وَإِن تَكُ حَسَنَةً يُضَاعِفْهَا وَيُؤْتِ مِن لَّدُنْهُ أَجْرًا عَظِيمًا تەرجىمىسى: ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر (يەنى جەننەت) ئاتا قىلىدۇ. [سۈرە نىسا 40-ئايەت].

ئاللاھ تائالانىڭ ئەجىر-ساۋابنى قانچىلىك كۆپ بەرگەنلىكىگە قاراپ بېقىڭ: غاپىل قالغان ۋاقىتتا ئىستىغپار ئېيتىشنى تىلنىڭ ئادىتى قىلدى، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن غەيۋەت، لەنەت ۋە بىھۇدە سۆزلەر ئاسىلىقىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلاپ قالدى.

مانا بۇ ئادەتتىكى بىر تائەت ئۈچۈن دۇنيادا بېرىلگەن پەزىلەتتۇر. ئەگەر ئۇلار بىلسە، ئاخىرەتتىكى بېرىلىدىغان پەزىلەت تېخىمۇ كاتتىدۇر.

سىز پەقەت بالايى-ئاپەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا تائەت-ئىبادەت قىلىشتىن ساقلىنىڭ، ئۇ ۋاقىتتا ئىبادەتكە بولغان رىغبىتىڭىز سۇسلىشىپ قالىدۇ، بۇ شەيتاننىڭ مەغرۇرلانغۇچىلارنى لەنەتكە ئۇچرىتىش ئۈچۈن راۋاجلاندۇرۇۋاتقان ھېلى-مىكرى بولۇپ، بۇ ئىش ئۇلارغا ئۆزلىرىنى يىراقنى كۆرەر، ئەقىل-پاراسەتلىك، ئاشكارا-يوشۇرۇن ئىشلارنى بىلىدىغان قىلىپ خىيال قىلدۇرىدۇ، قەلبى غاپىل بولسىمۇ تىلى بىلەن زىكىر ئېيتىشتا نېمە ياخشىلىق بولسۇن؟.

شەيتاننىڭ بۇ ھېلى-مىكرىسىدە ئىنسانلار ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ: ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغۇچى، توغرا يول تۇتقۇچى ۋە ياخشىلىق بىلەن ئىلگىرىلىگۈچى.

ياخشىلىق بىلەن ئىلگىرىلىگۈچى بولسا: ئى لەنەتگەردى! راست ئېيتتىڭ، لېكىن ئۇ ھەق سۆز بولسىمۇ، سەن ئۇنىڭ بىلەن باتىلنى مەقسەت قىلدىڭ، سېنى چوقۇم ئىككى قېتىم ئازابلايمەن، سېنى رەسۋا قىلىمەن، تىلىمنىڭ ھەركىتىگە قەلبىمنىڭ ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرىمەن دەيدۇ، ئۇ خۇددى شەيتاننىڭ جاراھىتىغا تۇز چېچىپ داۋالىغانغا ئوخشاشتۇر.

ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلىپ، قىلمىشىدىن مەغرۇرلانغۇچى بولسا: مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆز نەپسىدە چوڭلۇق ۋە زىرەكلىكنى ھېس قىلىدۇ، ئاندىن چىن قەلب بىلەن سەمىمى ئەمەل قىلىشتىن ئاجىز كېلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تىلىنى زىكىرگە ئادەتلەندۈرۈشنىمۇ تەرك قىلىدۇ، شەيتان ياردەم بېرىپ ئۇنىڭ مەغرۇرلۇق ئارغامچىسىنى بوش قويىۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا ئورتاقلىق ۋە بىرلىك ھاسىل بولىدۇ، ئۆز خىلىنى تىپىپتۇ دىيىلگەندەك، ئۇنىڭغا ماسلىشىپ قۇچاق ئاچىدۇ.

ئەمما ئوتتۇرا ھال يول تۇتقۇچى بولسا: ئەمەلدە قەلبىنى شېرىك قىلىش بىلەن شەيتاننى خار قىلالمايدۇ، تىل ھەرىكىتىنىڭ قەلىبكە نىسبەتەن كەمچىل ئىكەنلىكىنى سەزسىمۇ، نوقساننى تولۇقلاشتا سۈكۈت قىلىش ۋە بىھۇدە سۆزدىن ساقلىنىش يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاللاھ تائالادىن ياخشىلىققا ئادەتلىنىشتەقەلىبنىتىل بىلەن بىللە شېرىك قىلىشىنى سورايدۇ.

ياخشىلىققا ئىلگىرىلىگۈچى توقىمىچىلىقى ئەيىپلەنگەندە تاشلىۋېتىپ يازغۇچىغا ئايلانغان توقۇمىچىغا ئوخشايدۇ.

ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ كەينىدە قالغۇچى بولسا توقۇشنى پۈتۈنلەي تاشلاپ تازىلىقچى بولغان كىشىگە ئوخشايدۇ.

ئوتتۇرھال يول تۇتقۇچى بولسا يېزىقچىلىقتىن ئاجىز كىلىپ: ئەيىپلەنگەن توقۇمۇچىلىقنى ئىنكار قىلمايمەن، لېكىن توقۇمىچى تازىلىقچىغا ئەمەس، يازغۇچىغا نىسبەتەن ئەيىپلەنگەن، يېزىشتىن ئاجىز كەلسەممۇ توقۇمىچىلىقنى تاشلىمايمەن دېگەن ئادەمگە ئوخشايدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش سۆكۈلىدىغان نەرسىنىڭ نىمە ئۈچۈن سۆكۈلىدىغىنىنى، مەدھىيىلىنىدىغان نەرسىنىڭ نىمە ئۈچۈن مەدھىيلىنىدىغىنىنى چۈشىنىشىڭ كېرەك، بۇ ئىشلار سىلىشتۇرۇلۇپ ئىسپاتلىنىدۇ، نىسبەتلەشتۈرۈلمەستىن بېكىتىلمەيدۇ، بەلكى تائەت-ئىبادەت ۋە ئاسىيلىقتىن زەررە مىقداردا بولسىمۇتۆۋەن كۆرۈشكە بولمايدۇ". "ئىھيا ئۇلۇمىددىن"4-توم 48-بەت.

بەزى دانىشمەنلەر: ئەمەل پەقەت ئارزۇ بىلەنلا ھاسىل بولىدۇ دېگەن.

بىزنىڭ مەقسەت قىلىدىغىنىمىز: شەيتاننىڭ سىزگە پەيدا قىلغان ئۈمىتسىزلىك ھالىتىدىن تولۇق چېقىشىڭىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىت قىلىڭ، ياخشى كىشىلەرگە ئەگىشىڭ، ئەمەل قىلىشنى باشلاڭ، نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇشنى ئادەت قىلىڭ، نامازدىن بۇرۇن تەرەتنى كامىل ئېلىڭ، نامازنىڭ قىرائىتىدە، ئەيمىنىشتە ۋە نامازدىن كېيىنكى شەرئى زىكىر-تەسبىھلەردە سالماق بولۇڭ، ھەر نامازدىن كېيىن: ئى ئاللاھ! مېنىڭ سىلىنى ياد ئېتىشىم، نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىشىم ۋە ئىبادەتلەرنى گۈزەل بىر شەكىلدە ئادا قىلىشىمغا ياردەم بەرسىلە دېگەن بۇ دۇئانى ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سۇسلۇق، ئۇنىڭ سەۋەپلىرى ۋە ئىلاجى توغرىسىدا تېخىمۇ تەوسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 70314 - نۇمۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى