جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئويۇندىن ئېرىشكەن نۇقتىلار ۋە دەرىجىلەرنى سېتىشنىڭ ھۆكمى توغرسىدا

سۇئال

ئويۇندا يۇقىرى نەتىجە قازانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىكى نەتىجەمنى سېتىشتا شەرىئەتنىڭ ھۆكمى نېمە؟ مەن "بوم بىئىچ" دەپ ئاتىلىدىغان ئويۇننى ئوينايمەن، ئۇ ئويۇن: ئۇرۇش قىلىدىغان رايۇنىنى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنى قۇرۇش، تەرەققى قىلدۇرۇش، ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلار مۇكەممەل پىلان تەلەپ قىلىدۇ، ئويۇندا يۇقىرى نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن مۇكەممەل ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىلان بويىچە باشقا رايۇنلارغا ھۇجۇم قىلىش كېرەك، ئۇنداق قىلمىسا مەغلۇب بولىدۇ، ئۆز رايونىمنى تەرەققى قىلدۇرۇشمۇ شۇنىڭدەك بولۇپ، ئۇ ئەقلى ۋە ھەربى ئىقتىدارلىرىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت، بەزى كىشىلەر مېنىڭ مۇشۇ ئويۇندا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىمنى سېتىۋىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى، چۈنكى مېنىڭ نەتىجىلىرىم بەك يۇقىرى ئىدى، مۇشۇنداق سودىدىن كەسىپ قىلغان مالنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن!.

ئەگەر ئويۇن كۇپرى ئىدىلوگىيەلىرى، ناخشا-مۇزىكىلار ۋە يالىڭاچ سۈرەتلەر قاتارلىق شەرئى چەكلىمىلەردىن خالى بولسا، بۇنداق ئويۇننى ئوينىسا گۇناھ بولمايدۇ، ھالبۇكى ئويۇننىڭ بۇنداق بولىشى رىئاللىقتىن يىراق. ئويۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەتىجىنى سېتىشقا كەلسەك، ئەسلىدە پايدىسى مەلۇم بولغان ھەرقانداق رۇخسەتلىك نەرسىنى سېتىشقا بولىدۇ، لېكىن بۇنداق ئويۇنلار بىلەن مەشغۇل بولماسلىق ئەڭ ياخشى، چۈنكى ئۇ قوغداشقا بۇيرۇلغان ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق، شۇنداقلا نەتىجىلەرنى سېتىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭمۇ ۋاقىتلىرىنى ئىسراپ قىلىشىغا ھەسسە قوشقانلىق بولىدۇ. بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئىلىش ئۈچۈن 2898- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار