پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

بىر ئايال ھەرەمنىڭ ئىچىدە ئەرلەر ئۆتۈپ تۇرسىمۇ تاھارەت يېڭىلاش توغرىسىدا سورايدۇ

سۇئال

قىز-خانىملار ھەج ۋە ئۆمرە جەريانىدا، ھەرەم مەسجىدىدىن ھاجەتخانىغا بېرىپ-كېلىش قېيىن بولغانلىقى ئۈچۈن ھەرەمنىڭ ئېچىدىكى ئاياللارغا خاس بولغان ئورۇنلاردا تاھارەت يېڭىلاشنى مەقسەت قىلسا قانداق قىلىدۇ؟، گەرچە بۇ ئورۇن ئاياللارغا خاس ئورۇن بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئەرلەر ئۆتۈپ تۇرىدۇ، ئىككى قولىنى يۇغاندا بىلەكلىرىنى ئېچىشقا توغرا كېلىدۇ، بېشىغا مەسىھ قىلغاندا پېشانىسى تەرەپكە مەسىھ قىلىپ بېشىغا قولى بىلەن ياغلىقنىڭ ئۈستىدىن مەسىھ قىلسا بولامدۇ؟، مۇشۇنداق ھالەتتە قىز-خانىملارنىڭ تاھارەتنى قانداق ئېلىش توغرىسىدا ئوچۇق چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئايال كىشى ئەرلەر ئۆتۈپ تۇرىدىغان ئورۇندا تاھارەت ئېلىشقا قىستالغاندا، باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يەنە بىر ئايال ئۇنى جەينىماز ياكى ياغلىق دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن توسۇپ تۇرۇشى ياكى تاھارەت ئالغاندا ئېچىلىپ قالغان جايلىرىنى ئەرلەرنىڭ كۆرمەسلىكى ئۈچۈن ئۆتكەنلەرگە دۈمبىسىنى قىلىپ تاھارەت ئېلىشى كېرەك.

قولىنى يېڭىنىڭ ئىچىدىن چىقارمىغاندا، ئىككى قولىنى يۇغىلى بولمايدۇ، تاھارەتتە يۇيۇلىدىغان ئەزاغا سۇنى قۇيۇپ تولۇق يۇيۇش پەرز بولىدۇ، قولىنى يېڭىدىن چىقارمىغاندا تولۇق يۇغىلى بولمايدۇ.

بېشىغا مەسىھ قىلىش مەسىلىسىدە، دەسلەپتە پېشانىسىگە مەسىھ قىلىدۇ ئاندىن ياغلىقتىن ئۈستىدىن بېشىغا مەسىھ قىلىدۇ، كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئاياللارنىڭ ياغلىقنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان بولۇپمۇ ئېھتىياجلىق بولغان ئەھۋاللاردا شۇنداق بولىدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپراق مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 139719- نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاياللارنىڭ ئالدىدىن چەككەن ياغلىق ئۈستىدىن مەسىھ قىلىشى توغرىسىدا ئىككى خىل كۆزقاراش بولۇپ:

بىرىنچىسى: بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا رۇخسەتنى بايان قىلغان دەلىللەر ئەرلەر توغرىسىدا ئىشەنچىلىك، ئاياللار توغرىسىدا شەكلىك، چۈنكى ئاياللارنىڭ بېشىنى ئورىغان ياغلىقى ئۇلارنى نامەھرەمدىن ساقلايدىغان نەرسىدۇر.

ئىككىنچىسى: ئايالنىڭ ياغلىقىنىڭ ئۈستىدىن بېشىغا مەسىھ قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىسىدە: «ئۆتۈككە ۋە ياغلىققا مەسىھ قىلىڭلار» دېگەن، بۇ ھۆكۈم ئومۇم بولۇپ ئەرلەرگە ئەگەشتۈرۈپ ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، خۇددى ئۆتۈككە مەسىھ قىلىش ئەرلەرگە بايان قىلىنغان بولسىمۇ ئاياللارمۇ بۇ ھۆكۈمگە ئەمەل قىلىدۇ.

ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى مۇنزىر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ :«ياغلىقنىڭ ئۈستىدىن بېشىغا مەسىھ قىلغانلىقىنى» بايان قىلغان. ئەگەر ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلغانلىقىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھۆكۈم ئالمىغان بولسا ئىدى، ياغلىق ئۈستىدىن مەسىھ قىلمىغان بولاتتى، چۈنكى ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەقسىتىنى بەكرەك چۈشەنگەن كىشىلەر جۈملىسىدىندۇر.

باشقا مەسىھ قىلىشتا ئەرلەرنىڭ باش كىيىمىنىڭ ئۈستىدىن مەسىھ قىلىشى دۇرۇس بولغاندەك ئاياللارنىڭمۇ باش كېيىنىمىنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ.

ياغلىق بېشىنى ئوراش دۇرۇس بولغان باش كىيىمى بولۇپ، كۆپىنچە ئۇنى بېشىدىن ئىلىش قېيىن بولىدۇ، ئۇ ئەرلەرنىڭ بېشىغا چەككەن سەللىسىگە ئوخشايدۇ.

ئاياللارنىڭ باش ياغلىقى ئەرلەرنىڭ سەللىسىدىنمۇ بەكرەك باشنى يۆگەيدۇ، كۆپىنچە ئۇنى بېشىدىن ئېلىش قېيىن بولىدۇ، ئاياللارنىڭ بېشىغا مەسىھ قىلىشقا بولغان ئېھتىياجى ئاياغقا مەسىھ قىلىشتىن كۈچلۈكرەك بولىدۇ". ["شەرھۇل ئۇمدە" ناملىق ئەسەرنىڭ تاھارەت بۆلۈمى 265-بەتتىن ئېلىندى].

بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپراق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن 148129- 72391-112171-نۇمۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى