شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىش ئورنىدىن جۈمە نامىزىغا بېرىشقا رۇخسەت قىلىنمىسا، قانداق قىلىش كېرەك؟

سۇئال

غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان بىر كىشىنىڭ قىلىدىغان كەسپى بىناكارلىق، يەنى قۇرۇلۇشچىلىق بولۇپ، ئىش باشقۇرغۇچى ئۇ كىشىنىڭ جۈمە نامىزىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىشى كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىش سىز سوئالدا بايان قىلغاندەك بولسا، بىناكارلىق كەسپى پىتنە-پاساتتىن يىراق بىر كەسىپ بولۇپ سىزنى بۇ كەسىپنى قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمىز، سىز ئىش باشقۇرغۇچىدىن ئۆزىڭىز ۋە باشقا مۇسۇلمان ئىشچىلارنىڭ جۈمە نامىزىغا بېرىپ كېلىشى ئۈچۈن رۇخسەت سوراڭ، ئىش باشقۇرغۇچى بۇنىڭغا ماقۇل بولسا، بۇ ناھايىتى ياخشى، ئەگەر ئۇنىمىسا، سىز ئۇنىڭغا جۈمە نامىزىغا بېرىپ كەلگەن ۋاقىتنىڭ ئورنىغا تولۇقلاپ ئىشلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭ، ئىش باشقۇرغۇچىنىڭ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمىز. ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشنى سورايمىز.

ئەگەر ئىش باشقۇرغۇچى بۇنىڭغىمۇ ئۇنىمىسا، سىز بۇ كەسپىڭىزنى داۋاملاشتۇرىۋىرىڭ، ئاللاھ خالىسا، سىزنىڭ ئامالسىز جۈمە نامىزىنى ئوقۇيالمىغانلىقىڭىزغا گۇناھ بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىز تىرىشچانلىق قىلىپ پۇرسەت بولسىلا جۈمە نامىزىغا بېرىشقا تېرىشىڭ.

پىقھى ئالىملىرى: ئىنسانغا ئۆز ھاياتىدىن ياكى مال-مۈلكىدىن ياكى ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان تۇرمۇش يولىدىن ئەنسىرەش قاتارلىق سەۋەبلەر ئۇ كىشىنىڭجۈمە نامىزىنى تەرك قىلىشىغا يېتەرلىك سەۋەپ بولىدۇ.

مەرداۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننىڭ ئۆزى ئېھتىياجلىق بولىدىغان تۇرمۇش يوللىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىشىدىن ئەنسىرىشى ياكى ساقلاش ئۈچۈن ئالغان ماللاردىن ئەنسىرىشى (يەنى باغ-بوستانلارغا قارايدىغان ئىشلىرىدىن ئەنسىرىشى) قاتارلىق ئىشلار جۈمە نامىزى ۋە جامائەت نامىزىنى تەرك قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەپ بولىدۇ. "ئەلئىنساپ" ناملىق ئەسەر 2-توم 496-بەت.

"كەششاپۇل قەننا" ناملىق ئەسەر 1-توم 495-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "ئىنساننى چوڭ-كىچىك تەرەت قىستىسا ياكى مال-مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىنقورقسا، ئېھتىياجلىق بولغان تۇرمۇش يوللىرىدىن ئەنسىرىسە، زىرائەت-باغ قاتارلىقلارنى سۇغىرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ يەردىن ئايرىلسا زىرائەت-باغنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلسا ياكى جۈمە نامىزىغا بېرىپ-كېلىپ بولغىچە، ساقلاش ئۈچۈن ئالغان نەرسىنىڭزايە بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، جۈمە نامىزىغا بېرىپ- كېلىپ بولغىچە يامغۇردا كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كەتسە ۋە ياكى بەك جاپا تارتىپ قالىدىغان بولسا، يۇقىرىقى ئىشلار ئۇ كىشىنىڭ جۈمە نامىزى ۋە جامائەت نامىزىنى تەرك قىلىشىغا يېتەرلىك سەۋەپ بولىدۇ".

ئاللاھ تائالادىن سىزگە ئۆز پەزلىدىن رىزىق بېرىشىنى، ھالال قىلغان نەرسىلەر ئارقىلىق ھارام نەرسىلەردىن بىھاجەت قىلىشىنى سورايمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى